Kayıtlar

ئېلىكتىرتور ساغلاملىقى etiketine sahip yayınlar gösteriliyor

ئۇچۇرنىڭ پارتىلىشى ، بۇلغىنىشى ۋە ساقلىقنىڭ بۇزۇلۇشى

ئىنسانلىق تارىخىدىكى ھەر دەۋرنىڭ ئۆزگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار بولۇپ، ھەر دەۋر ئىنسان تۇرمۇشىغا، ئاڭ - تۇيغۇسىغا ۋە ساغلاملىقىغا ھەم مۇسبەت ھەم مەنپىي تەسىرلەر ئېلىپ كەلمەكتە. گەرچە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بولسىمۇ، بۇ يەردىكى « تەرەققىيات » ئۇقۇمى ناھايىتى مۇجمەل بىر تەرىپ بولۇپ، تەرەققىياتقا ئوخشاش بولمىغان بۇرجەكتىن قارىسىڭىز پەرقلىق نەتىجىلەرگە ئىگە بولىسىز. ئەگەر جەمئىيەت تەرەققىياتىغا جەمئىيەتنىڭ ۋاستىسى بولغان ئىشلەپچقىرىش ۋاستىلىرى تەرىپىدىن قارىسىڭىز،  ھەقىقەتەن ئۈزلىكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر رەسىمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن مەس بولۇپ ئەس - ھۇشىڭىزنى يوقۇتۇپ قويشىڭىز تۇرغانلا گەپ. ئەگەر جەمئىيەت تەرەققىياتىغا جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى بولغان ئىنسان ۋە ئىنساننىڭ مەنىۋىي تەرىپىدىن قارىسىڭىز،  زور چېكىنىشنى كۆرۈپ قورقىدىن شۈركىنىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. قاچان جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى بولغان ئىنساننىڭ مەنىۋى تەرەققىياتنى ئاساس غايە قىلغاندا  بۇ تەرەققىيات ئىنسانغا بەخت - سائادەت، خۇشال - خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ.  قاچانكى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي...

ئېلېكتىرتور ساقلىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى- 2

  9. پەرزەنتلىرىمىزگە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلارنىڭ مەيلى رېئال ھاياتتا مەيلى مەۋھۇم دۇنيادا بولسۇن ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىڭ! ئۆز- ئارا ئالاقىدە باشقىلارغا سەمىمى، ئادىل ۋە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىش لازىملىقىنى، باشقىلارغا ھۆرمەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ قىممەت تاپىدىغانلىقىنى، باشقىلاردىن كۆرۈشنى خالىمىغان ئىش- ھەرىكەتلەرنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىك توغرىسىدا تەلىم- تەربىيە بىرىڭ. 10. توردۇنياسىدىكى ئۆز- ئارا ئالاقە ۋە خەت- چەكلەردە توغرا، مۇكەممەل، پاكىز تىل ئىشلىتىشكە دىققەت قىلايلى. توغرا ئىشلىتىلگەن كەلىمە، چىرايلىق يېزىلغان خەت- چەكلەر، ئىملا خاتاسى ۋە گرامماتىكىلىق نۇقسانلاردىن پاكىز يازمىلار بىزنىڭ ئۆز- ئارا مۇناسىۋەتكە تۇتقان پوزىتسىيەرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 11. مەۋھۇم دۇنيادا باشقىلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيلى. مەلۇم مەنبەدىن ئىلىنغان مەلۇماتلارنى باشقىلارغا تارقىتىشتىن ئاۋۋال ئۇ مەنبەنىڭ ئىگىسىدىن ئىجازەت سوراش لازىملىقىنى ئېسىمىزدىن چىقارمايلى. باشقىلارنىڭ پىكىر ھەققى، قەلەم ھەققى ۋە ماركا ھەقلىرىگە تاجاۋۇز...

