Kayıtlar

Ağustos, 2022 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

پەسىللەر پەيلىڭىزنى بۇزمىسۇن

  ئالدىنقى ماقالىدە دەپ ئۆتۈلگەندەك، پەسىللەر ئەسلىدە بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن ئېسىل پۇرسەت. ئەمما پەسىللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ژىرىكلىشىپ كەتكەچكە، ئۆز- ئارا ياتلىشىپ، ئوتتۇرىمىزدىكى تەڭپۇڭلۇق ، ماسلىشىشچانلىق ۋە ئالاقە ئۈزۈلگەنلىكى، ئېكولوگىيىلىك سىستېما بۇزۇلۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز يىپرانغانلىقى ئۈچۈن پەسىللەر ئىنسانلارنى كېسەل، بىز ئۇلارنى رەنجىدە قېلىۋاتىمىز. پەسىللەرگە ئاتىپ قويغان  كېسەللىكلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولماستىن ، روھ خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگەللىمەكتە. پەسىل خاراكتېرلىك  كەيپىيات قالايمىقانلىقى ( Seasonal affective disorder- SAD   ) ئۇلاردىن بىرسى. پەسىل خاراكتېرلىك   كەيپىيات قالايمىقانلىقى ھەر يىل مەلۇم ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك شىكايەتلەر كۆپۈنچە ھاللاردا كۈز ۋە قىش پەسلىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، باھار ۋە ياز ئايلىرىدا ئازايماقتا. بەزى كىشىلەردە پۈتۈنلەي تەتۈرى كۈچكە ئىگە بولۇپ، باھار ۋە ياز ئايلاردا ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە ساقايماقتا. بۇ خىل كېسەللىك مەزگىلىدە، ئىنسانلاردا

پەسىللەر ۋە كېسەللەر

  يەرشارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتىراپىدا سائەتتە 1670 كىلومېتر تېزلىكتە چۆگىلىشى، قۇياش ئەتىراپىدا سائەتتە 107000 كىلومېتر سۈرەتتە ئايلىنىشى ۋە يەر شارى ئوقىنىڭ 23 گىرادۇس مايماقلىقى ئۇ گۈزەل پەسىللەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى بولۇپ، ھەر پەسىلنىڭ ئۆزگە خاس رەڭگى، خاسىيىتى ۋە ئىنسان بەدىنىگە تەسىرى بار. تەبىئەت ئوخشاشمىغان  پەسىللەردە ئىنساننى ھەيران قالدۇرۇدىغان ئۆزگۈرۈشلەر ياشىسا، ئىنسان بەدىنىمۇ خۇددى تۆت پەسلىنى ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك پۈتۈن ئەزا ۋە ئۇلارنىڭ فۇنكىسىيسىدىمۇ ئاجايىپ ئۆزگۈرۈشلەر مەيدانغا كېلىدۇ. بەدىنىمىز خۇددى بۇ پەسىللەرنىڭ كېلىدىغىنى بىلىدىغاندەك ۋەياكى ئۇلارنىڭ كېلىشنى بېرىسى قۇلقىمىزغا پىچىرلىغاندەك بۇ مېھمانلارنى قارشى ئىلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قولى كۆكسىدە ، كۆزى يوللاردا.  پەسىللەر تەبىئەتنى پەپىلىسە، تەبىئەتمۇ بىرسىدىن بۇيرۇق ئالغاندەك بىزنى قوللاپ- قوغدىماقتا. گەرچە بىز بىلمىسەكمۇ، دىققەت قىلمىساقمۇ، ئۇ پەسىلگە خاس ھاۋا، بىزنىڭ ساقلىقىمىزغا ماس يېمەك- ئىچمەكلەرنى بىزگە سۇنماقتا. پەسىل ، تەبىئەت ۋە بەدەن ئارىسىدىكى بۇ يېقىن مۇناسىۋەت، بىر- بىرىگە بولغان مېھرى- مۇھەببەتنى كۆ

داۋالاشنى خاسلاشتۇرۇش، بىمارلارنى خارابلاشتۇرۇش

  ئىنسان گېىن پروگراممىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى، ئىنسان گېنىنىڭ تۈزۈلۈش ۋە تىزىلىشىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇل ۋە تىخنىكىلاردىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەشلەر، ھەر خىل مولىكۇلا سەۋىيىدە دىئاگنۇز، تەسۋىرلەپ كۆرسىتىش، كۈزىتىش ، داۋالاش قاتارلىق  جەھەتلەردىكى ئۇچقاندەك تەرەققىياتلار مېدىتسىنادا كىشىگە خاس داۋالاشنى مەقسەت قىلغان « كىشىلەشتۈرۈلمىش مېدىتسىنا» ( personalized medicine   ) ، « سەزگۈر مېدىتسىنا» ( precision medicine ) غا ئوخشاش يىڭى ئۇقۇملار، يىڭى ئېقىملار مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. بۇلار ئىنسانلارنىڭ پەرقلىق بولىشى، كېسەللىكنىڭ پەرقلىق بەدەندىكى پەرقلىق  تەرەققىيات باسقۇچلىرى ۋە مىخانىزمى ، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ئوخشاشماسلىقى، كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىدىكى پەرقلەرنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ گېن تۈزۈلۈشىدىكى ئىنچىكە پەرقلەرنى ئاساس قىلغان بىر دىئاگنوز ۋە داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر داۋالاش مودېلىنى خىيال قىلماقتا.  « كىشىلەشتۈرۈلمىش مېدىتسىنا» 2005 - يىل Francis Collins تەرىپىدىن، « سەزگۈر مېدىتسىنا» 2009- يىلى  Clayton Christensen تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا ئېتىلغاندىن تارتىپ

خاسلىق ۋە ساقلىق

  ھەر بىر ئىنسان بالىسى بىر باشقا دۇنيا بولۇپ، بىر قېرىندا ياتقان ئۇرۇق- تۇققانلارنىڭمۇ خۇي- پەيلى، ھايات ھېكايىسى، دۇنيا قاراشلىرى ۋە ساغلاملىق ساپالىرى ئاجايىپ پەرقلىق.  بۇ ئوخشاشماسلىق بىزنىڭ خاسلىقلىرىمىز بولۇپ، بۇ ئەسلىدە بىزگە بىرىلگەن قىممەت، رەخمەت، مەسئۇلىيەتنىڭ ئىپادىسى. ھەر بىرىمىز ئۆزگىچە بولغانلىقىمىز، ئۆزىمىزگە خاس رولىمىز ۋە مەجبۇرىيەتلىرىمىز، يارىتىلىشتا ئايرىم ئورنىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۆزىمىزگە خاس، ئىنسانغا ماس مۇئامىلىگە ھەققىمىز بار. بۇ خاسلىقلىرىمىزنىڭ ئىزنى رەڭگىمىزدە، كۆزلىرىمىزدە ، تىلىمىزدا، بارماق ئىزلىرىمىزدىلا ئۇچراتماستىن، بەلكى تۇيغۇمىزدا، ھال ۋە ھەرىكەتلىرىمىزدە  ئەڭ مۇھىمى دۇنيا قاراشلىرىمىزدىمۇ ئۇچىرتىشىمىز مۇمكىن. يىغىپ ئېيتقاندا خاسلىقىمىز خاسىيتىمىزدۇر. ئىنساننى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى دۇنيادىكى 8 مىليارد ئىنساننىڭ 8 مىليارد خاسلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل گېنىمىزنىڭ پەقەت 0.01 پىرسەنتلىك قىسمى بولۇپ  ئۇ قەدەر ئايرىم دۇنيا ھېسابلىنىدىغان 8 مىليارد ئىنساننىڭ،  پەرقلىق مىللەت،  مەزھەپ ۋە مەشرەپلەرنىڭ گېنىنىڭ 99.9 پىرسەنتى ئوپمۇ- ئوخشاش. بۇ مەيلى