ئۇچۇرنىڭ پارتىلىشى ، بۇلغىنىشى ۋە ساقلىقنىڭ بۇزۇلۇشى
ئىنسانلىق تارىخىدىكى ھەر دەۋرنىڭ ئۆزگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار بولۇپ، ھەر دەۋر ئىنسان تۇرمۇشىغا، ئاڭ - تۇيغۇسىغا ۋە ساغلاملىقىغا ھەم مۇسبەت ھەم مەنپىي تەسىرلەر ئىلىپ كەلمەكتە. گەرچە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بولسىمۇ، بۇ يەردىكى « تەرەققىيات » ئۇقۇمى ناھايىتى مۇجمەل بىر تەرىپ بولۇپ، تەرەققىياتقا ئوخشاش بولمىغان بۇرجەكتىن قارىسىڭىز پەرقلىق نەتىجىلەرگە ئىگە بولىسىز. ئەگەر جەمئىيەت تەرەققىياتىغا جەمئىيەتنىڭ ۋاستىسى بولغان ئىشلەپچقىرىش قورالى تەرىپىدىن قارىسىڭىز ھەقىقەتەن ئۇزلىكىسز تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر رەسىمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن مەس بولۇپ ئەس - ھۇشىڭىزنى يوقۇتۇپ قويشىڭىز تۇرغانلا گەپ. ئەگەر جەمئىيەت تەرەققىياتىغا جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى بولغان ئىنسان ۋە ئىنساننىڭ مەنىۋىي تەرىپىدىن قارىسىڭىز بۈيۈك چېكىنىشنى كۆرۈپ قورقىدىن شۈركىنىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. قاچان جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى بولغان ئىنساننىڭ مەنىۋى تەرەققىياتنى ئاساس غايە قىلغاندا بۇ تەرەققىيات ئىنسانغا بەخت - سائادەت، خۇشال - خۇراملىق ئىلىپ كېلىدۇ. قاچان جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى جەمئىيەتنىڭ ۋاستىسى بو