ئېلېكتىرتور ساقلىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى- 1

  ئېلېكتىرتور ساقلىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ساغلاملىقىمىزنىڭ بىر پارچىسى بولغان بۇ تېما ھەققىدە تونۇشىمىزنى تىكىلگەندىن كېيىن ، ياشاۋاتقان دەۋرىمىزنىڭ ھاۋاسىنى، رېئال دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئەمما مەۋھۇم دۇنياغا قېچىۋاتقان بالىلىرىمىزنى يېڭى باشتىن تونۇپ يەتكەندىن كېيىن بىر ئۇزۇنغا سوزۇلغان پىلان ۋە تۆۋەندە ئىپادە قىلىنغان سىتراتىگىيلەر بىلەن ئەمەلىي ۋە قەتئىي قەدەملەرنى تاشلىشىمىز كېرەك. 1. ئاۋۋال بۇ مەۋھۇم دۇنيانى ئۆزىمىز ئۆگىنەيلى. بۇ تور دۇنياسىدىكى ھادىسىلەر، تەرەققىياتلار، كەلگۈسىدە تىخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولدىغان Metaverse (مەۋھۇم كائىنات ) نىڭ نېمىلىكىنى، مەۋھۇم پۇللارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە خەتەرلىرىنى، تور ئويۇنلارنىڭ   سېھرىي كۈچىنى، بۇلارنىڭ پايدا زىيانلارنى، توغرا- خاتالىرىنى بىلىشىمىز لازىم. سۈنئىي ئىدراك، بلوك زەنجىر تېخنىكىسى ، Web 3.0 ، مەۋھۇم رېئاللىق ئەسۋابلىرى، تىگىشتۈرگۈسىز تەڭگە ( NFT ) قاتارلىق يېڭى پەن- تېخنىكا ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن خەۋەردار بولىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىز بىلمەيدىغان بىر تېما ئۈستىدە بالىلارغا ۋە باشقىلارغا تەلىم-...

ئېلېكتىرتور ساغلاملىقى ھەققىدە - 2

  ئېلېكترونلۇق ئويۇنلار ۋە توردۇنياسىدىكى سېھىرلىك مەزمۇنلار پەرزەنتلىرىمىزنى ئائىلە باغرىدىن يۇلۇپ ئىلىپ ئۆزىنىڭ مەۋھۇم قوينىغا ئاتماقتا. ئۇلارنىڭ ئۆيى توردا، دوستلىرى توردا، مەكتىپى توردا ۋە ئوينى توردا بولۇپ، قارشىسىدىكى ئۇ سوغۇق ئېكرانىدىن يىڭى قۇرۇلغان بۇ توردۇنياسىغا غەرق بولماقتا. بۇ مەۋھۇم دۇنيانىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ بەزىلىرى ئېلېكتروماگنىت دولقۇنلىرىنىڭ تەسىرى ۋە ھەرىكەتسىز ھايات قېلىپنىڭ سەۋەبىدىن ۋۇجۇد ئاغرىقى، كۆز قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، سېمىزلىك، ئۇيقۇسىزلىقتەك بەدەن ساغلاملىقى مەسىلىلەرگە دۇچار بولسا، بەزىلىرى ئاسان تىركىش، قايغۇ، چۈشكۈنلۈك ۋە تورخۇماردەك روھى پىسخىكىلىق كېسەللەرگە گېرىپتار بولماقتا.  نۇرغۇنلىرى بۇلارنى بىر رېئاللىق دەپ قوبۇل قىلۋالماقتا ۋە ئۇ مەۋھۇم دۇنيادىن رېئال ھاياتقا قايتىش نىيىتى ۋە پىلانى يوق. يۈزتۇرانە ئالاقىلىشىش، ئۆزنى ئىپادىلەش، قارشى تەرەپنى چۈشنىش، ئۆز- ئارا سۆيگۈ- مۇھەببەت ئىزھار قىلىش قاتارلىق ئىجتىمائىيلىشىش قابىلىيەتلەردىن مەھرۇم چوڭ بولىۋاتقان بۇ نەسىللەرنىڭ زېھنىدە ئائىلە، توپلۇلۇق ۋە جەمئىيەت دىگەندەك ئۇقۇملار مۇجمەل بولۇپ، گەرچە تورد...

