Kayıtlar

2022 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

ئاقسىل ۋە ساغلام ئەۋلاد

ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىنساننىڭ بىئولوگىيەلىك فۇنكسىيەسى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنساننىڭ ھەم ئىجتىمائىي ئېھتىياجى ھەم ياشاش غايىسىدىن بىرى. چۈنكى نۇرغۇن  چوڭ ئىشلار ۋە يۈكسەك غايىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن، بىر ئىنساننىڭ چەكلىك ئۆمرى يەتمەيدىغان بولۇپ، بۇلارنى كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش، كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭمۇ بۇ مىراسقا ئىگە چىقىپ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن كىيىنكى ئەۋلادلارغا گۈزەل كېلەچەك، گۈزەل ئەخلاق ۋە شۇنداقلا ساغلاملىق مىراس قالدۇرۇپ كېتىش،  بىر ئاتا- ئانىنىڭ پەرزەنتلەر ئۈستىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر. « راك مىراس قالمىسۇن »ناملىق يازمىمىزدا دەپ ئۆتۈلگەندەك،  ئىنسانلار ناتەبىئىي  يەپ – ئىچىشى، ساقسىز تۇرمۇش ئەندىزىسى سەۋەبلىك مەيدانغا كىلىدىغان راك گېنى ۋە راكنىمۇ، كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرىدىغانغا ئوخشاش، تەبىئىىي  يەپ - ئىچىش، ساغلام تۇرمۇش ئەندىزىسى بىلەن پەرزەنتلەرگە ساغلام ۋۇجۇد، كۆتۈرەڭگۈ روھ مىراس قالدۇرۇپ كېتىش پۈتۈنلەي مۇمكىن بولۇپ، بۇ تامامەن بىزنىڭ ئىلكىمىزدىكى ئىش. ئىرسىي كېسەللىكلەر ئەسلىدە بىر قا...

يېمەككە دىققەت، ئۆمۈرگە بەرىكەت

  كونىلار«قۇرۇق تاغا ئۆرە تۇرماس» دېيىش ئارقىلىق، يېمەك- ئىچمەكنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى مۇھىم ئورنىنى ناھايىتى ئوبرازلىق شەكىلدە بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىغان. ئۇ زامانلاردا ھەر نەرسىنىڭ تەبىئىي، ساپ ۋە دورا- ئوغا يوق ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغاندا «قۇرۇق تاغا ئۆرە تۇرماس» ھېكمەتلىك سۆز ھېسابلىنىدىغان بولسا، ئوخشاشلا ھازىرقىدەك ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەكلەر  ھاياتىمىزغا بۆسۈپ كىرگەن بىر چاغدا، ئۇ ھېكمەتلىك سۆزگە « ناتەبىئىي يېمەكلىكتە ساغلاملىق بولماس» دېگەننى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنمىغاندا، ھەقىقەت خاراكتېرىنى يوقاتقان بولىدۇ. چۈنكى كۈنىمىزدە ئىنسانلار جىق يەۋېلىپ ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، قورساقتىن ئىبارەت بۇ تاغا يېمەك- ئىچمەكتىن چىرىپ كېتىۋاتىدۇ. ناتوغرا ئىنساندىن سەمىمىيەت، مېھرى- مۇھەببەت ۋە ساداقەت كۈتۈش ئەخمقانىلىق بولغانغا ئوخشاش، مىجەزىمىز ۋە مىزاجىمىزغا يات بولغان ناتەبىئىي ئوزۇقلۇقلاردىن ۋۇجۇدىمىزغا كۈچ، بەدىنىمىزگە ساغلامىلىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىت قىلىش  ئوخشاشلا بىمەنىلىكتۇر. گەرچە بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتى، ئۇلار ياشىغان مۇھىت، مەدەنىيەت، ئىتىقاد ۋە شارائىتتىن ئىبارە...

