ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى

ساغلام ھايات ياشاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىسمىنى قويۇشىمىزغا، ئۇنى يېقىندىن تونۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ساغلاملىق زادى نېمە؟ ئۇ پەقەت كېسەل بولماسلىقىمۇ؟ ئىنسانلار بەدەن ساغلاملىقى بىلەنلا  ساغلام ھاياتقا ئېرىشەلەمدۇ؟ بەدەن ۋە روھ ساغلاملىقى ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت بارمۇ؟ ساغلاملىق پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ مەسىلىسىمۇ؟ باشقا جانلىقلارنىڭ ساغلاملىقى بىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقمۇ؟ بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن سوئاللارنىڭ ئېنىق جاۋابىنى بەرمەي، ساغلاملىق ئۇقۇمىنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپ ساغلاملىقنى ھاياتىمىزغا باشلاپ كىرىش ۋە كۈندىلىك پائالىيەتلىرىمىزگە تەدبىقلاش مۇمكىن بولمايدۇ. بىلمىگەن شەيئىلەر بىزگە شۇنچىلىك ئۇزاق، تەس ۋە تىلسىمدەك بىلىنگەچكە، ئالقىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشنى دوختۇرلارغا، تېۋىپلارغا ۋە باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ساغلاملىقىمىزدىن ئەڭ دەسلەپتە ئۆزىمىز ۋاز كېچىمىز. قائىدە شۇ:  بىلمىگەن نەرسەڭگە ئېرىشەلمەيسەن!

بۇ سەۋەپلىك 1948- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ساغلاملىقنى مۇنداق ئىزاھلىدى:« ساغلاملىق- بەدەن، روھ ۋە ئىجتىمائىي ساقلىق بولۇپ، پەقەتلا كېسەل بولماسلىق ۋە يارىلانماسلىقتىن ئىبارەت ئەمەس» بوۋاققا قويغان ئىسىمنى ھەر كىشىنىڭ ياخشى كۆرۈپ كېتىشى ناتايىن بولغاندەك نۇرغۇن تەشكىلات ۋە شەخسلەر بۇ ئېنىقلىمىنى مۈجمەل ياكى ئۆلچىگىلى بولمايدىغان، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى يوق دەپ تەنقىد قىلىشتى. 1984-يىلى مەزكۇر تەشكىلات مەزكۇر ئېنىقلىمىنى « ساغلاملىق- شەخس ياكى گۇرۇپپىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە مۇھىتنى ئۆزگەرتىش ياكى تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسى بولۇپ،  ئۇ تۇرمۇشتىكى مەقسەت بولماستىن كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ مەنبەسى. ساغلاملىق ئىجابىي ئۇقۇم بولۇپ، ئىجتىمائىي ۋە شەخسىي بايلىقنى، شۇنداقلا جىسمانى ئىقتىدارى تەكىتلەيدۇ» دەپ ئۆزگەرتتى. يەنى ئىسمىنى « ئەمەت»تىن «ئابدۇلئمەت مەتتوختى قاسىم»دەپ ئۆزگەرتكەن بولدى. بۇ ئېنىقلىما يېتەرلىك، ئوچۇق ۋە ئەمەلىيەتكە ماس كېلەمدۇ؟

