Kayıtlar

Ağustos, 2021 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

سەلدە ساقلىقىمىز بوغۇلمىسۇن

  دۇنيادا يۇز بىرىۋاتقان ھادىسىلەرگە، ئادالەتسىزلىكلەرگە، ئېگىز- پەسلىكلەرگە چىدىمىغان دۇنيانىڭ بىر تەرەپتىن تىمپۇراتۇرسى ئۆرلەپ، بىر تەرەپتىن توختىماي ئاققان كۆز ياشلىرى سەل بولۇپ دۇنيانىڭ پەرقلىق يەرلىرىنى يۇتماقتا. سەل ئاپىتى دۇنيادا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تەبىئىي ئاپەت بولۇپ، تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلى ئۆلۈملەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى سەل ئاپىتى ئىگەللەيدۇ. تەبىئىي ئاپەتكە باغلىق مال - مۈلىكلەرگە كەلگەن زىياننىڭ %40 سەل ئاپىتى تۈپەيلى بولىدۇ. 1   سەل ئاپىتىنىڭ ساقلىقىمىزغا بولغان تەسىرىنى قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك دەپ ئۇچ دەۋرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ساقلىقىمىزغا بولغان قىسقا مەزگىللىك تەسىرى سۇدا تۇنجۇقۇش، يارىلىنىش، توڭلاپ قىلىش، سۇ ھايۋانلىرىنىڭ چىقىۋېلىشى، قۇتقۇزۇش جەريانىدا سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئۆلۈمى ۋە سەھىيە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ۋايران بولىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ئوتتۇرا مەزگىلدە، يارىلارنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە ئاسارەتلىرى، ھەر خىل زەھەرلىنىش، پىسخىكا بۇزۇقلىقى ، يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە ئاچارچىلىق ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. ئۇزۇن مەزگىلدە ، سەل ئاپىتى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، مېيىپلىك ۋە

ئورمان ئوت ئاپىتى، ساقلىقىمىزنىڭ يوق تاقىتى

  ئورمان ساقلىقىمىزغا قورغان، ئەمما ئورماندا ئوت ئاپىتى يۇز بەرگەندە بۇ قورغاندىن يۈكسەلگەن ئوت ۋە تۇمان ھاياتىمىزغا تەھدىت. ئورمان ئوت ئاپىتىدە پەيدا بولغان تۇمان پەقەت بىر ئىس- تۈتەك بولماستىن ئورمان ئىچىدىكى نۇرغۇن جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان كۆپ خىل ماددىنىڭ ئەبجەشى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە زەررە پارچىلار، CO2 ، سۇ ھورى، CO ، ھىدروكاربون، ئورگانىك خىمىيىلىك ماددا ۋە نىتروگېن ئوكسىد ( Nitrogen oxides   ) بار. 1 بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان زەررە پارچىلار بولۇپ ئۇ تاكى ئۆپكىلىرىمىزنىڭ پۇۋەكچىلىرگە قەدەر بېسىپ كىرىپ ساقلىقىمىزغا تەھدىت ئىلىپ كەلمەكتە. تۇمان بەدىنىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە، بەدىنىمىز ياش ۋە تىخىمۇ كۆپ شىللىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ ۋۇجۇدىمىزنى قوغداشقا تىرىشىدۇ.   بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆزىمىز ياشاڭغىراپ، بۇرنىمىزدىن سۇ ئېقىپ، گىلىمىز قىچىشىپ، بېشىمىز چىڭقىلىشقا باشلايدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس يولى ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بولغان كېسەللىكلەرنىڭ ئەھۋالىدا تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىش يۈز بېرىپ بەزى ئىنسانلارنىڭ

ئورمان ساقلىقىمىزغا قورغان

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدە ، دۇنيانىڭ ئۆپكىلىرى كۆيۈپ كۈل بولسا، بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ بىزنىڭ يۈرەكلىرىمىز كۆيۈپ كاۋاپ بولدى. ئورمان دېيىلگەندە كۆز ئالدىمىزغا  ئۇزۇن قەد كۆتۈرگەن دەرەخلەر پەيدا بولسىمۇ، ئەسلىدە ئورمان دەرەخلەرنى، چاتقاللارنى، ئۆسۈملۈكلەرنى، مىكروئورگانىزىملارنى، قۇشلارنى، قۇرۇت- قوڭغۇزلارنى، ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، تەبىئىي پەيدا بولغان ۋە ئۇزۇن ھايات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن، ۋە ھەتتا ئۇ يەرنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، جىنى ۋە روھى بولغان بىر ئېكىلوگىيىلىك سىستېما. ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن تىكىلگەن دەرەخلەر ئورمان ئەمەس پەقەت دەرەخزارلىقتۇر. ئۇنىڭ ئورمان بولىشى، يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەن ھەرخىل جانلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ئائىلە، بىرجەمىيەت بولىشى ئۈچۈن 100 يىل بەلكى 1000 يىل كېتىدۇ. بەزى ئورگانلار ئورماننىڭ ئېنىقلىمىسى سۈپتىدە، ئەڭ ئاز يىرىم گېكتار زېمىنغا يېيىلغان، ئىچىدىكى دەرەخلەرنىڭ ئېگىزلىكى 5 مېتىردىن ئۇزۇن بولىشى ۋە ئورمان تاجى ( Canopy ) ئەڭ ئاز %10 نى تەشكىل قىلىشى كېرەك دېمەكتە. بۇ

ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى- 10

  115. كېسەللىكلەرنىڭ باشلانغۇچ يىرى ئاشقازان بولسا، ساغلاملىقنىڭ باشلانغان يىرى ئۈچەي يوللىرىمىز. ئۈچەي يوللىرىمىز ئەڭ بۈيۈك قورغىنىمىز بولۇپلا قالماي خۇشاللىقىمىزنىڭ مەنبەسى.  خۇشاللىق ھورمونى بولغان Serotonin   نىڭ %90 دىن كۆپى ئۈچەيدە ئىشلەپچىقىرىلىپ ئۈچەيدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدە ساقلاغلىق. ئۈچەيلىرىڭىزنى خۇشال قېلىڭكى ، ھاياتىڭىز خۇشاللىققا چۆمسۇن، پىسخىكىڭىز بۇزۇلمىسۇن. 116. ئۈچەيلىرىمىزدىكى   مىكروباكتېرىيەلەر بىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمىز، كېسەللىككە قارشى ئەڭ ياخشى ئىتتىپاقدىشىمىز. ئۇلار قالقانغا ئوخشاش ئۈچەيلىرىمىزنى قوغدايدۇ. ئۇلارنى ھەرخىل دورا ۋە توكسىنلار بىلەن ئۆز قولىمىز ئارقىلىق ئۆلتۈرسەك بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىمكانىمىز يوق. شۇڭا دوستىمىزنى قوغدىشىمىز، ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرشىمىز لازىم. بۇ ئوزۇقلارغا تىبابەتتە پرېبىئوتىك ( Probiotic ) دەيمىز. ساقلىق دېمەك ئۈچەي- باكتېرىيە دوستلۇقى دېمەك بولۇپ ئۇلار ساغلاملىقنىڭ ئۇلى. 117.   بۇ دوستلۇقنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تەبىئىي ئوت- چۆپ ۋە دورا - دەرمەكلەرنى ئىشلىتىڭ. مۇھىم بولغىنى نورمالدا زەھەردىن قىچىپ شىپالىق دورا- ئۆسۈملۈكلەر بىلە