ئىقلىم سىقىلدى، ساقلىق بوغۇلدى
دۇنيا ئىقلىم ئۆزگىرىشىنىڭ دەھشەتلىك نەتىجىلىرىنى كۆزى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئىقلىمنىڭ ئىچىنىڭ ئاجايىپ سىقىلغانلىقىنى بىر تۈرلۈك تونۇپ يىتەلمەيۋاتقان بىر پەيىتتە، كانادادىكى Meritt ئىسىمىدىكى بىر دوختۇر ئىقلىم ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا ئېغىر خەۋىپلەرنى ئېلىپ كېلىپ بىز بىلمەيدىغان كېسەللەرگە ۋە شىكايەتلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەچكە، يېقىندا نەپەس قىيىنلىقى بىلەن كەلگەن بىر بىمارغا دۇنيادا تۇنجى قېتىم « ئىقلىم ئۆزگىرىشى » دىئاگنوزنى قويدى. ئۆپكە ياللۇغى، يۈرەك زەئىپلىكى ، زىققا ئەمەس، ئىقلىم ئۆزگىرىشى. ئىقلىم ئۆزگەردى دېمەك، بىزنىڭ ھاياتىمىز ۋە ساقلىقىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان شەرتلەر ئۆزگەردى دېمەك. چۈنكى نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى تەبىئەت بىلەن ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەردەك ياشاپ ، ئىقلىمنىڭ خۇي- پەيلىگە قارتا ماكان، تۇرمۇش، بەدەن ۋە مەدەنىيەت بەرپا قىلغان ئىنسانلارنىڭ بۇ ئۆزگىرىشىگە قىسا ۋاقىتتا كۆنەلىشى ، بەدىنىنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا نەتىجە كېسەللىك ۋە پالاكەتتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ھەكىم ئىزىغا تۇنجى قەدىمىمىزنى ئا...