Kayıtlar

مۇھىت ساغلاملىقى etiketine sahip yayınlar gösteriliyor

جانمۇ؟ كانمۇ؟

  ئىنسان يەر يۈزىدىكى ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ شەرەپلىك مەۋجۇدات بولۇپ، ئۇ ئالەمدىن ئىبارەت بۇ چەمبەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقاندۇر. بۇ سەۋەپلىك ئالەمدىكى باشقا پۈتۈن ئامىللار، ئىمكانلار، نىزاملار بۇ مەركەزگە خىزمەت قېلىش ئۈچۈن سۇنۇلغان ۋە تۈزۈلگەندۇر.  يەر ئۈستىدىكى  كۆل - دەريالار ئىنساننىڭ يەر شارىدىكى مەۋجۇدىيەتى ئۈچۈن ئاقسا، يەر ئاستىدىكى كان بايلىقلار ئىنسانلارغا ئىقتسادىي مەبلەغ بولۇش ئۈچۈن ياتماقتا.  دېڭىز - ئوكيانلار ئىنسانلارنىڭ ھۆرىيەتى ئۈچۈن دولقۇنلىسا، ئۆسۈملۈك - ھايۋاناتلارمۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن نەپەس ئالماقتا. يەنى ئادەم ئالەمنىڭ ئەپەندىسى بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا يەر شارى ئاسترونومىيە جەھەتتىن ئالەمنىڭ مەركىزى بولمىغان بىلەن، جەمئىيەتشۇناسلىق جەھەتتىن ئالەمنىڭ تام مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ پۈتۈن مەۋجۇدات بۇ يادرونىڭ ئەتراپىدا پىقىرماقتادۇر. ھايۋانلارمۇ ئىنسانلارنىڭ يېقىن دوستى ۋە ياردەمچىسى بولۇپ، بەزى ھايۋان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلىرى مۇبالىغە قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇلارنىڭمۇ ئەپەندىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. چۈنكى ئى...

ۋاراڭ - چۇرۇڭدا ساغلاملىق چاراڭ- چۇرۇڭ

  سانائەت تەرەققىياتنىڭ شاۋقۇن - سۈرىنى پۈتۈن دۇنيانى قاپلاشقا باشلىغاندىن تارتىپ، دۇنيادىكى پۈتۈن جانلىقلار، بولۇپمۇ بۇ شاۋقۇن - سۈرەننىڭ باش جاۋابكارى بولغان ئىنسانلار تەرەققىياتنىڭ بەدىلىنى ئۆز جىنى بىلەن ئۆتەشكە باشلىدى. ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلار بولسا يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىمەكتە. زامانىۋى شەھەرلەردىكى ۋاراڭ - چۇرۇڭلار، زاۋۇت - كارخانىلاردىكى شاۋقۇن - سۈرەنلەر ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى جىم - جېت بىر شەكىلدە ئوغۇرلاپ قاچماقتا بولسىمۇ بۇ غاژژاڭ - غۇژژاڭدا ئىنسانلارنىڭ قۇلىقى گاس، كۆزلىرى كۆر بولۇپ قالغاچقا سىرتتىكى ئاۋازغا مەست بولۇپ، ئىچىدىكى ئەزالىرىنىڭ دەرد - پەريادىنى ئاڭلىيالماي، ساغلاملىقنىڭ قولدىن كېتىشىگە قاراپ تۇرماقتا.  بۇ ۋاراڭ - چۇرۇڭغا تولغان ھاياتتا ئىنسانلارنىڭ ساغلام بولىشى، كېسەللەرنىڭمۇ شىپا تېپىشى بەك تەس بولۇپ، دوختۇرخانىلار شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق كېسەللەر جىقايماقتا، كېسەللەرنىڭ نالى - زارى بولسا شەھەرنىڭ شاۋقۇن - سۈرىنىگە جۆر بولماقتا. بۇرۇن يېزا- قىشلاقلاردا دوختۇرخانىلار يوقتۇ، ئەمما شاۋقۇن - سۈرەنسىز ئۇ مۇھىت، ۋاراڭ - چۇرۇڭسىز ئۇ ھاياتىنىڭ ئۆزى تەنگە ۋ...

