Kayıtlar

Ekim, 2022 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلارنىڭ زىيىنى يوقمۇ؟

  بىلىم ئېھتىمالىقلار ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان بولۇپ، بىر يېڭى قىياس ( hypothesis    ) نىڭ قوبۇل قىلىنىشى ياكى رەت بولىشى ۋەياكى ئاغدۇرۇۋېتىلىشى ئۈچۈن قولىنىلىدىغان ستاتىستىكىلىق سىناقلارنىڭ ئېھتىماللىق قىممىتى بولغان P نىڭ خاتالىق پېيى %5 تىن كىچىك بولىشى كېرەك.  يەنى ئىلمىي تەتقىقاتلار باشلىنىشتىن ئاۋۋاللا %5 لىك خاتالىقنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا چىققان تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى مۇتلەقلىق ئىپادە قىلمايدىغان بولۇپ، كىم بۇ نەتىجىلەر ئۈستىدىن كەسكىن، مۇتلەق ھۆكۈملەر چىقارسا ئىلمىي بولمىغان، ئۆزىنى بىلەلمەي چوڭ گەپ قىلغان بولىدۇ. بولۇپمۇ تەجرىبىخانلاردا سىناق قىلىش مۇمكىن بولمىغان، سىناق ئوبيېكتى ئىنسانلار بولغان ئىجتىمائىي پەنلەردە بۇ نۇقتا تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، بۇ يەردىكى يۈزدە بىرلىك  خاتالىقمۇ بىر جەمئىيەت ياكى ئىجتىمائىي گۇرۇپپىنىڭ  يۈز يىللىق ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ ئۇلارغا تولۇقلاش تەس بولغان پالاكەتلەر ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ بەدەن ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقىمىزنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن توغرىلارغىلا ئەمەس، مۇتلەق توغرىلارغا يەنى ھەقىقەتلەرگە، ھېكمەتلەرگە ئېھتىياجىمىز بار.  مۇتلەق توغرىلارغا

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار( گ. ۆ. ج )

  بۇرۇن قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك ،گېنىمىز بىزنىڭ سىر قۇتىمىز، مەخپىيەت ساندۇقىمىز بولغانغا ئوخشاش، باشقا جانلىقلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى، باشقا تۈرلەردىن پەرقلىق خۇسۇسىيەتلىرى ساقلانغان گېن كىتابى يەنى گېننومى سى بولىدۇ. بۇ كىتابنىڭ ۋاراق سانى ۋە مەزمۇنلارنىڭ ئوخشاشماسلىقى تۈپەيلى ھېكايىنىڭ پېرسوناژلىرى، ۋەقەلىكى، ئۇسلۇبىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. مەسلەن، ئىنساننىڭ 46 دانە خروموسومى بولسا، قوناقنىڭ 20،  پەمىدۇرنىڭ 24، چاشقانلارنىڭ 42 ،  مايمۇنلارنىڭ 48 ، ئاتنىڭ 64 خروموسومى بار. بۇ كىتاب يېزىلغان قەلەم ۋە ئىشلىتىلگەن رەڭ ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈرلەر ئىچىدىكى ۋە باشقا تۈرلەر ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق ناھايىتى يۇقىرى. دۇنيادىكى 8 مىليارد ئىنساننىڭ 8 مىليارد خاسلىقىنى بەلگىلەيدىغان گېنىنىڭ 99.9 پىرسەنتى ئوپمۇ- ئوخشاش بولغان بولسا، بىز بىلەن شىمپاڭزىلارنىڭ گېننىڭ 98  پىرسەنتى ئوخشاشتۇر.  شۇنداقلا بۇ كىتابنىڭ قەلەم قۇۋۋىتى ئۇ قەدەر قۇۋەتلىككى، 0.1 پىرسەنتلىك پەرق بىزنى ئوخشاشمىغان ئىنسانلار قىلسا، 2 پىرسەنتلىك پەرق بىزنى مايمۇن بولۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ. ھەتتا كىتابتىكى بىر چىكىتنىڭ ئورنى ئۆزگى