ئېلېكتىرتور ساغلاملىقى ھەققىدە - 1

ئاجايىپ دۇنيادا ياشاۋاتىمىزكى دۇنيانىڭ ئىچىدە بىر تور دۇنياسى بار، بىر ئائىلىدە بىر- بىرىمىزگە ئۇ قەدەر يېقىندەك كۆرۈنسەكمۇ، ئەسلىدە باشقا- باشقا دۇنيالاردا كەزمەكتىمىز. بۇ مەۋھۇم دۇنيا ئىچىدىكى سەرخىل مەزمۇنلار، ھاياجان بېرىدىغان ئويۇنلار ، ئۇپا- ئەپلىكلىك بىلەن بىزەلگەن مەھسۇلاتلار، سىرلىق تىلسىماتلار، نەپسىمىزنى پەپىلەيدىغان ئەپسۇنلار، بەدىنىمىزنى ۋە روھلىرىمىزنى زەھەرلەيدىغان توكسۇنلار بىلەن بىزلەرنى ، بالىلىرىمىزنى " بۇ تارتىش كۈچىدىن مەرھۇم، مەنىسىز، ئادالەتسىز " دۇنيادىن تارتىپ ئىلىپ ئۆزنىڭ جەلپكار قوينىغا ئاتماقتا. بۇ دۇنيانىڭ كۈلپىتىدىن ، بەركىتىدىن كېچىپ ئۇ دۇنيا سەۋداسى بىلەن كۆيۈپ يانغانلارنى سوپى دېسەك، بۇ مەۋھۇم دۇنيانىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ كۈل بولاۋاتقانلارغا نېمە دېيىش كېرەك؟ " تور سوپى " مۇ؟ " تور سوپى- ئىشانلار" مۇ؟ تور دۇنياسى، پەن- تېخنىكا قالپىقى ئاستىدا بىزنى ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى ئەسىر قىلماقتا، ھۇرىيەتىمىزدىن مەھرۇم قوي ماقتا، بىزنى قورغانسىز تۇرمىلارغا سولماقتا. شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە، ئوغلۇمغا يولدىن قارشى تەرەپكە بىخەتەر ئۆتىشىنى ، سۇ...

ئېلېكتىرتور كېسەللىكلىرى- 2

  10. Myspace دورامچىلىقى ( Myspace impersonation ) : بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەر خىل يالغان ھېساب ئىچىپ، بۇ ھېسابتا پەرقلىق رەسىم ۋە مەلۇماتلار بىلەن باشقىلارغا ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى بىر كىشى ۋەياكى پېرسۇناژ سۈپتىدە كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنىشتەك كېسەللىك ھالى. 11. تور تىۋىپلىقى ( Cyberchondria ): بۇلار ئوتتۇرىغا چىققان راھاتسىزلىقلارىنىڭ سەۋەبىنى تور دۇنياسىدىن تىپىشقا، توردىكى ئۇچۇرلار بىلەن ئۆز- ئۆزىگە دىئاگنۇز قويۇشقا، ھەتتا ئۆزنى داۋالاشقا تىرىشماقتا بولۇپمۇ بۇلار كۆپىنچە ھاللاردا دوختۇرنىڭ پىكىرىگە پىسەنت قىلماقلىق ۋەياكى يوق كېسەللىكلەرنى مۇبالىغلاشتۇرۇپ ئوخشاشمىغان دوختۇرخانىلارغا مۇراجىئەت قىلماقتا. 12. Blog پاشقىلغۇچىلار ( Blog streaking   ): بۇ روھ ھالىتىدىكىلەر، كىشىلەرنىڭ ۋە بىر قىسىم تېمىلاردىكى مەخپى ئۇچۇرلارنى ھېچقانداق دەلىل ۋەيا مەنبە بولمىسىمۇ، تور دۇنياسىدا ئۇلارنى رۇخسەتسىز يايماقتا بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ كېرەكلىك ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىدەك ھىسياتقا كىلىپ قالماقتا. 13. تېلېفون سەۋداسى ( Crackberry ): بۇ كېسەللەر تېلېفون بىلەن يېتىپ قو...

