Kayıtlar

Nisan, 2021 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

ئوتخورلۇق مۇ ؟ گۆشخورلۇق مۇ؟

  ئالدىنقى ماقالىمىزدە Vegetarian   ۋە Vegan   غا ئوخشاش ئوتخورلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئالاھىدىلىكلىرىنى، بۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبلىرىنى ۋە بىزنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيەمىزنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. بۈگۈن ئوتخورلۇقتا يۇز بېرىدىغان ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە بىر نەزەر تاشلايلى. ئوتخورلۇق تۈرى ئوزۇقلىنىشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ۋىتامىن B 12 كەمچىللىكى بولۇپ، ئىنسان بەدىنىدە ۋىتامىن B 12   كەمچىللىكى كۆرۈنگەندە قانسىزلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىدە سۇسلاش ۋە بەزى ئەسلىگە كەلمەيدىغان نىرىپ كېسەللىكلىرىگە سەۋەپ بولماقتا. ۋىتامىن B 12 كەمچىللىكى Vegan لاردا %80 گە بارىدىغان يۈكسەك نىسبەتتە كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ ۋىتامىن B 12   بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن ئوزۇقلار بىلەن ئوزۇقلىنىش شەرت. چۈنكى گۆش يېمگەندە بۇ ۋىتامىننىڭ پەقەت ئۆسۈملۈكلەر بىلەن تولۇقلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. 2002 - يىلى يېڭى زىللاندىيەدە بىر بوۋاقنىڭ بۇ كېسەللىك تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىشى بۇ ۋىتامىننىڭ ئىنسان   ساغلاملىقىدىكى مۇھىم ئورنىنى ۋە ئوتخورلۇققا بولغان شۈبھىلىنىشنى كۈچەيتىۋەتتى. بۇنىڭدىن باشقا ئوتخورلاردا كالتىسىي كەمچىللىكىگە ب

يېمەك- ئىچمەك پەلسەپەسى

  ئىنسانلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتى، يېگەن ئوزۇقلۇق، ئىچكەن ئىچىملىكلەرنىڭ تۈرلىرى ياشىغان مۇھىت، مەدەنىيەت، ئىتىقاد ۋە شارائىتتىن ئىبارەت كۆپ خىل ئۇنسۇرلارنىڭ تەسىرىدە سەرخىللىق كۆرسەتمەكتە بولسىمۇ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا تەمىن ئەتكەن تەبىئىي مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئېھتىياجىنى قامداش ئاساس ئىدى. يېمەك- ئىچمەك سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ، يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ زاۋۇتلاردا كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى، قاتناش قوراللىرىنىڭ پەرقلىق مەدەنىيەت، جۇغراپىيە ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچلەندۈرۈشى سەۋەپلىك، بەزى گۇرۇھ ۋە تەشكىلاتلار ئىنسان ساغلاملىقى، ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق، ھايۋانلار ھوقۇقى قاتارلىق مودا تېمىلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادەتلىرىگە ھەر خېل پەلسەپىۋى كۆز- قاراش  يۈكلەپ، ئىنچىكە پىلان، مەخپى مەقسەت ۋە ئىقتىسادىي مەنپەت ئۈچۈن يىڭى يېمەك- ئىچمەك ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە، بىر ئىقىم پەيدا قىلىشقا ۋە يىڭى بىر نەسىل يېتىشتۈرۈشكە تىرىشماقتا. بۇ خېل تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىدە تەبىئىيلىكتىن ئۇزاق، تەبىئىي شارائىتلار ھېسابقا قېتىلمىغان بىر قىسىم يېمەك- ئىچمەك پەلسەپەس

زامانىۋى دورا مۇ؟ دورا ئۆسۈملۈكلەر مۇ؟

  كېسەللىكلەرنىڭ كۆپى ئىنسانلارنىڭ ئۆز تۇرمۇش ئەندىزىسى، يېمەك- ئىچمەك قېلىپى ۋە ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا بۇ دەۋىردە بىمارلار كېسەللىكنى تىلەپ تاپماقتا. ئەسلىدە ئىزچى كېسەللەرگە دېگەندەك كېسەللەر دورا  ئىچىشكە مەجبۇر ئەمەس. ئەمما كېسەللەر ناتوغرا، ناتەبىئىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكى، دورا ئېڭىدا بىر ئىلاھ سۈپتىدە ئورۇن ئالغانلىقى، كېسەللىكنىڭ ھىكىمىتىنى ۋە سەبىر قىلىشنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بىز دورا يېزىشقا مەجبۇر.  ئالدىنقى ماقالىدە زامانىۋى دورىلارنىڭ تەبىئىي ئەمەس سۈنئىي بىر خىمىيىلىك ماددا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتۇق. ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ناتەبىئىي نەرسىلەرنى دۈشمەن دەپ بىلىپ كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى ئۆگەندۇق. دورا ناتەبىئىي بولغاندا ئەسلىدە قىسقا مۇددەتتە بىر دورىدەك كۆرۈنسىمۇ كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى ۋە راۋاجلىنىش قانۇنىغا ئاساسلانغاندا ئۇ بىر ئوغا. ئۇلارنىڭ ئەكىس تەسىرى بەزەن شۇزامات ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى، بىزگە تىز ئارام بەرگەنلىكى، ھازىرنى كۆزلەپ كەلگۈسىدىن ۋاز كەچكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئوغىنى دورا دەپ يۈرىۋىرمىز. vioxx   ئىسىملىك د

دورا مۇ؟ ئوغا مۇ؟

ئەلمىساقتىن داۋالاش پرىنسىپى « ئاز يېيىش ئارقىلىق داۋالاش ھەممە دورىلاردىن ئەۋزەلدۇر» ئىدى.  ساغلاملىقنىڭ قەدرىنى ۋە سىرىنى بىلگەنلەر ئاز يېگەنلىكى ئۈچۈن كېسەل بولمايتتى ۋە يا ئوزۇقلۇقلار بىلەن ساغلاملىقىنى تەڭشەيتى . دورا- ئۆسۈملۈك بىلەن داۋالاشتىمۇ قائىدە « ئەڭ ئاۋۋال ئاددىي، كىيىن مۇرەككەپ رېتسىپ » بولۇپ، ھەم داۋالايدىغان ھەم دورا ياسايدىغانلار ھەكىملەر ئىدى. بۇرۇنقى ھەكىملەرنىڭ - مەسىلەن ئەل بىرۇنى (   970-1050 ) - دورىگەرلىك تېمىسىدا يازغان ناھايىتى مۇھىم ئەسەرلىرى بولۇپ، ئۇلار ھەر يىڭى دورا ۋە رېتسىپنى كېسەللەرگە ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئۆز بەدىنىدە سىناق قىلاتتى. دورىمۇ تەبئىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ساپ ماددىلىرى بولغاچقا ھازىرقى تەجىربىخانلاردا ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقان سۈنئىي دورىلاردىن ئاسمان - زىمىن پەرق قىلاتتى. بۇ گۈزەل ئادەت مىلادى 1240 - يىلى دوختۇرلۇق بىلەن دورىگەرلىك ئايرىۋىتىلگەنگە قەدەر داۋام قىلدى. بۇ نۇقتىدا دورا - ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مەقسىتى ۋە ماھىيىتى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئىنسان بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان، پەقەت بىر ماددا ۋەيا مەھسۇلات سۈپتىدە دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر مۇنچە

ساغلاملىق تۈمەن بايلىق

  ساقلىق، ئىنسان ھەقلىرى ئېچىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەق بولۇپ قائىدە بويۇنچە ئېيتقاندا تۇغۇلۇش ئېتىبارى جەھەتتى ن تەڭ تۇغۇلغان ھەر ئىنساننىڭ ساغلام ياشاش، بىخەتەر ۋە يېتەرلىك ئوزۇقلۇقلار بىلەن ئوزۇقلىنىش، پاكىز سۇ ئېچىش، ئاغرىپ قالغاندا داۋالىنىش، ساقلىق خىزمەتلىرىدىن ئادىل شەكىلدە پايدىلىنىش ھەققىگە ئىگە. ئەمەلىيەتكە چۆكسەك ئەڭ تەبئىي بولغان بۇ ئىنسانلىق ھەققىنىڭ دۆلەتلەرنىڭ بايلىق سەۋىيىسىگە ئاساسەن ئادالەتسىز بۆلۈشتۈرۈلگەنلىكىگە ئېچىنىشلىق بىر شەكىلدە شاھىد بولىمىز.  بەزى باي دۆلەتلەردىكى پۇقرالىرىنىڭ يىللىق داۋالاش راسخوتى 5000   دوللاردىن كۆپ بولسا، بەزى كەمبەغەل دۆلەتتىكى پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئۈچۈن خەجلىگەن يىللىق خىراجىتى 30 دوللارغا يەتمەيدۇ. دۇنيادىكى باي دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ سالمىقى %20  بولسىمۇ، ساغلاملىق ئۈچۈن خەجلەۋاتقان پۇلى پۈتۈن دۇنيا داۋالاش راسخوتىنىڭ %8 0 نى تەشكىل قىلماقتا ① .   بۇنىڭ نېمىسى ئادالەت؟! نېمىسى ھەققانىيەت؟! بۈگۈن 7.5 مىليارد كىشى بولغان بۇ چوڭ  ئىنسانلىق ئائىلىمىزدە، بىر ئاتىدىن، بىر ئانىدىن تۆرەلگەنلىكىمىزنى جار سېلىۋاتقان بۇ بىر تۇغقا