بىر چولپاننىڭ سۆزلىرى: راك دەرسلىك كىتابىدۇر

  راك تېمىسىدا ماقالە يېزىۋاتقان شۇ مەزگىللەردە ئامېرىكانىڭ كىنو چولپىنى ۋە پائالىيەتچى Jane Fonda   نىڭ يېقىندا لىمفا راكىغا گېرىپتار بولغانلىقىدىن ئىبارەت خەۋىرىنى Twitter ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۇقتۇرۇش مەقسىتىدە يازغان خېتى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. خەتنىڭ مەزمۇنى دەل 3 ھەپتىدىن بىرى راك بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېمەكچى بولغانلىرىمىزنىڭ بىر خۇلاسىسى بولۇشتەك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىدىن راكقا مۇناسىۋەتلىك ئۆگىنىدىغان دەرس ۋە ساۋاقلار بار ئىدى. بۇ قېتىمقى لىمفا راكى 86 ياشقا كىرگەن بۇ سەنئەتچىنىڭ گېرىپتار بولغان 3- قېتىملىق راكى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن 2010- يىلى ئەمچەك راكىغا، 2019 - يىلى تېرە راكىغا دۇچار بولغان ئىدى.  ئۇنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتى، تۇرمۇش ئەندىزىسى ۋە داۋالىنىش تەپسىلاتىنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇ راكلار زەنجىرنىڭ 1- قېتىملىق راكتا ئىشلەتكەن خىمىيەلىك دورىلارنىڭ نەتىجىسىمۇ؟ بۇنىڭغا بىرنېمە دېيىش تەس. ئەمما خىمىيەلىك دورىلارنىڭ ( ماركىلىق زەھەر ) ئىككىلەمچى راكلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقى بىر ھەقىقەت. تۆۋەندە ئۇنىڭ ئۇ خېتىگە بىر نەزەر تاشلايلى: « بۇ بىر داۋاسى بار بولغ

راك- پۇرسەت قاچمىسۇن، ئۈمىد ئۆچمىسۇن

  ئىنسان بەدىنىدىكى پۈتۈن گېنلارنىڭ يىغىندىسى گېننوم ( Genom ) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پرىنتېردىن بېسىپ چىقارساق، گېننوم ئىسمىغا لايىق تەرىقىدە 262 مىڭ ۋاراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 175 توملۇق قېلىن بىر كىتاپ ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئىنساننى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان تەرىپى گېنىمىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت %2 - 1.5 ى   كۈندىلىك ھاياتىمىز بىلەن مۇناسۋەتلىك ئاقسىل ۋە ئېنزىملارنى كودلايدىغان بولۇپ، قالغان قىسمىنىڭ نېمە رولى بارلىقى تېخىچە بىر سىر. بەلكىم بىز ھېس قىلماستىن كۈندىلىك ئىش پائالىيەتلىرىمىز ھەتتا ئوي- خىياللىرىمىز بۇ سىغىمى بۈيۈك ساقلىغۇچى دىتالغا ساقلىنىۋاتقان بولۇشى، پۈتۈن ھاياتىمىزنىڭ ھېكايىلىرى، ئاچچىق - چۈچۈك سەرگۈزەشتىلىرىمىز بۇ كىتابقا ئۆز قەلمىمىز بىلەن يېزىلىپ كېلەچەكتە نەشىر قىلىنىشنى ساقلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئايروپىلانلارنىڭ قارا قۇتىسىغا ئوخشاش گېنىمىز بىزنىڭ ھەم سىر قۇتىمىز،ھەمدە مەخپىيەت ساندۇقىمىزدۇر. ئىنساننىڭ خاتالىقى، بىخوتلىقى ۋە پەرۋاسىزلىقى تۈپەيلى بەزى سىرلارنىڭ پاش بولۇشى، بەزى مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن بەزى كېسەللىكلەر ئوتتۇرىغا چىقىدىغان