قىرىقتىن ئاشقاندا راك بولماي دېسەڭ
بىريگخام ۋە ئاياللار دوختۇرخانىسىدىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا ئۈچەي، ئەمچەك،قىزىلئۆڭگەچ، بۆرەك، جىگەر ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىق بىرمۇنچە راك تۈرلىرىنىڭ 50 ياشنىڭ ئاستىدىكى كىشلەر ئارىسىدا ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئېشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى ( Nature Reviews Clinical Oncology ). كۈنىمىزدە راك كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاتا- بوۋىلىرىمىز ياشىغان « كونا» دەۋرلەرگە قارىغاندا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 60 ياشتىن ئاشقان قېرىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولغاچقا، بىلىم دۇنياسى بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزارغانلىقى تۈپەيلىدىن دەپ قاراپ « يېڭى » دەۋرنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن پايدىلىرىنى ھاردىم- تالدىم دېمەي، داڭلاشتىن توختاپ قالمىدى. ئەمما راكنىڭ 50-40 تىن ئىبارەت بالدۇر ياشلاردا كۆرۈلۈشىگە باشلىشى نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئەپسۇسلاندۇردى ۋە راكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئۈستىدە ئويلاندۇرۇشقا باشلىدى. ئەسلىدە راك 90- يىللاردىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا ئاۋۇشقا باشلىغان بولۇپ، خۇددى يۇقۇملۇق...