ئېلېكتىرتور كېسەللىكلىرى- 1

  ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار ۋە تور- ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھاياتىمىزدا نۇرغۇن قولايلىقلار مەيدانغا كەلدى، ئۇچۇرغا ئېرىشىشىمىز تېزلەشتى ۋە ئاسانلاشتى. ئەمما بۇ تەرەققىياتلارغا قارتا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئېڭىمىز ۋە پوزىتسىيەرىمىز ماس ھالدا تەرەققىي قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بەزى جىسمانىي ۋە روھ كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشىمىزمۇ تېزلەشتى. بۇرۇن ئۆز- ئارا ئۇچۇر- ئالاقىدا ئارىلىقنىڭ ئۇزۇنلىقى تۈپەيلى ئاھ ئۇرساق، ھازىر بولسا بىر ئۆيدىكى ئىنسانلار تىلفون ئېكرانىدىن ئىبارەت قىلىن ۋە ئېگىز بىر تام تۈپەيلى ئارىمىزغا كىرگەن بوشلۇقتىن نالە- پەرياد قىلىۋاتىمىز. بۇرۇن گەرچە خەت- ئالاقىمىز ئاستا ۋە مۇشەققەتلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خەت- چەكلەر بىر- بىرىمىزگە بولغان مېھرى- مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان كۆز- ياشلىرىمىز بىلەن چۇڭقۇر تۇيغۇ- ھىسياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا  دەردىمىزگە داۋا، روھىمىزغا شىپا بولاتتى. ھازىر بولسا قولايلاشقان ئالاقە ۋاستىلىرىدا ئەۋەتىلگەن خەت ۋە ئاۋازلىرىمىز سۆيگۈ، مۇھەببەت، تۇيغۇلاردىن يوقسۇل! يىغىپ ئېيتقاندا ئېلېكتىرتور دۇنياسى ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ...

دەۋرنىڭ مودا كېسەللىكى- تورخۇمار

  تارىختا زاماننىڭ، ماكاننىڭ پۇرىقى بولغانغا ئوخشاش نۇرغۇن كېسەللىكلەردىمۇ زاماننىڭ، جۇغراپىيلىك ماكاننىڭ ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلارنىڭ مۆھرى بار. 2000- يىلىدىن بىرى تور تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تور ھاياتىمىزغا يېڭىلىق، يىڭى بىردۇنيا ئىلىپ كەلدى. بۇ يىڭى، مەۋھۇم دۇنيانىڭ سېھرى كۈچى بىزنى مەپتۇن قىلىپ، بىزنى رېئال دۇنيانىڭ ھەقىقەتلىرىدىن ئىلىپ، مەۋھۇم دۇنيانىڭ سۈنئىي ئىقلىمىغا تاشلاپ قويدى. بۇ يىڭى ئىقلىمغا، يىڭى مۇھىتقا دۇچار بولغان ئىنسانلار ئاستا-ئاستا بۇلارغا كۆنۈشكە ھەتتا زېھنىمىزدىكى رېئال- مەۋھۇم ئۇقۇملاردىكى ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى تور دۇنياسىغا خۇماداپ قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بەدەن، روھ ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقىمىزغا ئوچۇق ۋە يوشۇرۇن تەسىرى بولغان بۇ دەۋرگە خاس يىڭى بىر كېسەللىكمۇ مەيدانغا كەلدى. مانا بۇ دەۋرىمىزنىڭ مودا كېسەللىكى تورخۇمار. تورخۇمار، كىشىنىڭ ئۆزىنى بىلەلمىگەن بىر شەكىلدە تورغا باغلىنىپ قىلىشى بولۇپ، تورنى ئىشلەتكەن ۋاقىتقا مۇناسىپ شەكىلدە مەيدانغا كەلگەن بەدەن ۋە روھ ساقسىزلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ كېسەللىك گەرچە مۇ...

5G ساغلاملىق ۋە

  يېقىنقى زامانلاردا  5G تېخنىكىسىنىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا يامان تەسىر ئىلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بەزى مەشھۇر كىشىلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ 5G نىڭ كەڭرى  تارقىلىشىغا قارشى چىقىشى، ھەتتا Covid-19 نىڭ دۇنيا مىقياسىدا تىز خاراكتېرلىك تارقىلىشىنىڭ سەۋەبى سۈپتىدە 5G دولقۇن چاستوتىسىنىڭ ئىنسان بەدىنىدىكى O 2 مولېكۇلىلارى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ ئىنسان ۋۇجۇدىنى O 2 دىن مەھرۇم قىلىش نەتىجىسىدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى  ئاجىزلاشتۇرۇپ ۋىرۇسقا قولاي يۇقۇملۇنۇشقا سەۋەبچى بولغانلىقىدىن ئىبارەت چىگىش نەزەرىيىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا ئېتىلىشى بىلەن 5G نىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرى ئۈستىدىكى دەتالاشلار تەكرار قىزىپ كەتتى.      5G ،   يىڭى نەسىل سىمسىز تېلېفون ئالاقە تېخنىكىسى بولۇپ، مەۋجۇت 4G بىلەن سېلىشتۇرغاندا 10 ھەسسە تىخىمۇ تىز ئۇچۇر ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئىشلىتىلۋاتقان ئۈسكۈنلىرىمىزنىڭ تۈرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن سۈرەت 1-10 Gbps گە قەدەر چىقماقتا. 2019 - يىلىدىن بېرى دۇنيانىڭ پەرقلىق جايلىرىدا تارقىلىشقا باشلانغان بولۇپ 2025- يىلىغا قەدەر تور تا...

رادىئاتسىيە پاجىئەلىرى

  ئالدىنقى ماقالىلەردە ئىنسان بەدىنى يېتەرلىك تېشىپ ئۆتكۈچى رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغاندا، رادىئاتسىيىنىڭ ئىئونلاشتۇرغۇچى تەسىرى بىلەن، تىز خاراكتېرلىك رادىئاتسىيە كېسەللىك يىغىندىسى ( Acute Radiation  Syndrome ) دەيدىغان ئېغىر ئەھۋالنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق. ناھايىتى ئەپسۇسكى ئىنسانلىق تارىخى رادىئاتسىيىنىڭ تىز خاراكتېرلىك تەسىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمگە، ئاستا خاراكتېرلىك تەسىرى بىلەن چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ راك كېسىلىگە سەۋەب بولۇش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىنساننىڭ ھاياتنى دوزاخقا ئايلاندۇرغان قانلىق، ئېچىنىشلىق، ئىبرەتلىك ۋەقەلەرگە شاھىت. تۆۋەندە بۇلارنىڭ بىر قانچىسىنى ئەسلەپ ئۆتمەكچى. 1. خروشىما ۋە ناگاساكى ئاتوم بومبا پاجىئەسى: 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 08:15   دە ئامېرىكا ياپونىيە خروشىما ئارىلىغا « كىچىك بالا »   (   little boy ) لەقەملىك تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى ئاتتى. ئاتوم بومبىسىنىڭ فىزىكىلىق زەربىسى ( 50% )، ئىسسىقلىق كۈچى ( 35% )   ۋە رادىئاتسىيە ت...