سۇ ھەر دەردكە داۋا سۇيۇق دورا
ئىنسان ساغلاملىقى بىر تەلەپ- تەقدىمد ى ن ئىبارەتتۇر. ئىنسان بىئولوگىيەلىك، پىسخولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بەدەن، ئەقىل ، روھ ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياجلىرى ئىنساندىن بىر نەرسىلەر تەلەپ قىلسا، ئىنسانمۇ بەدەن ساغلاملىقى، ئەقىل تەرەققىياتى، روھ خۇشاللىقى ۋە كوللېكتىپ سائادىتى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇشى ۋە تەلەپ قىلىنغان نەرسىلەرنى توغرا ۋاقىتتا، ئۇيغۇن مىقداردا، يۇقىرى سۈپەتتە تەقدىم قىلىشى كېرەك. ئەمما ئىشلەتمىگەن پىچاق گاللاشقاندەك، ئۆزىنى كۆزەتمىگەن، ھەر ھادىسە ئۈستىدە تەپەككۈر قىلمىغان، بەدىنى بىلەن مۇڭدىشىپ، روھى بىلەن سىرداشمىغان ئىنسان بالىسى ئۆزىگە ئەڭ مۇھىم بولغاننى، ئېھتىياجلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى كۆپىنچە ھاللاردا ئۇقماي قىلىدۇ. بەزىدە پالانى بۇنى يەيدىكەن، پۇستانى بۇنى كىيىدىكەن دېگەندەك تاشقى دۇنيادىن تېڭىلغان سۈنئىي ئېھتىياجلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۆزىگە خاس تەبئىي ئېھتىياجلارنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىۋاتقان بولسا، بەزىدە ئېھتىياجلار ئارسىدىكى تەڭپۇڭلۇققا دىققەت قىلماي، بەدەن ئېھتىياجىنى دەپ، روھنىڭ ئېھتىياجلىرىنى، شەخسىي ت...