كائىنات ئەخلەتخانسى
ئىنسانلار كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر باسقۇچىدا توختىماي ئەخلەت ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، يېگەن- ئىچكەن ۋە ئىشلەتكەن بويۇملىرىمىز تەبىئىي بولمىغانلىقى ئۈچۈن يەرشارىنىڭ ئۆز- ئۆزىنى تازلاش ئىقتىداردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى ئۇ ئەخلەتلەر يىغىلىپ مۇھىتىمىزنى، دېڭىز- ئوكيانلارنى، دەريا- كۆللەرنى كىرلىتىپ ئىنسان ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىرلەر ئېلىپ كەلمەكتە. يەرشارى شۇ ھالى بىلەن بۈيۈك ئەخلەت چېلىكىگە ئايلىنىپ قالماقتا. بۇنى ئاز دېگەندەك ئىنسانلار پەقەت يەرشارىىنى ئەمەس ئالەم بوشلۇقىنى بىر ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ بوسۇغىسىدا. « ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى » تېمىسىدىكى ماقالىمىزدە بۇ دەرد- پەريادىمىزنى شۇ سۆزلەر بىلەن قەغەزگە تۆككەن ئىدۇق- « ئىلىم - پەن تەرەققىياتنىڭ مەس قىلىشى بىلەن پەقەت يەرشارىدىن ئىبارەت كىچىك ئۆيىمىزنى ئەمەس پۈتۈن كائىناتنىڭ ساغلاملىقىنى ئويلاشماستىن كائىناتقا قويۇپ بېرىلىۋاتقان ۋە يوقاپ كېتىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ كائىنات ساغلاملىقىغا ئەكىلىدىغان خەتەرنى بىلمەي تۇرۇپ، بەزى بىر ئەخمەقلەرنىڭ ئەبجەق ماشىنىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا پەراۋاسىزچە ...