خاشۇ بىلەن ساقلىق خانۇ - ۋەيران

  يېمەك- ئىچمەك سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تەبىئىي يېمەك- ئىچمەك ئېڭىنىڭ سۇسلىشىشىغا ئەگىشىپ، يۈكسەك پەن- تېخنىكا ئوراپ- قاچىلاش ئۇسۇللىرى بىلەن تەڭ ھاياتىمىزغا بۆسۈپ كىرگەن خاشۇ - سۇلياۋلارنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن نەقەدەر  خەتەرلىك، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىر يۈك ئىكەنلىكى توغرىسىدا بۇرۇن يېزىلغان  « خاشۇ بالىلار، سۇلياۋ قىزلار » ، « تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال » تېمىدىكى يازىمىلاردا ئەتراپلىق توختىلىپ بولغان ئىدۇق.  ئەمما يېقىندا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئەڭ يۇزئابىرويلۇق ژۇرنال بولغان «  New England Journal of Medicine  » دە دۇنيادا تۇنجى قېتىم   خاشۇ - سۇلياۋ بىلەن كېسەللىكلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت كۆز بىلەن كۆرگىلى ، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان دەلىللەر بىلەن كۆرسىتىلىپ بىرىلگەن بىر ماقالە ئېلان قىلىندى . بۇنىڭ بىلەن خاشۇ - سۇلياۋلارنىڭ پال- پال ماسكىسى ئىلمىي تەتقىقات قايچىسى بىلەن يىرتىلىپ تاشلىنىپ، غال- غال ئىچكى يۈزى ئوتتۇرىغا چىققان ،  ئۇلارنىڭ بۇرۇن تەكىتلەپ ئۆتۈلگەندەك نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ب...

سىئانىددىن زەھەرلىنىش

  ئائىلە بىر ئىنساننىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم بولغاندەك ، بىز ياشاۋاتقان مۇھىت، نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋا، ئېچىۋاتقان سۇ، قەدىمىمىز تېگىۋاتقان تۇپراقمۇ بىر ئىنساننىڭ بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . بىر ئىللىق ئائىلە مۇھىتىدىن  مەھرۇم، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىسسىق قۇچىقىدىن يىراق چوڭ بولىۋاتقان يېتىم بالىلارنىڭ جىسمانىي ، ئەقىلىي، ئەخلاقىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام يېتىلىشى تەس بولغاندەك ۋە ئۇلارغا كەلگۈسىدە كېسەللىك ، نامراتلىق ، ئوغرىلىق قاتارلىق يامان ئىللەتلەر مىراس بولۇپ قالدىغانغا ئوخشاش ، مەينەت ۋە زەھەرلىك مۇھىتتا ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئۈچۈن ساغلاملىق پەقەت ئۆتكۈنچى ئۇقۇمدىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى بۇ زەھەرلىك مۇھىتتا ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولىشى ياكى تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئاپەتلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىشى ۋاقىت مەسىلىسىدۇر. شۇڭلاشقا «ھەكىم ئىزدا» داۋاملىق تەكىتلەۋاتقان ئىدىيە بولسا ساغلاملىقنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىدۇر. يەنى جىسمانىي، ئەقلىي، ئەخلاقىي ۋە روھىي ساغلاملىقتىن تەشكىل تاپقان شەخسى ساغلاملىق بىلەن مۇھىت، ئىجتىمائىي ۋە كائىنات ساغلاملىقتىن ئىبارەت بولغان كوللېكتىپ ساغلام...

پاكىزلىقنى دەپ ساقلىقنى دەپنە قىلماڭ

  ئىنسانلارنىڭ پاكىزلىق كۆز- قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئەتراپىمىز تازىلىق ۋە پاكىزلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تولۇپ تاشتى، ئۆيلىرىمىز بولسا بۇ خىمىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ كىچىك خىمىيەلىك بازىسىغا ئايلاندى. تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى تەبىئىيلىكتىن ئۇزاقلىشىپ، ئاتالمىش < پاكىزلىق> قالپىقى ئاستىدا سۈنئىي زەھەرلەرگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى. ئائىلىمىزدە تازىلىق ۋە پاكىزلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان بۇيۇملارنىڭ تۇرى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىچە بىر زەھەر، ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن بولسا ئايرىم بىر خەپتۇر. كىر سوپۇنى ، كىر يۇمشاتقۇچ، كىر ئاقارتقۇچ، ئوبىرنى تازىلىغۇچ، ئوچاق تازىلىغۇچ، ماي چىقارغۇچ، چىنە قىش ۋە ئەينەك تازىلىغۇچ، قاچ - قۇچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە پاشا- چىۋىن ئۆلتۈرگۈچ  قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى پەرقلىق خىمىيەلىك ماددىلار ئۇلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا تېرىمىزدىن، نەپەس يوللىرىمىزدىن بەدىنىمىزگە كىرىپ جىددى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە سەۋەبچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن  بۇ رەڭلىك بۇيۇملار كىچىك بالىلار تەرىپىدىن خاتالىق بىلەن  ئىچىپ قېلىنىپ يارىلىنىشقا،  ھەتتا ئۆلۈم قا...

