گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلارنىڭ زىيىنى يوقمۇ؟

 بىلىم ئېھتىمالىقلار ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان بولۇپ، بىر يېڭى قىياس (hypothesis   ) نىڭ قوبۇل قىلىنىشى ياكى رەت بولىشى ۋەياكى ئاغدۇرۇۋېتىلىشى ئۈچۈن قولىنىلىدىغان ستاتىستىكىلىق سىناقلارنىڭ ئېھتىماللىق قىممىتى بولغان P نىڭ خاتالىق پېيى %5 تىن كىچىك بولىشى كېرەك.  يەنى ئىلمىي تەتقىقاتلار باشلىنىشتىن ئاۋۋاللا %5 لىك خاتالىقنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا چىققان تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى مۇتلەقلىق ئىپادە قىلمايدىغان بولۇپ، كىم بۇ نەتىجىلەر ئۈستىدىن كەسكىن، مۇتلەق ھۆكۈملەر چىقارسا ئىلمىي بولمىغان، ئۆزىنى بىلەلمەي چوڭ گەپ قىلغان بولىدۇ. بولۇپمۇ تەجرىبىخانلاردا سىناق قىلىش مۇمكىن بولمىغان، سىناق ئوبيېكتى ئىنسانلار بولغان ئىجتىمائىي پەنلەردە بۇ نۇقتا تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، بۇ يەردىكى يۈزدە بىرلىك  خاتالىقمۇ بىر جەمئىيەت ياكى ئىجتىمائىي گۇرۇپپىنىڭ  يۈز يىللىق ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ ئۇلارغا تولۇقلاش تەس بولغان پالاكەتلەر ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ بەدەن ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقىمىزنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن توغرىلارغىلا ئەمەس، مۇتلەق توغرىلارغا يەنى ھەقىقەتلەرگە، ھېكمەتلەرگە ئېھتىياجىمىز بار.  مۇتلەق توغرىلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن توغرا مەنبەلەردىن پايدىلىنىش ۋە زاماننىڭ ئىسپاتلىشىغا بوي سۇنۇشتەك مەجبۇرىيىتىمىز بار. بىلىم ئۆتكۈنچە توغرىلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، زامان ئۇنىڭ ھەقىقەت بولۇپ بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. مەسلەن، بىلىم دۇنياسىدا < نىرىپ ھۈجەيرىلىرى يېڭىدىن ئۆسمەيدۇ > دېگەن ئۇ دەۋرنىڭ توغرىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ 70 يىلدىن كېيىن ئەسلىدە نىرىپ ھۈجەيىرىلىرىنىڭمۇ يېڭىلىندىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەت ئىسپاتلاندى. يەنە ئەينى ۋاقىتتا ئېينىشتىيىننى ئۈركۈتۈپ ئۇنىڭ  قارشى چىقىشىغا دۇچ كەلگەن < كۋانت مېخانىكىسى> نىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى 80 يىلدىن كىيىن ئىسپاتلىغانلار، كۈنىمىزدە 2022- يىلىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇڭا مەيلى توغرا بولسۇن ۋەياكى خاتا بولسۇن زاماننىڭ بىزگە تەقدىم قىلغان بۇ ھەقىقەتلىرىنى قوبۇل قىلماي، ئۆتكۈنچە توغرىلارنىڭ كەينىدىن ماڭساق تارىخ تەكرارلىنىدۇ، پۇرسەتلەر قولدىن كېتىدۇ. چۈنكى ئىنسان ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ھاياتى قىسقا بولغاچقا، جىق خاتالىق قوبۇل قىلىش ئىمتىيازى يوقتۇر.  ئىنسانىيەت تارىخىغا نىسبەتەن تولىمۇ يىڭى ھادىسە ھېسابلىنىدىغان گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلارغا قارىتا تەمكىن پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىش يۇقىرىدىكى سەۋەبلەردىن تۈپەيلى ئىلمىيلىك شۇنداقلا پاراسەتلىكتۇر.

بىلىم دۇنياسىدا گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلارغا قارىتا نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلارغا  ئاساسلانغاندا گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلاردىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا چوڭ خەتىرى يوق ئىكەنلىكىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىلمىي تەجرىبىلەرگە ئېھتىياجى بار ئىكەنلىكىدە ھەم پىكىر.  بىر تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئىلمىيلىك دەرىجىسى ۋە توغرا- خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن تەتقىقاتلارنىڭ لايىھەسى، تەتقىقات ئۇسۇلى ، تەتقىقات ۋاقتى، ئىشلەتكەن  ئۆلچەم بىرلىكى، بېكىتىش - قارار بېرىش ئۇسۇلى، نەتىجىلەرنى شەرھىلەش ۋە بۇ تەتقىقاتلارنىڭ پايدا- مەنپەت مۇناسىۋىتى قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق باھالاش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. تۆۋەندە بۇلارغا قاراپ چىقايلى. 