بەل ئاغرىقى

ئالدىنقى يازمىمىزدا دەپ ئۆتۈلگەندەك ئاغرىق مۇرەككەپ تەركىبىي بولغان بەدىنىمىزنىڭ بىر قارار بېرىش جەريانىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ مېخانىك، پسىخولوگىيەلىك ۋە مۇھىت سەۋەبلىرى بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، ئاغرىقنى تونۇش، بىلىش ۋە تىندۇرۇش قاتارلىقلار ئۇنى ھېس قىلىشتەك قولاي ئىش ئەمەس. بەزىدە ئاغرىق بىزنىڭ ئولتۇرۇپ- قوپۇش شەكلىمىزدىكى خاتالىقلاردىن مەيدانغا كەلسە، بەزىدە بەزى خىزمەت تۈرلىرىنىڭ بىزگە بەرگەن < ئاچچىق سوۋغىتى > بولىشى مۇمكىن. ئاغرىق سەۋەبى بەزىدە مىجەزىمىز ۋە مىزاجىمىزغا زىت ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىز بولسا، بەزىدە ئەزالىرىمىزنىڭ بۇ ئەۋەتكەن سىگنالنىڭ  تېگىدە چوقۇم بىر كېسەللىك بار چۈشەنچىسىنىڭ بىزگە بەرگەن ئەندىشە ۋە تەشۋىشلەرنىڭ نەتىجىسى بولىشى مۇمكىن . كۈندىلىك ھايات ۋە ھەر قايسى ياش گۇرۇپپىلارىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان بەل ئاغرىقى بۇنىڭ تىپىك مىساللاردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  يەر شارىنىڭ ئوقى بولغانغا ئوخشاش ئومۇرتقىمىز بىزنىڭ ئوقىمىز بولۇپ، بەدىنىمىزدىكى پۈتۈن ئورگان- ئەزالارنىڭ خىزمىتى، شۇنداقلا ئىنساننىڭ ھاياتى بۇ ئوق ئەتىراپىدا چۆگىلەپ داۋام قىلىدۇ. ئو...

ئاغرىق، بەدىنىمىزدىن تۇرسۇن ئۇزاق

  « بەدەن ساقلىق تىلى» ناملىق يازمىمىزدا ئېيتىلغاندەك ،  بەدەن ئەزالىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى، بەدىنىمىزنىڭ ساقلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىدىغان ، كېسەللىك ئەھۋالىمىزنى بايان قىلىپ بېرىدىغان بىر بەدەن ساقلىق تىلى بار. بەدىنىمىز چىقارغان تاۋۇشلار بىلەن بىزگە بىر نېمىلەرنى پىچىرلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن. يۆتەللار نەپەس يوللىرىمىزنىڭ ناتەبىئىي ھاۋا، گاز، چاڭ- توزاڭ تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىزگە ۋاقىراۋاتقان بولسا، ھەق تۇتۇشلار، قوساقلاردىكى غۇرۇلداشلارمۇ مىجەزىمىزگە ۋە مىزاجىمىزغا يات نەرسىلەر زۇۋانىمىزدىن ئۆتكەنلىكىنى بىزگە توۋلىماقتا.  ئەزالىرىمىز ئۆزىگە قىلغان ھەقسىز مۇئامىلىلەرگە، ناتوغرا ھەرىكەت ۋە ھايات پىچىملىرىغا بەزىدە ئاچچىقلىنىپ قىزىتمىسى ئۆرلىسە، بەزىدە ھەرخىل ئاغرىقلار بىلەن بىزگە غەزەپ- نەپرىتىنى ئىپادە قىلماقتا. بىز بولساق بۇ ئاچچىقلىنىش ۋە غەزەپ- نەپرىتىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ قولاي بولغان قىزىتما دورىسى ۋە ئاغرىق توختاتقۇچلار بىلەن بۇلارنىڭ ئاۋازىنى بوغاشنى، ئاغرىقلارنىڭ سەۋەبىنى ئەمەس، ئاغرىقلارنى ئۆزىنى داۋالاشنى ماھارەت دەپ بىلىمىز. ئاغرىق مۇ...

ھەرىكەتتە بەرىكەت بار

  ھەرىكەت ھاياتلىقنىڭ بېشارىتى بولۇپ، ھەم ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى ۋە ھەم ھاياتلىقنىڭ غايىسىدۇر. ھەرىكەت ھالىتىدىكى كائىناتقا جۆر بولۇپ ئايلىنۋاتقان پىلانېتالار، كۆك ئاسماندا ئۈزۈۋاتقان بۇلۇتلار، مەيىن شاماللار، لەرزان قانات قېقىۋاتقان ئۇچار قۇشلار، يەردە كۆۋەجەپ ئېقىۋاتقان دەريالار، ئېرىق - ئۆستەڭلەر، يايلاقلاردا ئويناق قوي- پادىلار، قىمىرلاۋاتقان قۇرۇت- قوڭغۇزلار، بىخ سۈرۈۋاتقان ئۆسۈملۈكلەر، يەر ئاستىدىكى ماگمىلار، دېڭىز- ئوكياندىكى بېلىقلار،  ھەتتا ھەربىر ئاتوم ۋە ھەربىر ئېلېكترون ھەرىكەت ھالىتىدە بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرگە قاراپ زېمىندا جانسىز ھىچ بىر شەيئىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئىنسانلارغا قارىساق ھەرىكەتچان تۇخۇم ۋە ئىسپېرم ىنىڭ قوشۇلىشىدىن  پەيدا بولغان تۆرەلمە، كائىناتنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئىلھام ۋە كۈچ - قۇۋۋەت تېپىپ يۈرەك سوقۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن بەدىنىمىزدە بىر ھاياجان ۋە ھاياتلىق باشلايدۇ. ھۈجەيرىلەرنىڭ زەررە ھەرىكىتىدىن توقۇلمىلارنىڭ پائالىيىتى، مۇسكۇللارنىڭ ئۇزىراپ- قىسقىرىشى، ئورگانلارنىڭ سىستېمىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرىكىتىگە كۈچ بېرىدىغان ئىنسانىيەت م...

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ۋە مۇھىت ساغلاملىق- 2

  « ھەكىم ئىزى » دە ھەر دائىم تەكىتلەنگەندەك مۇھىتىمىز بىزنىڭ جان دوستىمىز بولۇپ پاكىز ۋە ساغلام مۇھىتسىز بىر ساغلام ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ خۇددى بىر ئىللىق ئائىلە قۇچىقىغا ئوخشاش ھەم بەدەن ساغلاملىقىمىزنى كۈچلەندۈرسە ھەم روھ ساغلاملىقىمىزنى پەپىلەيدۇ. شۇڭا زىرىكمەي-تىرىكمەي« مۇھىتقا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق ئەسلىدە ئۆزىمىزگە قىلغان قىرغىنچىلىقىتۇر» دەپ نىدا قىلىشتىن ۋە ۋاقىراشتىن ھارمايمىز، سىقىلمايمىز! گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار (گ. ۆ. ج ) نىڭ مۇھىت ساغلىقىمىزغا بولغان تەسىرلىرىدىن بىرى گېنىمىزغا، مەخپىي ئۆيىمىزگە قىلىنغان تاجاۋۇزلۇقىدۇر. كائىناتتىكى پۈتۈن جانلىقلارنىڭ گېنى ھاياتلىق گېننىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ھەم ئاجايىپ ئوخشاشلىققا ھەم ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە. خاسلىقىمىزنى بەلگىلەيدىغان گېنىمىزنىڭ پەقەت 0.01 پىرسەنتلىك قىسمى بولۇپ،  بىر-بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىقتەك كۆرىنىدىغان 8 مىليارد ئىنساننىڭ،   ئوخشىمىغان مىللەت،  مەزھەپ ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ گېنىنىڭ 99.9 پىرسەنتى ئوپمۇ- ئوخشاش. بۇ مەيلى بىز دۈشمەن دەپ ئېلان قىلايلى، پەرقلىق سىنىپلارغا بۆلەيل...

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ۋە مۇھىت ساغلاملىق- 1

بىر ئىنساننىڭ ئادەم بولۇپ تۇغۇلۇپ ئىنسان بولىشى ئۈچۈن ئۇ چوڭ بولغان ئائىلىنىڭ،  ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە  مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئەسلىدە بىزنىڭ تىلىمىز، ئىرقىمىز بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى. مەدەنىيەت بولسا مەلۇم بىر جۇغراپىيەلىك مۇھىتتا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ پىكىر- ئىدىيەسى ۋە ئاڭ- چۈشەنچىلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى قۇياش، ھاۋا، تۇپراق، سۇ، تاغۇ- دەريا ۋە ئورمان- ئوكيانلار ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئەسلىدە ئۇلار مەدەنىيەتكە ئوخشاش بىزنىڭ بەدەن ساپامىزنى، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنى ۋە ساغلاملىقىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ. مەسلەن دۇنيا ساغلاملىق تەشكىلاتىنىڭ ساغلام ھايات ئۈچۈن تەۋسىيە قىلغان يېشىللىق رايون كىشى بېشغا ئەڭ ئاز 10 مېتىر كۋادرات بولۇپ، چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ يېشىللىق رايونلارغا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. بۇرۇن يېشىل گۈل- گىياھلار بىلەن بېزەلگەن تەشتەكلىك ھويلىلاردا، ئورمان- كۆكتاتلار بىلەن تولغان مەھەللىلەردە چوڭ بولغان ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ قەددى- قامىتى تەڭرىتاغ قارغايلىرىد...

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ۋە بەدەن ساغلاملىقى

  ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ساغلاملىقى، ئۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېما بىلەن بولغان بىر پۈتۈنلۈكى ۋە تەڭپۇڭلىقى بەدەن ساغلاملىقىمىزنىڭ كاپالىتى بولۇپ، « ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى- ئىممۇنىتېت سىستېمى » ناملىق يازمىمىزدا دەپ ئۆتۈلگەندەك، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ساغلاملىقىمىزنى قوغدىغۇچى بىر قورغاندۇر. ھەقىقىي كېسەللىك بۇ قورغاننىڭ يىقىلىشى بىلەن باشلايدۇ. بۇ سىستېما تاشقى دۇنيا ۋە ۋۇجۇدىمىزدىكى پۈتۈن ئۇچۇرلار، مەلۇماتلار ۋە ئاخپاراتلار ساقلانغان DNA (گېن) مىز بىلەن بىۋاستە ئالاقە قۇرغان بولغاچقا، بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئالدى بىلەن ناتەبىئىي نەرسىلەرنى دۈشمەن دەپ بىلىپ ئۇنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بەدىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. بىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، دۇنيادىكى پۈتۈن تەبىئىي ئورگانىزملارنىڭ ئۇچۇر- مەلۇماتلىرى، ئەمەلىي ھاياتتا قولغا كەلگەن تەجرىبىلەر ئاتا - ئانىمىزنىڭ گېنى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز بۇلارغا قارشى تۇغما ( innate ) قابىلىيەتكە ئىگە. شۇڭا تاش- تۇپراق يېسەكمۇ، ئۇلار تەبىئىي بولغان ئەھۋالدا بۇ سىستېما ئۇنى دوست دەپ بىلگەچكە بەدىنىمىزگە زىيان قىلمايد...

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار مەسىلىلەرگە چارەمۇ؟

  گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ( گ. ۆ. ج ) نى بازارغا سۇنۇۋاتقان بىئوتېخنىكا شىركەتلىرى گ. ۆ. ج لارنىڭ يېزا- ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش، مەھسۇلاتلارنىڭ ھەرخىل قاتتىق  ئىقلىم شەرتلىرىگە بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى ئاسان بۇزۇلۇپ قېلىشتىن قوغداش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىستېمال ئۆمرىنى ئۇزارتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھاشارەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئاچارچىلىقىغا چارە بولىدىغانلىقىنى، ئىنسانىيەتكە بەخت ۋە سائادەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى جار سالماقتا. شۇ بىر  ئېچىنارلىق ھەقىقەتكى دۇنيادا ھەركۈنى 3000 دەك ئىنسان ئاچارچىلىقتىن ئۆلمەكتە. ھەر سېكۇنتتا بىر نارسىدە بالا  ئاچارچىلىقتىن ھاياتقا كۆز يۇمماقتا.  ئىنسان سۈپتىمىز بىلەن بىزدىكى بەدەن، روھ ۋە تۈرلۈك  ئىجتىمائىي كېسەللىكلەرنىڭ تېگىدە، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە يۈز بېرىۋاتقان بالايى- ئاپەت، يىغا- زارىنىڭ ئاستىدا بۇ بىگۇناھ بالىلارنىڭ ئاھۇ- زارى، ئىنسانلارنىڭ تويماس ئارزۇ- ئارمانلىرى، ساقسىز ئاڭ- چۈشەنچىلىرى، خاتا تۇرمۇش پىچىملىرى ياتماقتا. ئەمما گ. ۆ. ج لار، تې...

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلارنىڭ زىيىنى يوقمۇ؟

  بىلىم ئېھتىمالىقلار ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان بولۇپ، بىر يېڭى قىياس ( hypothesis    ) نىڭ قوبۇل قىلىنىشى ياكى رەت بولىشى ۋەياكى ئاغدۇرۇۋېتىلىشى ئۈچۈن قولىنىلىدىغان ستاتىستىكىلىق سىناقلارنىڭ ئېھتىماللىق قىممىتى بولغان P نىڭ خاتالىق پېيى %5 تىن كىچىك بولىشى كېرەك.  يەنى ئىلمىي تەتقىقاتلار باشلىنىشتىن ئاۋۋاللا %5 لىك خاتالىقنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا چىققان تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى مۇتلەقلىق ئىپادە قىلمايدىغان بولۇپ، كىم بۇ نەتىجىلەر ئۈستىدىن كەسكىن، مۇتلەق ھۆكۈملەر چىقارسا ئىلمىي بولمىغان، ئۆزىنى بىلەلمەي چوڭ گەپ قىلغان بولىدۇ. بولۇپمۇ تەجرىبىخانلاردا سىناق قىلىش مۇمكىن بولمىغان، سىناق ئوبيېكتى ئىنسانلار بولغان ئىجتىمائىي پەنلەردە بۇ نۇقتا تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، بۇ يەردىكى يۈزدە بىرلىك  خاتالىقمۇ بىر جەمئىيەت ياكى ئىجتىمائىي گۇرۇپپىنىڭ  يۈز يىللىق ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ ئۇلارغا تولۇقلاش تەس بولغان پالاكەتلەر ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ بەدەن ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقىمىزنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن توغرىلارغىلا ئەمەس، مۇتلەق توغرىلارغا يەنى ھەقىقەتلەرگە، ھېكمەتلەرگە ئېھتىياج...