ساغلاملىق ئۈچۈن مودىدىن ۋاز كېچەيلى

  ئالدىنقى يازمىدا قەيت قىلىپ ئۆتكەندەك، كىيىم - كېچەك سۈپىتى، رەڭگى ، شەكلى ۋە نۇسخىسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، پۈتۈنلۈك نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا كىيىم - كېچەك ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ روھ، ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر. كىيىم - كېچەكدىن ئىبارەت بىر جانسىز ماددىي ئەشيانىڭ جېنى ۋە ئەقلىي بولغان ئىنسان ۋە ئىنسانلار توپلۇقىغا سەلبىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتەلىشى ھەتتا ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىپ مايمۇن ئويۇنى ئوينىتىشى،  ئەمەلىيەتتە مودا دېگەن ئۇقۇم ۋە ئېقىمنىڭ تەسىرىدە بولماقتا. مودا ئەسلىدە ئىنسان نەپس -  خاھىشىنىڭ پەردازلانغان ھالەتتە سىرتقا ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، نۇرغۇن ئىنسانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ قوللانغاندىن كىيىن، بۇ نەپس -  خاھىشىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلدەك تارقىلىشى ۋە بىر ئېقىمغا ئايلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى مودا ئىستېمالنىڭ روھى بولۇپ، كىيىم - كېچەكتىن ئىبارەت جانسىز بىر ماددىي ئەشيا مودىدىن ئىبارەت روھ بىلەن جانلانماقتا.  ئىستېمال پاتقىقىغا پات...

ساقسىز مۇھىتتا ساقلىق، بىر مۇجىزىدۇر

مۇھىت بىر ئىنساننىڭ تېشىدىكى پۈتۈن شەيئىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئىنسان بەدىنىدىن ئىبارەت ئىچكى دۇنيا ئوتتۇرسىدىكى تەڭپۇقلۇقتىن ساغلام بىر ھايات مەيدانغا كېلىدۇ. مۇھىت ساغلاملىق ئۈچۈن ئۇ قەدەر مۇھىم بولۇپ، ناچار مۇھىتتا ئىنساننىڭ كېسەل بولىشى،دوگما ئىدىيە ۋە بەدەنگە ئىگە بولغان ئىنساننىڭ مۇھىتنى كېسەل قىلىشى تۇرغانلا گەپ. نۆۋەتتە تەپەككۈر كۆزى بىلەن ئەتراپقا، مۇھىتمىزغا بىر نەزەر تاشلىساق، ھاۋا، سۇ- تۇپراق، دېڭىز- ئوكيان ، تاغ - بوستان، دەريا - ئۆستەڭ، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، كۆكتات، مىۋە- چېۋىلەرنىڭ ھەممىسى زەھەر- توكسىن بىلەن بۇلغانغان بولۇپ، ھەتتا قەدىردان ئانىلارنىڭ  ئانا سۈتىمۇ بۇ زەھەرلەر بىلەن تولغاندۇر. بەزى تەتقىقاتلاردا ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە كالا سۈتىدىن جىق دېھقانچىلىق دورىسى بايقالغان بولۇپ 1 ، بەزىلىرىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك قېنىدا 200 دىن جىق توكسىن ئۆلچەپ چىقىلغان 2 . ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ھازىر بوۋاقلارنىڭ ئانا سۈتىنى ياراتماسلىقى، ئۇنى ئەممەسلىكى، تۇغۇلۇشىدىن بىتاب بولىشى ناھايىتى تەبئىي بولۇپ، تۇغما كېسەللىكلەرنىڭ ھەمم...