Kayıtlar

Haziran, 2022 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

يېمەكلىك بىخەتەرلىك قوراللىرى-1

ھەر ئىشنىڭ بىر قائىدىسى ۋە ئۇسۇلى بار. ئۆپكە- ھىسىپنى ئېلپ قاچقان بۈركۈتكە قاراپ « ئۇنى ئەپقاچقان بىلەن بەرىبىر قۇيۇپ يېيەلمەيسەن، ئۇنى قويۇشنىڭ رېتسىپى قوينۇمدا» دەپ توۋلىغان نەسىردىن ئەپەندىم قائىدە - ئۇسۇلنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن قائىدە- ئۇسۇلنىڭ ئوخشاشمىغان تۈردىكىلەرگە ئوخشاش مەنە ئىپادە ئەتمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى كۆزدىن قاچۇرغان. باشقىلارنىڭ قائىدە - تۈزۈمگە رېئايە قىلىپ قىلماسلىقىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن ئاۋۋال، ساغلاملىقىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، باشتا ئۆزىمىز ساغلاملىق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قوراللىرىنى ئۆگۈنۈپ كۈندىلىك ھاياتىمىزدا تەتبىق قىلشىمىز لازىم. « يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى » دە  دېيىلگەندەك، « « ئېتىزدىن داستىخانغا قەدەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى» سىتارتىيگىيسى بىزگە ھەققىي ساغلاملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن « ئۇرۇقتىن قورساققا قەدەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى » پرىنسىپى بىلەن يېمەكلىك بىخەتەرلىك قوراللىرىنى بېكىتىپ چىقىشىمىز لازىم. بۇ يەردىكى مەقسەت كۆرۈنۈشتە ساغلامدەك كۆرۈنگەن يېمەك-

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى

  بىر جەمئىيەتتە خەلقنىڭ ماددىي ۋە جىسمانىي خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، ئىنسانلارنىڭ مال- مۈلكىنى ئوغرى- يالغاندىن ئاسراش ئۈچۈن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم بولغانغا ئوخشاش، يېمەك- ئىچمەكلەر ئىنسان بەدىنىگە ئوزۇق، قوسىقىغا تاماق ئەمەس، ساغلاملىقىغا توزاق بولىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئوغرى- قاراقچىلار ئۆزىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن نىقاپ- ماسكا تاقاش ئەمەس، بوينىدا گالىستۇك، ئۈستىدە شىم- كاستۇم بىلەن ئارىمىزدا كەڭ- كۇشادە يۈرىدىغان بولۇپ كەتكەن شۇ پەيىتلەردە، ئەڭ مۇھىمى ئوغرى- قاراقچىلارنىڭ جەمئىيەت ئەربابلىرى ۋە خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن ئىش تۇتقان كۈنىمىزدە بىر يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا، يېمەكلىك بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ۋە يېمەكلىك خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى قەلبىمىزگە يەرلەشتۈرۈشكە نەقەدەر ئىھتىياجىمىزنىڭ بارلىقى ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان بىر ھەقىقەت. بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش، ئىنسانلارغا  بۇ خەۋپسىزلىك ئېڭىنى سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە 6 - ئاينىڭ 7- كۈنى « دۇنيا يېمەكلىك بىخەتەرلىك كۈنى » دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ( WHO ) 2019-

تاماق مۇ، ساغلاملىققا توزاق مۇ ؟

  موتورلۇق قاتناش قوراللىرى بېنزىن بىلەن ھەرىكەتلىنىپ، فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرغانغا ئوخشاش، ئىنسان بەدىنىمۇ يېمەك- ئىچمەكسىز كۈچ - قۇۋۋەت تېپىپ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. « قۇرۇق تاغا ئۆرە تۇرماس» بولغاچقا، ئاشقازىنىمىزدىن ئىبارەت بۇ تېگى تۆشۈك تاغارنىمۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە زامانلاردا، بەلگىلىك تاماق بىلەن ئىچىنى ئۇستىلىق بىلەن تولدۇرمىساق، ئىنساننىڭ ئۆرە تۇرۇشى، ھەتتا يېتىپ ئۇخلىشىمۇ تەس. ئۇخلىغان تەقدىردىمۇ چۈشىدە قوسىقى ئىچىپ ئويغىنىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. كىرسىن ئايروپىلانلارنى ھاۋادا پەرۋاز قىلدۇرالمايدىغان، سۇ قېتىلغان بېنزىن موتورنى ئىشتىك كاردىن چىقىرىدىغان بولغاچقا، بىزنىڭ كۈندىلىك يېمەك- ئىچمىكىمىز تەبىئىي، پاكىز، يىڭى بولمىغان تەقدىردە بىزگە ئوزۇق، ئېنېرگىيە بولۇش بىر يەردە تۇرسۇن ، بىزنى كېسەل، پەرىشان قىلىشى ، ھەتتا زەھەرلەپ جېنىمىزغا زامىن بولىشى مۇمكىن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە  CDC نىڭ ھىساپلاشلىرغا قارىغاندا ئامېرىكىدا  ھەر يىل76مىليونغا يېقىن ئىنسان يېمەكلىكتىن زەھەرلىندىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 325000 دىن ئارتۇق كىشى دوختۇرخانىلىق ۋە 5000 دىن ئارتۇق كىشى ھا

تەبىئەت بىمار، قايدا دوختۇر؟

تەبىئەت ئەلمىساقتىن پۈتۈن ئېلېمىنتلىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ بۈيۈك شىپاخانىسى ئىدى. ئىنسان بەدەن ۋە روھىنى بىر تەرەپتىن تەبىئىي ئوزۇق ۋە ساپ ھاۋاسى بىلەن ئوزۇقلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەبىئىي ئوت- چۆپ، دورا- دەرمەكلىرى بىلەن دەردلەرگە داۋا، كېسەللەرگە شىپا ئىدى. ئەمدىلەردە كېسەل ئازغۇنلۇشۇپ دوختۇرغا تىغ كۆتۈرۈپ ئۇلارنى كېسەل قىلغانغا ئوخشاش، ئىنسانلارمۇ ساراڭلارچە ئۆز قولى بىلەن بۇ شىپاخانىنى بۇزۇپ چىقىپ، ئورنىغا ئىچى شىپا ئەمەس كېسەللىكلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بىمارخانەلەر سالماقتا. بىمارلارنى ياتاققا چۈشۈرگەن مىكروب مىسالى، ئىنسانلار تەبىئەت ياللۇغىغا سەۋەبچى بولىۋاتقان ئەڭ چوڭ ۋىرۇس. پەقەت شەخسىي مەنپەتنى ئۈچۈن ئورمانلارنى ئۆلتۈرۈپ، تۇپراقلارنى زەھەرلەپ، دېڭىز- ئوكيانلارنى بۇلغاپ، ھايۋانلارنى قانلىق قولى بىلەن بوغۇۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلار بۇ تەبىئەت تىرورىزىمىنىڭ باش تىرورىستى. ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز شەكىلدە بۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغان، ئاغزىدىن چىققان ئەپسۇنلارغا مەس بولۇپ پەسلىشىۋاتقانلارمۇ ئۇلارنىڭ قول- چوماقچىلىرى ۋە شايكىلىرىدۇر. تەبىئەت شۇئان ئېغىر بىتاب. ئەگەر ئىنسانلار

ئىقلىم بومبىسى، ئاتوم بومبىسىنىڭ بوۋىسى

ئىلىم- پەننىڭ تەرەققىياتى ، ئىنسان ئەقىل قۇۋۋىتىنىڭ ئىشىشىغا تەتۈر تاناسىپ بىر شەكىلدە تەبىئەتنىڭ ساغلاملىقى كۈنسىرى ئارقىغا چىكىنمەكتە. تەبىئەتنىڭ تەبىئىتى ئۆزگىرىپ ، خىمىيىلىك تەركىبى بۇزۇلۇپ ئىنسان ساقلىقىغا بىر دۈشمەن، ئىنسان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەييار، پارتلاشقا ھازىر بىر بومبىغا ئايلانمىش ۋەزىيەتتە. بۇ بومبا تەبىئەتنىڭ مۇھىم ئۇنسۇرلىرى  بولغان سۇ، تۇپراق، ھاۋا، قۇياش ۋە دېڭىز- ئوكيانلارغا كۆمۈلگەن بولۇپ، ھايات چەمبىرىكى ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ئۆزگەرگەنلىكى تۈپەيلى ۋىرۇس، باكتېرىيە، پارازىت، زەمبۇرۇغ، پاشا، چىۋىن ۋە ياۋايى جانلىقلارنىڭ ھەربىرى بۇ بومبىلارنى ئۈستىگە تاڭغان بىر جىنى بار بومبىغا ئايلانماقتا. بۇ بومبىلار يېقىنقى زامانلاردا ئوخشاشمىغان رايونلاردا، پەرقلىق شەكىلدە ۋە پەرقلىق كۈچ- قۇۋۋەتتە پارتلاپ، نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئاددىي تەبىئەت ھادىسەسى بولماستىن،  ئەسلىدە  بىر تەبىئەت تىرورىزىمىدۇر. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 7- ئاپرىل« دۇنيا سەھىيە كۈنى» ھارپىسىدا  117 دۆلەت ۋە 6000 دىن كۆپ شەھەرنىڭ ھاۋا ساپاسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىن