دۇنيادا ھەممىدىن «تەبىئىي»نى تاپماق تەس
ساغلاملىقنىڭ سىرى تەبىئىيلىككە كۆمەگلىك. دەۋرنىڭ تەرەققىياتى، زامانىۋىلىشىش قالپىقى ئاستىدا تەرەققىي قىلغان تەبىئىيلىككە، تەبىئىي قەدىمقى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا زىت سانائەت، يېزا- ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى، پەقەت ۋە پەقەت پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلغان ئاڭ ۋە بۇ ئاڭنىڭ تەسىرىدە كۆزى كۆر بولغان ئىنسانلار تۈپەيلى « تەبىئىيلىك» دېگەن ئۇقۇم، تەبىئىي ياشاش ئەندىزىسى، تەبىئىي مەھسۇلاتلار بۇ تەتۈر قۇيۇنلار تەرىپىدىن ئۇچۇرۇلۇپ چۆللەرگە، ئىنسان ئايىقى باسمىغان تاغۇ- بوستانلارغا كۆمۈلۈپ كەتمەكتە، ئىنسانلار تەرىپىدىن تىرىك كۆمۈلمەكتە. تەبىئىيلىكتىن مەھرۇم قالغان ئىنسانلار ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ، ئۆزىنى كېسەل قىلىۋاتقان دۈشمەننىڭ ئەسلىدە ھەركۈنى ئىستىمال قىلىۋاتقان يېمەك- ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تېڭىرقىماقتا، دۈشمەننى بىلەلمەي ئۆز- ئۆزىگە ئوق ئاتماقتا. ئەسلىدە ساغلاملىق چولپىنى داستانلىرىنى يازغان، تەبىئىي ھايات قېلىپى بىلەن بىزگە چۇڭقۇر ئىزلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەر نەرسىسى تەبىئىي ئىدى. تەبىئىي بولغاچقا خاراكتېرىدە بىر...