بىر تەتقىقاتنىڭ لايىھەسى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، تەتقىقات باشلاشتىن ئاۋۋال تەجرىبىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان پۈتۈن ئامىللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەجرىبە ئېلىپ بېرىلىدىغان سەۋەب سىرتىدىكى ئامىلنىڭ ئوخشاش بولىشىغا دىققەت قىلىنىشى، ئەگەر سىرتتىن بىر كۈچ ۋەياكى بىر تەسىر قوللىنىدىغان بولساق بۇ كۈچ پۈتۈنلەي بىزنىڭ كونتورۇللىقىمىزدا بولىشى لازىم. گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار (گ. ۆ. ج )  ئۈستىدە ئېلپ بېرىلىدىغان تەتقىقاتلار ئىنسانلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكى بىلەن مۇناسۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك يېمەك- ئىچمىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان پۈتۈن ئامىللارنى بېكىتىپ چىقىش، شۇنداقلا ئۇنى ئوخشاش بىر ئاساسقا ياكى ئەندىزىگە قويۇش ناھايىتى تەس. بۇ خىل ئەھۋاللاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تەجرىبىلەرنى ھايۋان مودېللىرىدا سىناق قىلىشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، لېكىن گ. ۆ. ج گە باب كېلىدىغان ھايۋان مودېللىرى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە گېن يۆتكەش پۈتۈنلەي بىز كونترول قىلالايدىغان بىر جەريان ئەمەس بولۇپ، دۇنيا دېھقانچىلىق ۋە يېمەكلىك تەشكىلاتى (Food and Agriculture Organization, FAO ) بۇ سەۋەبلىك گ. ۆ. ج بىلەن مۇناسۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن خەتەر ۋە بىخەتەرلىك  باھالىشى ئېلىپ بېرشىنى تەۋسىيە قىلىش بىلەنلا قالماي بۇ باھالاشنىڭ ھەر تۇپراق، ئىقلىم ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئۈچۈن ئايرىم- ئايرىم ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. نۆۋەتتە بولۇۋاتقىنى جونسونغا زىيان قىلمسا مەمەتكىمۇ زىيان قىلمايدۇ ، دېگەندىن باشقا بىر نەرس ئەمەس.

« زامانىۋى دورا مۇ؟ دورا ئۆسۈملۈكلەر مۇ؟» تېمىسىدىكى ماقالىدە دەپ ئۆتۈلگەندەك بەزى دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرىنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئۈچۈن ۋەياكى ئەكس تەسىرىنىڭ بايقىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن زامان كېتىدىغان بولغاچقا ، بەزىدە پۇشايمان قىلىدىغان قاچا تاپماق قىيىن بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار مەيدانغا كېلىدۇ. ئەمما نۆۋەتتە 20- 10 يىل كۆزىتىش ئېلىپ بارىدىغان تەجرىبىلەر يوق دىيەرلىك.

گ. ۆ. ج بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردىكى ئۆلچەم < ماھىيەتلىك ئوخشاشلىق> ( Substantial Equivalence) پرىنسىپى بولۇپ، ئەگەر گ. ۆ. ج لارنىڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرى كلاسسىك مەھسۇلاتلارنىڭكىگە ئوخشاش بولسا گ. ۆ. ج لارنىمۇ بىخەتەر دەپ قاراشتۇر. نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار بۇنى گ. ۆ. ج لارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ ئېلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتماقتا. تەبئىي بولمىغان كلاسسىك مەھسۇلاتلارنىڭمۇ ئىنسان ساغلاملىقىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ياقىلاپ كېلىۋاتقان  « ھەكىم ئىزى » نىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇتەتقىقاتلادا ئورتاق بىر ئۆلچەم لايىھەسى قوللىنىلمايدۇ.

بىر  تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى بەلگىلەيدىغان نۇقتىلاردىن بىرسى، بۇلارنى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىتەرەپ بولىشى، ھېچقانداق پايدا - مەنپەت مۇناسىۋىتى بولماسلىقى ۋە بۇ نۇقتىنىڭ ماقالىدە ئەسكەرتىلىشى لازىم. Domingo قاتارلىقلار 2006 - يىلدىن كېيىنكى تەتقىقاتلارنىڭ كۆپى  بىئوتېخنىكا شىركەتلىرى تەرىپىدىن بىۋاستە ۋەياكى ۋاستىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا  دىققىتىمىزنى تارتماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنپىي قاراش بىلدۈرگەنلەرنىڭ بىلىمگە زىت بىر شەكىلدە جازالىنىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەت ئىنسانلارنىڭ  مۇسبەت تەتقىقاتلارغا بولغان گۇمانلىرىنى ئاشۇرماقتا.

خەۋىپنى ھازىرقى تەتقىقات ئۇسۇللىرى، ئۆلچەش ئەسۋابلىرى بىلەن تېپىپ چىقالماسلىق خەۋپنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. بار بولغاننى كۆرمەسلىكمۇ ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. پرىنسىپىمىز: ئوزۇقلارنىڭ تەبئىي بولۇشى، ۋۇجۇدىمىزدا ئورنى بولۇشى، قەلبىمىزدە تاج تىكلىشى! 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى