ئېلېكتىرتور ساغلاملىقى ھەققىدە - 2
ئېلېكترونلۇق ئويۇنلار ۋە توردۇنياسىدىكى سېھىرلىك مەزمۇنلار پەرزەنتلىرىمىزنى ئائىلە باغرىدىن يۇلۇپ ئىلىپ ئۆزىنىڭ مەۋھۇم قوينىغا ئاتماقتا. ئۇلارنىڭ ئۆيى توردا، دوستلىرى توردا، مەكتىپى توردا ۋە ئوينى توردا بولۇپ، قارشىسىدىكى ئۇ سوغۇق ئېكرانىدىن يىڭى قۇرۇلغان بۇ توردۇنياسىغا غەرق بولماقتا. بۇ مەۋھۇم دۇنيانىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ بەزىلىرى ئېلېكتروماگنىت دولقۇنلىرىنىڭ تەسىرى ۋە ھەرىكەتسىز ھايات قېلىپنىڭ سەۋەبىدىن ۋۇجۇد ئاغرىقى، كۆز قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، سېمىزلىك، ئۇيقۇسىزلىقتەك بەدەن ساغلاملىقى مەسىلىلەرگە دۇچار بولسا، بەزىلىرى ئاسان تىركىش، قايغۇ، چۈشكۈنلۈك ۋە تورخۇماردەك روھى پىسخىكىلىق كېسەللەرگە گېرىپتار بولماقتا. نۇرغۇنلىرى بۇلارنى بىر رېئاللىق دەپ قوبۇل قىلۋالماقتا ۋە ئۇ مەۋھۇم دۇنيادىن رېئال ھاياتقا قايتىش نىيىتى ۋە پىلانى يوق. يۈزتۇرانە ئالاقىلىشىش، ئۆزنى ئىپادىلەش، قارشى تەرەپنى چۈشنىش، ئۆز- ئارا سۆيگۈ- مۇھەببەت ئىزھار قىلىش قاتارلىق ئىجتىمائىيلىشىش قابىلىيەتلەردىن مەھرۇم چوڭ بولىۋاتقان بۇ نەسىللەرنىڭ زېھنىدە ئائىلە، توپلۇلۇق ۋە جەمئىيەت دىگەندەك ئۇقۇملار مۇجمەل بولۇپ، گەرچە تورد...