Kayıtlar

Kasım, 2023 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

شېكەرگە قارشى تەدبىر

  شېكەر بەدەن ۋە روھ ساغلاملىق جېڭىدە بىزنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز بولۇپ ، ئەگەر بۇ جەڭدە بىز شېكەرگە قارشى تۇرۇپ شېكەرنى تاشلىمىساق،  شېكەر بىزنى مەغلۇب قىلىدۇ. « تەدبىر ئەڭ ئۈستۈن ئەقىلدۇر » قائىدىسىگە ئاساسەن، بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىپ ساغلام ھاياتقا قەدەم تاشلاشنىڭ ئاچقۇچى پۇختا تەدبىر ئېلىشتۇر. شۇڭا، ئەڭ ئاۋۋال شېكەرنىڭ ئۆزى تاتلىق، زىيىنى ئاچچىق خۇسۇسىيىتىنى، شېكەرنىڭ ئەڭ تاتلىق زەھەر بولۇشتەك ھەقىقەتنى ، سۈنئىي شېكەر ۋە تېتىتقۇلارنىڭ بوينىمىزغا سېلىنغان تاسما كەمەردىن ئىبارەت رېئاللىقنى ، شېكەرنىڭ ئەۋلادلارنى ۋەيران قىلۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئېغىر خەۋپىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، شېكەرگە بولغان « تاتلىق » چۈشەنچىلىرىمىزنى، « قىرتاق » تونۇشلىرىمىزنى ، شېكەرگە تۇتقان « شالتاق » پوزىتسىيەمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز لازىم. چۈنكى تونۇش ئۆزگەرمەي تۇرۇپ تۇرمۇش ئۆزگەرمەس، ئاڭ تۈزەلمەي تۇرۇپ ساراڭ ساقايماس. شۇڭا تونۇشمىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ، غەزەپ - نەپرىتىمزىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن شېكەرنىڭ ماھىيىتىنى ماددىلار ھالىتىدە يىغىنچاقلاپ - تەكرارلاپ ئۆتىشىنى توغرا تاپتۇق. 1- شېكەر ئەڭ تاتلىق زە

شېكەر بىلەن نەسىللەر بولماقتا بەتتەر

  بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ساغلام ئەۋلادلارنىڭ ئىزچىللىقى ۋە غايىلەرنىڭ يېڭى ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ئالىي غايىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن، بىر ئىنساننىڭ چەكلىك ئۆمرى يەتمەيدىغان بولۇپ، بۇلارنى كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش، كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭمۇ بۇ مىراسقا ئىگە چىقىپ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. ماددىي ۋە مەنىۋى كېسەللىكلەر ھەرتەرەپنى قاپلىغان، ئىنسانلار شەخسىي بىتابلىقى سەۋەبىدىن،  كوللېكتىپ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن ، ئىنسانلارغا ھەقىقەتلەرنى خىتاب قىلىشتىن ئاجىز قېلىۋاتقان بۇ دەۋىردە،  كىيىنكى ئەۋلادلارغا گۈزەل ئەخلاق ۋە  ساغلاملىق مىراس قالدۇرۇپ كېتىش،  بىر ئاتا- ئانىنىڭ پەرزەنتلەر ئۈستىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى بولۇپ قالدى. ئاتا - بوۋلىرىمىزغا ، ئۆزىمىزگە ۋە ئەۋلادلارغا بىر نەزەر تاشلايلى! ئاتا - بوۋلىرىمىزدىكى ساغلام ۋۇجۇد، تەڭرى تېغدەك تىك قەددى - قامەت ، قارغايلارغا خاس گۈزەل سۆلەت ، بىر- بىرگە بولغان مېھرى - مۇھەببەت، تىللارغا داستان ئەخلاق - پەزىلەت ۋە كېلەچەككە بولغان ئۈمىت بىزدە

سۈنئىي شېكەر بوينىمىزغا سېلىنغان تاسما كەمەر

  شېكەرنىڭ تەبئىي مەنبەلىرى بولغان ھەسەل، شېكەر قومۇشى، تاتلىق ياڭيۇ ۋە مېۋە - چېۋىلەرمۇ ئىنسانلارنىڭ « يامان » نىيەتلىرى تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ زەھەرلىك قولى تەگكەندىن بۇيان تەبىئىيلىكىنى يوقىتىشقا باشلىدى. يازدا گۈل- چېچەكلەرنىڭ بەرگىلىرى، قىشتا ئۆزى ياسىغان ھەسەللەر بىلەن ئەمەس، سۈنئىي گۈل تالقانلىرى ۋە شېكەر شىرنىلىرى بىلەن بېقىلغان ھەرىلەردىن ھاسىل بولغان ناتەبىئىي  ھەسەل،  ساغلاملىققا شىپا ئەمەس جاپا بولۇشقا باشلىدى.   خىمىيەلىك ئوغۇت ۋە ھەرخىل ھورمون ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن ھازىرقى تاتلىق ياڭيۇ ۋە مېۋە - چېۋىلەر بۇرۇنقىدىن ھەسسىلەپ يوغان ۋە تېخىمۇ تاتلىق. ئادەتتە تەبئىي شېكەرنىڭ رەڭگى قارامتۇل بولۇپ، ئىنسانلار شۇئان پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى كۆزلەپ قارا شېكەرنى گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىد    بىلەن ئاقارتماقتا ياكى ئاق شېكەرگە تەبىئىيلىك ماسكىسى تاقاش ئۈچۈن قارايتماقتا. بۇ قىلمىشلار گەرچە شېكەرنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتكەندەك ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قارىيىپ كەتكەن ۋىجدانلىرىنىڭ سىرىتقا ئەكىس ئېتىش ھالىتىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس، خالاس. ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قارا

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر

شېكەر ئىنساننى  ئېنېرگىيە بىلەن تەمىن ئىتىدىغان ئۈچ ماددىدىن بىرسى بولغان بىلەن،  ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ شېكەرگە بولغان ئېھتىياجى چەكلىكتۇر. مەسىلەن ئىنساننىڭ بىر كېچە ئۇخلاپ ئەتىسى ئاچ قورساق ھالەتتە پۈتۈن قېنىدىكى شېكەر مىقدارى پەقەت 5  گىرام ئەتىراپىدا كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۆلچەنگەن قان شېكىرى 100mg/dl دىن تۆۋەن بولىشى لازىم. ئەگەر ھەر ۋاق تاماقتىن 2 سائەت كېيىن بۇ قىممەت 140mg/dl دىن تۆۋەن بولمىسا،  يېگەن ئۇ تاماق تاماق بولماستىن، ئەكسىچە بەدەنگە نىسبەتەن شېكەردىن ياسالغان توقماقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. چۈنكى مېدىتسىنادا تاماقتىن بۇرۇنقى قان شېكىرى 126mg/dl ، تاماقتىن 2 سائەت كىيىنكى قان شېكىرى 140mg/dl دىن يۇقىرى چىققانلارغا دىئابىت شەپكىسىنى كەيگۈزىمىز. گەرچە نورمال بىلەن بىنورمال ئارىسىدىكى پەرق ئۇ قەدەر ئازدەك كۆرۈنگەن بىلەن،  يىراقنى كۆزلىگەندە بۇ كىچىك پەرق ئىنساننى كېسەللىككە مۇبتىلا قىلىدۇ. بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە،  تاماقتىن بۇرۇنقى قان شېكىرى 100 - 125  ئارىسىدا بولغان تەقدىردىمۇ  يۈرەك تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى 300 ھەسسە ئارتىدىكەن 1 . تاماقتىن كىيىنكى

شېكەرنىڭ ئۆزى تاتلىق، زىيىنى ئاچچىق

شېكەر ، ياغ ۋە ئاقسىل ۋۇجۇدنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە شېكەر ئىنساننىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىغا ئەڭ تىز سۈرەتتە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئىلمېنىتتۇر. دۇنيادىن ئىبارەت بۇ چوڭ دىۋىنىڭ ھەرىكەت قىلىشى خۇددى نېفىتكە باغلىق ھالغا كېلىپ قالغانغا ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن جېدەلنىڭ مەنبەسى نېفىت بولغانغا ئوخشاش ئىنساندىن ئىبارەت بۇ كىچىك دىۋىمۇ شېكەرگە خۇمار بولاقلىق ۋە ھازىرقى پۈتۈن كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىمۇ بۇ « ئاق ماددا » دۇر. نېفىت بايقىلىشتىن بۇرۇن دۇنيا توختاپ قالماي ئۆز ئوقىدا ئايلانغان بولسا، ئىنسانلىق تېخى مىلادى 350 - يىلدىن بۇيان شېكەر قومۇشىنىڭ سۈيىنى پارغا ئايلاندۇرۇپ كىرستال شېكەر ياساشنى بايقاشتىن بۇرۇنمۇ ئۆلۈپ قالماي زامانىۋى ئىنسانلاردىن تېخىمۇ ساغلام ياشاپ كەلگەن ئىدى. دەسلەپكى مەزگىلدە شېكەر ئىشلەپچىقىرىش ئۇ قەدەر جاپالىق ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۇ قەدەر ئاز بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن قاراتەنلىكلەر قۇل قىلىنىپ ئىنسانلىق دەپسەندە قىلىندى ۋە بۇ ئاق ئالتۇن ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەردە سان- ساناقسىز قىزىل قانلار تۆكۈلدى. بۇرۇن بايلىقنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ شېكەر كەم