ھەكىم ئىزى ھەققىدە

ھەكىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن مەندەك بىرسى كېسەللىكلىرىدىن ئىڭرىغان بىمارلارنىڭ ئاھۇ- زارىنى باشقىلاردىن ھەم بالدۇر ھەم چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىم. ساغلاملىق بىلەن كېسەللىكنىڭ ئارىسىدا داۋام قىلىدىغان بۇ كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىغا  كىچىك ياشلىرىمدا ئاتلاندىم. سەبى چاغلىرىمدا گەرچە مېدىتسىنادىن خەۋىرىم بولمىسىمۇ دادام بىلەن چىققان ئوپېراتسىيەلەردە،كېسەل ۋە ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى بىلەن قىلىنغان سۆھبەتلەردە ئۇلارنىڭ قايغۇسىنى،تەشۋىشلىرىنى،كۆز ياشلىرىنى سىمالىرىدىن كۆزىتەلەيتتىم ۋە ھېس قىلالايتتىم. قىسقىسى، بۇ ئالدىنقى سەپلەردىن گاھ خۇشاللىق ۋە ئۈمىت بىلەن گاھ قايغۇ ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قايتاتتۇق. بۇ خىل ئائىلە مۇھىتتا چوڭ بولغان مەن تەبئىي ھالدا بىر ئاق خالاتلىق پەرىشتە بولۇپ كېسەللەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى قانىتىم بىلەن سۈرتۈشكە،كۈنسېرى سەل بولۇپ كېلىۋاتقان كېسەللىك توپانىنىڭ ئالدىدا قورغان بولۇشقا بەل باغلىغان ئىدىم. چوڭ بولغانسېرى ئۇ سەبىي خىياللارنىڭ ئورنىنى رېئاللىقتىكى ھايات مەسئۇلىيەتلىرى دەسسەشكە باشلىدى.  ۋاقىتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ كەسىپنىڭ نە قەدەر ئۇلۇغ ۋە مەنىلىك ئەمما ئۇ قەدەر تەس، نە قەدەر ئىنسانلارغا خۇشاللىق بەخش ئەتكۈچى،  لېكىن ئۇ قەدەر شەخسىي خۇشاللىقتىن يىراق بىر كەسىپ ئىكەنلىكىنى يىلىكلىرىمغىچە ھېس قىلىپ يەتتىم. بىمارلار بىلەن تەڭ يىغلاش، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئوي- خىياللارنىڭ دوختۇرخانىدا قېلىشى،جىسمىم بىلەن روھىمنىڭ بىر يەردە بولماسلىقىدىن مەيدانغا كەلگەن خۇدىرىلىق بۇ كەسىپ ئۈچۈن ئۆتەيدىغان جىسمانىي ۋە پىسخىكىي بەدەللەردىن بىر قانچىسى خالاس. ئەڭ ئېچىنارلىقى، نۇرغۇن كېسەللەرگە داۋا بولالمىغان پەيتتىكى ئۈمىدسىزلىك،ئاجىزلىق ۋە بىچارىلىق تۇيغۇسى ئىدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، 2005-يىلى قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى بېيجىڭدا دادامنىڭ يۈرىكىگە كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن ئوپېراتسىيەخانىغا دادامنى كېسەل كارىۋىتىدا ئېلىپ كېتىۋېتىپ، دادامنىڭ «بۇ يىللىق قۇربانلىققا مەن سايلىنىپتىمەن» دېگەن سۆزى بىلەن تەڭ كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشلىرىم يۈرەكلىرىمگىچە ئېقىپ قەلبىمنى مۇجۇۋەتكەنىدى. ئۇ ۋاقىتقىچە بۇ بىچارە ئىزچى ئۆزىنى بۇ قەدەر ئاجىز ھېس قىلىپ باقمىغان بولۇپ دادا- بالا دوختۇرلارنىڭ ھېسسىيات تومۇرلىرىدا ئوخشاش تۇيغۇلار ئاقماقتا ئىدى.

بۇ ئاجىزلىق تۇيغۇسى مېدىتسىنانىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ دەل ئەكسىنچە كۈچىيىۋاتاتتى. ھەققىي مەنىدە ساغلاملىقتىن بەھر ئالالمايۋاتقان ئىنسانلارنىڭ كۆپلىكى،داۋا قىلالمايۋاتقان كېسەللىكلەرنىڭ جىقلىقى،ئاتام- ئانام كۆرمىگەن كېسەللىكلەرنىڭ ئەدەپ كېتىشىدەك بۇ رېئاللىق، 25 يىلدىن بېرى مېدىتسىنا ئىلمىدە كەسپى تەربىيە كۆرگەن،بىر ئەمەس بىر قانچە مەدەنىيەتنىڭ مېدىتسىنا ئېقىمى بىلەن ئۇچراشقان،ئىلىم - پەننى قانات قىلىپ بىلىم ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىشنى قەلبىگە پۈككەن مەندەك بىرسىنى ئۇ كۆك ئاسماندىن ئېلىپ قاتتىق يەرگە ئاتتى. بۇ قاتتىق سىلكىنىشتىن ئەس- ھوشىنى يوقاتقان بۇ بىچارە« دوختۇر» تەپەككۇر قىلىشقا باشلىدى. باشقىلارغا ساغلاملىق بېغىشلاش، دەردلەرگە داۋا بولۇشنى نىيەت قىلغان بۇ « دوختۇر» ئەسلىدە ئۆزىنىڭ بىر« كېسەل»  ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ساغلاملىقنىڭ مەنبەسى، كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى،توغرا داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ قانداق بولۇش توغرىسىدىكى « بىتاب» كۆز- قاراشلىرىنى ھېس قىلدى. ساغلاملىقنىڭ ئەڭ زور بايلىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى ئەمما ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ شۇنچىلىك قولاي ئىكەنلىكىنى يېڭى تونۇپ يەتتى. كېسەللەرگە شىپا بولۇشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى بىلەتتى ئەمما كېسەل بولماسلىقنىڭ تولىمۇ ئاددىي،كېسەل داۋالاشنىڭ ئۇ قەدەر ئاسان ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. غايىنىڭ كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئەمەس ساغلاملىقنى قوغداش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى كۆرۈپ يەتتى. ھەقىقىي ساغلاملىق پەرىشتىسى بولۇش ئۈچۈن « دوختۇر» بولۇشنىڭ كۇپايە ئەمەسلىكى « ھەكىم» بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنىپ يەتتى. ئىدىيەدىكى بۇ ئۆزگىرىش ئاڭدىكى يۈكسىلىشنى،پىكىردىكى ئوچۇقلۇقنى،ۋۇجۇدىمدىكى ئىشەنچ ۋە شىجائەتنى ئويغىتىپ سەبىي چاغلىرىمدىكى خىيال ۋە ئۈمۈدلىرىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى. نەتىجىدە بۇ « تور خاتىرىسى»نىڭ روياپقا چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ خاتىردە ساغلاملىقنىڭ سىرلىرىنى، « ھەكىملەرنىڭ ئىزى»نى بويلاپ زامانىۋى پەن- تېخنىكا يارىتىپ بەرگەن ئىمكانىيەتلەر بىلەن كەڭ خەلقىمگە ئاچماقچىمەن!


كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