روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

 ئىنسان تۇغۇلۇشىدىن روھ كېسەللىكى بىلەن تۇغۇلمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت، روھ كېسەللىكىنىڭ ئىنساننىڭ ھامىيلىلىقتىن تارتىپ باشلانغان ھايات سەپەرىدىكى ئۇچراشقان مۇھىت، ياشىغان ئائىلە شارائىتى، ئالغان تەلىم- تەربىيىسى، يېمەك- ئىچمەك ئەندىزىسى، باشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەر ۋە قىيىن سىناقلاردىن ئىبارەت نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى تۇغۇتتىن كىيىن بولدىغان بىر كېسەللىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بەدەن ساقلىقىمىزدەك روھ كېسەللىكىگە قارشى تۇرۇشتا ئەڭ مۇھىمى روھ كېسىلى بولغاندىن كېيىن قانداق قىلىش ئەمەس، كېسەل بولماستىن بۇرۇن روھ ساغلاملىقىمىزنى قوغداشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال روھقا بولغان تونۇشىمىزنى، روھ- بەدەن مۇناسىۋىتىگە بولغان ئېڭىمىزنى، روھ ساپامىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز لازىم.

گەرچە روھ توغرۇلۇق بىزگە نېسىپ بولغان مەلۇماتلار ناھايىتى چەكلىك بولغان بولسىمۇ، ئەمما روھىمىزغا بولغان بۇ ئازغىنە ئۇچۇر، روھ بولغان چۈشەنچىلىرىمىزنى ئويغىتىپ، ئەمەلىي ھاياتىمىزغا چەكسىز ئۆزگۈرۈشلەر ئىلىپ كېلىدۇ.

ئالدى بىلەن روھ ۋۇجۇدىمىزنىىڭ تۈركى بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ، مەنىلىك ھاياتنىڭ، خۇشال تۇرمۇشنىڭ ئاساسى. بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئاچچىقلىنىش، خۇيلىنىش، قايغۇ، تەشۋىش، قورقۇش، چۈشكۈنلىشىش، ئاغرىنىش، ئۈمىدسىزلىك، ھەسىرەت ۋە قىزىقىش يوقلىقتەك نۇرغۇن روھ ھاللىرىمىز، روھ ئەھۋالىمىزنىڭ ئالامەتلىرى بولۇپ گەرچە ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى ۋەيا ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىيەلمىسەكمۇ ئەمما ئۇنى چۇڭقۇر ھېس قىلالايمىز. ئەينى ۋاقىتتا بۇ تۇيغۇ شەكىللىرىمىز بەدىنىمىزدە روھ ساقلىقىمىزنىڭ دەرىجىسى بىلەن مۇئەييەن تاناسىپ تۈزگەن پىچىمدە بىزنىڭ ھەركەت قىلىپلىرىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ۋۇجۇدىمىزدىكى ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ خىزمىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دەل بۇ ئورگانلىرىمىزنىڭ خىزمىتىدە ئانورماللىق كۆرۈلگەندە بىز كېسەللەرگە روھ كېسەللىكى دىئاگونىزىنى قويىمىز. ئەمىلىيەتتە روھدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ئاللىقاچان پەيدا بولغان بولىدۇ. روھ ساقلىقىمىز ياخشى بولسا، ئۇنىڭ ئۆلچەم بىرلىكىدىن بىر بولغان سەۋرىمىز يېتەرلىك بولغان تەقدىردە ھەر خېل سىناق- قىيىنچىلىقلارغا نورمال، ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن جاۋاب قايتۇرىمىز ۋە نەتىجىدە روھ كېسەللىردەك ئانورمال قارشىلىق بەرمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن روھ كېسەللىكى قالپىقىدىن  ۋە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلىمىز.

ۋۇجۇد ساقلىقىمىزغا ئوخشاش، روھ ساقلىقىمىزدىمۇ يېمەك- ئىچمەك ئەندىزىمىز ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ئىستېمال قىلغان نەرسىلىرىمىزنىڭ، قوللىنىۋاتقان ئۈسكىنلىرىمىزنىڭ تەبىئىي، پاكىز- پاك بولىشى روھ ساقلىقىمىزغا ئاجايىپ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ ماددىلار تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىغان ئېنېرگىيە بىر تەرەپتىن بەدىنىمىزگە ئوزۇق بولسا، يەنى بىر تەرەپتىن روھىمىزغا قوزۇق بولىدۇ. روھىمىز پاك بولغاچقا،  پاكىز يېمەك- ئىچمەكتىن پەيدا بولغان ئېنېرگىيە دولقۇنىنىڭ چاستوتىسى روھىمىزنىڭكى بىلەن ئۇيغۇن بولدۇ ۋە رېزونانس تەسىرى بىلەن ھاسىل بولغان كۈچلۈك قۇۋۋەت بىلەن روھىمىز ئاياقتا تۇرىدۇ، مەزمۇت بولىدۇ، ئاسان تەۋرىمەيدۇ.

روھىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئوزۇقى چۈشەنچە- ئىدىيە بولۇپ، توغرا پىكىر- ئىدىيە روھىمىزنى سۇغارسا، ناتوغرا چۈشەنچىلەر روھىمىزنى زەھەرلەيدۇ، چۈشەنچىسىزلىك بولسا ئۆلتۈرىدۇ. ھەقىقەتلەر بىلەن ئوزۇقلانغان ئالىملارنىڭ روھى دېڭىز- ئوكيانلاردەك كەڭرى ۋە تىنىچ بولۇپ، ھاياتنىڭ تەقدىر- سىناقلىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ روھ دۇنياسىغا بولغان تەسىرى دېڭىزغا ئېتىلغان تاش مىسالى. كىتاب ئوقۇمايدىغان، روھلىرىنى سۇسىز- ئاچ تاشلاپ قويغان غاپىللارنىڭ روھى چېلەكتىكى سۇ مىسالى بولۇپ، ئۇچۇپ چۈشكەن غازاڭنى تەستە كۆتۈرىدۇ.  شۇڭا كۈندە ئۈچ ۋاقىت تائام بىلەن ۋۇجۇدىمىزنى ئوزۇقلاندۇرغاندەك روھىمىزنىمۇ توختىماي كىتاپ ئوقۇش، تەپەككۈر قىلىش بىلەن ئوزۇقلاندۇرشىمىز ۋە ئوزۇقلۇق مەنبەلىرىنىڭ ساغلام  بولىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.

ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن تەنھەرىكەتكە ئېھتىياجى بولغانغا ئوخشاش، روھىمىزنىڭ چېنىقىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خاس تەنھەرىكەت يەنى ئىبادەت، ياخشى ئىشلارنى قىلىش، كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىش قاتارلىق ئەمەللەرگە ئېھتىياجى بار. بۇنداق قىلغاندا ئىنسان بۇ مۇسبەت ئېنىرگىيىنى ھەم باشقىلارغا تارقاتقان بولىدۇ، ھەم بۇ ئورتاق ئېنىرگىيەدىن مەيدانغا كەلگەن ئىلىكتىروماگىنىت تورىدىن تەكرار ئوزۇقلىنىپ روھ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇ ئورتاق ئېنىرگىيەدىن ھاسىل بولغان قورغانلار بىلەن چوڭ - چوڭ ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرالايدۇ.

ئۇرۇق- تۇغقانلىق ، دوسىت- بۇرادەرلىك ئالاقىمىز تۇيغۇلىرىمىزنىڭ قان تومۇرى بولۇپ، ئالاقىلاردىكى توسالغۇ بۇ تۇيغۇ قانالىمىزنىڭ تارىيىشىغا، تۇيغۇلارنىڭ توسلاپ قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئائىلە ۋە جەمئىيەت بولسا بۇ تۇيغۇلىرىمىزنىڭ قۇيۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، بۇ نۇقتىدا كۆرۈلگەن مەسىلىمۇ تۇيغۇلارنىڭ ئىچىمىزدە يىغىلىپ قىلىشىغا، بەلگىلىك بىر مۇددەتتىن كىيىن خۇددى يانار تاغدەك روھ كېسەللىكى سۈپتىدە پارتلاپ كېتىشىگە ئىلىپ بارىدۇ. شۇڭا تۇيغۇ تومۇلىرىمىزنى راۋان تۇتساق، ھىسياتلىرىمىز قۇيۇلىدىغان ئائىلە- جەمئىيەتلىرىمىزنى مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقساق تۇيغۇلىرىمىز راۋان كۆۋەجەپ ئاقسا، ھاياتىمىز خۇشال- خۇراملىققا تولۇپ، تۇرمۇشىمىز مەنىدار بولۇپ روھىمىز كېسەللىكتىن ئىبارەت قان نوكچىسىدىن قۇتۇلىدۇ.

ئەي! ھۇزۇرغا ئىنتىلگەن روھ، چاپسان تاپقىن ھۇزۇر!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى