ھەكىم ئىزى ھەققىدە ئىزاھات

بۇ < تورى خاتىرىسى > نىڭ مەقسىتى ۋە پرىنسىپلىرى توغرىسىدا قىسقىچە ئىزاھات بېرىشنى توغرا تاپتىم.

1- مەقسىتىم پەقەت خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئاشۇرۇش بولۇپ، زەررىچە ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەت ئويلىمىدىم. شۇڭا قايسى سەۋەپ ۋە قايسى شەكىلدە بولسۇن ھېچقانداق ئېلان، ھەمكارلىق قوبۇل قىلىنمايدۇ.

2- بۇ بىر ساغلاملىق خاتىرىسى بولۇپ ساغلاملىق،سەھىيە ۋە تېبابەتچىلىك سىرتىدا ھەر قانداق بىر تىما ئۈچۈن ۋاراقلىرى يېپىقلىقتۇر.

3- ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن يىڭى ئۇچۇر ۋە يېڭى تەتقىقات نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ،بۇ تور مۇنبەردىكى مەزمۇنلار ماس ھالدا ئۆزگىرىشى مۇمكىن. سىز ئوقۇغان ۋاقىتتىكى مەزمۇن ئۇ تېمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

4- مەقسىتىم ھەر قايسى ساھە ۋە سەۋىيەدىكى خەلققە ساغلام ھاياتنىڭ سىرىنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە، ساغلام ياشاشنىڭ يوللارنى ئۆگىتىش بولۇپ نوقۇل تىببىي تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىش ئەمەس. شۇڭا ئۇسلۇب جەھەتتىن ئاممىباب بىر تىل، چۈشىنىشلىك بىر مېتود، سەھىيە ئاقارتىشنى ئاساس قىلغان بىر قېلىپتا يېزىلىشقا دىققەت قىلىندى.

5- تېبابەتتە بىمارنى كۆرمەي تۇرۇپ رېتسىپ يېزىلمايدۇ. بۇ خاتىرە رېتسىپ دەپتىرى بولماستىن ساغلاملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئومۇمىي بىر تەۋسىيەدۇر. ئېغىر ۋە جىددى كېسەللىكلىرى بولغان بىمارلارنىڭ بۇ تەۋسىيەلەرنى رېتسىپ دەپ قوبۇل قىلىۋېلىپ، چىققان ئاقىۋەتلەردىن تۈپەيلى بىزنى گۇناھكار قىلىپ قويماسلىقىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىت قىلىمەن.

6- بۇ مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماي، بىر پۈتۈنلۈكىنى بۇزمىغان ۋە بىر پايدا- مەنپەئەت قوغلاشمىغان ئاساستا باشقىلارغا تارقىتىپ ھەمبەھرىلەنسە تامامەن بولىدۇ.

7- خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلى سورالغان سوئاللارغا جاۋاپ بېرەلمەيدىغانلىقىم ئۈچۈن سىز ئوقۇرمەنلەردىن ئەپۇ سورايمەن! 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