ئىنسانىيەت تارىخى ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، يەر شارىدىن ئىبارەت بۇ ئائىلىدە پۈتكۈل جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەر بىر- بىرىمىزگە ئۇ قەدەر مۇھتاج ۋە چەمبەرچەس باغلانغان شەكىلدە يارىتىلغان بولۇپ، بۇ ئائىلىدىكى ھەر قانداق بىر ئەزانىڭ ساغلاملىقى مەيلى ئۇ بىر ئىنسان، بىر ھايۋان، بىر كۆكتات ۋەياكى بىر ھاشارەت بولسۇن مەيلى ئۇ قارا تۇپراق، سۇ، ھاۋا، تاغ- دەريا ۋە ئوكيان بولسۇن پۈتكۈل ئائىلىنىڭ ساغلاملىقىغا، خۇشاللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ھەقىقىي ساغلاملىق بىر كىشىنىڭ، بىر ئەزانىڭ ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئائىلىنىڭ، بىر پۈتۈن سىستېمىنىڭ ساغلاملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ھەقىقىي ساغلاملىق بەدەن، روھ، ئىجتىمائىي، مۇھىت، ئېلېكتر- تور ۋە كائىنات ساغلاملىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن ئېكولوگىيەلىك ساغلاملىقتۇر. بەدەن ساغلام بولماي تۇرۇپ ئىش قىلغىلى بولمىغاندەك، ئوخشاشلا روھ ساغلام بولماي تۇرۇپ ساغلام پىكىر قىلغىلى، خۇشاللىقتىن بەھر ئالغىلى بولمايدۇ. دۇنيادا ھەر كۈن ئاچلىقتىن ئۆلىۋاتقان ئىنسانلارغا كۆز يۇمۇپ بىر ئىجتىمائىي ساغلاملىقتىن سۆز ئېچىشقا بولمايدۇ. كورونادىن ئۆلگەن ئالتە مىليون ئالتەيۈزمىڭدىن ئارتۇق كىشىنى كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرۇپ ئىنسان ساقلىقىنى ھايۋان ساقلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان تەبئىي ئاپەتلەرگە شاھىت بولۇپ تۇرۇپ مۇھىت ساقلىقى بىلەن كىمنىڭ كارى دېگىلى تېخىمۇ بولمايدۇ. ئېلېكترون ۋە تور دۇنياسىغا غەرق بولۇپ كېتىۋاتقان پەرزەتلىرىمىزنى بۇ پەن- تېخنىكا ئۈسكۈنلىرىنڭ ھاياتىمىزغا ئېلىپ كېلىۋاتقان يوشۇرۇن خەۋپىدىن ئېلېكترتور ساغلاملىقىنى ئىشقا ئاشۇرماي تۇرۇپ قۇتقۇزۇۋالغىلى بولمايدۇ. ئىلىم- پەننىڭ تەرەققىياتىغا مەس بولۇپ كائىناتقا قويۇپ بېرىلىۋاتقان، يوقاپ كېتىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ كائىنات ساغلاملىقىغا ئەكىلىدىغان خەتىرنى بىلمەي تۇرۇپ، بەزىلەرنىڭ « ئەبجەق ماشىنىسىنى»، كائىنات خۇددى ئەخلەت چىلىكىدەك، ئالەم بوشلۇقىغا پەرۋاسىزچە قويۇپ بېرىشىگە شۆلگىيمىزنى ئېقىتىپ تۇرساق ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ساغلاملىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

خۇلاسىلىغاندا، ساغلاملىق ھەم بەدەن ساغلاملىقتەك جىسمى بار ھەم روھ ساغلاملىقتەك روھى بار،  ھەم شەخسىي ساغلاملىقتەك تار مەنىگە، ھەمدە ئىجتىمائىي ساغلاملىقتەك كەڭ مەنىگە ئىگە. ساغلاملىق پەقەت جانلىقلار دۇنياسىغا خاس بولماستىن مۇھىت ساغلاملىقتەك جانسىزلار( بىزچە) نىڭمۇ ساقلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئۇنىۋېرسال ھادىسىدۇر. ساغلاملىق پەقەت بۈگۈننىڭ ئىنسانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قىسقا مۇددەتلىك بىر پائالىيەت بولماستىن كېيىنكى نەسىللەرنىڭمۇ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇزۇن مەزگىللىك بىر پىلاندۇر.

دېمەك، ساغلاملىق كەڭ دائىرلىك بىر تۇرمۇش قارىشى، بىر پۈتۈن رەسىمنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ھايات پەلسەپىسى، يۈكسەك دىققەت ۋە ئىنتىزامنى  تەقەززا قىلىدىغان ياشاش ئەندىزىسى، شۇنداقلا يارىتىلىش غايىمىز ۋە ياشاشقا تۇتقان پوزىتسىيەمىزدۇر.

بۇ خاتىرەمدە بەدەن ساغلاملىقىدىن باشلاپ ھەم سۇبيېكتىپ ھەم ئوبيېكتىپ،  ھەم نەزەرىيىۋى ھەمدە ئەمەلىي جەھەتتىن بۇ ئۇقۇمنى چۈشەندۈرىشكە، ساغلاملىقنىڭ سىرنى ئېچىشقا تىرىشىمەن!  

:  World Health Organization (1958). The first ten years of the World Health Organization. Geneva: WHO.

:  World Health Organization. Regional Office for Europe (1984). Health promotion : a discussion document on the concept and principles : summary report of the Working Group on Concept and Principles of Health Promotion, Copenhagen, 9–13 July 1984(ICP/HSR 602(m01)5 p). Copenhagen: WHO Regional Office for Europe.

: Physical / Mental /social / Environmental / Virtual and Cosmohealth

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