Kayıtlar

Aralık, 2022 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

ئاقسىل ۋە ساغلام ئەۋلاد

ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىنساننىڭ بىئولوگىيەلىك فۇنكسىيەسى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنساننىڭ ھەم ئىجتىمائىي ئېھتىياجى ھەم ياشاش غايىسىدىن بىرى. چۈنكى نۇرغۇن  چوڭ ئىشلار ۋە يۈكسەك غايىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن، بىر ئىنساننىڭ چەكلىك ئۆمرى يەتمەيدىغان بولۇپ، بۇلارنى كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش، كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭمۇ بۇ مىراسقا ئىگە چىقىپ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن كىيىنكى ئەۋلادلارغا گۈزەل كېلەچەك، گۈزەل ئەخلاق ۋە شۇنداقلا ساغلاملىق مىراس قالدۇرۇپ كېتىش،  بىر ئاتا- ئانىنىڭ پەرزەنتلەر ئۈستىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر. « راك مىراس قالمىسۇن »ناملىق يازمىمىزدا دەپ ئۆتۈلگەندەك،  ئىنسانلار ناتەبىئىي  يەپ – ئىچىشى، ساقسىز تۇرمۇش ئەندىزىسى سەۋەبلىك مەيدانغا كىلىدىغان راك گېنى ۋە راكنىمۇ، كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرىدىغانغا ئوخشاش، تەبىئىىي  يەپ - ئىچىش، ساغلام تۇرمۇش ئەندىزىسى بىلەن پەرزەنتلەرگە ساغلام ۋۇجۇد، كۆتۈرەڭگۈ روھ مىراس قالدۇرۇپ كېتىش پۈتۈنلەي مۇمكىن بولۇپ، بۇ تامامەن بىزنىڭ ئىلكىمىزدىكى ئىش. ئىرسىي كېسەللىكلەر ئەسلىدە بىر قانچە ئەۋلاد خاتا تۇرمۇش ئ

يېمەككە دىققەت، ئۆمۈرگە بەرىكەت

  كونىلار«قۇرۇق تاغا ئۆرە تۇرماس» دېيىش ئارقىلىق، يېمەك- ئىچمەكنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى مۇھىم ئورنىنى ناھايىتى ئوبرازلىق شەكىلدە بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىغان. ئۇ زامانلاردا ھەر نەرسىنىڭ تەبىئىي، ساپ ۋە دورا- ئوغا يوق ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغاندا «قۇرۇق تاغا ئۆرە تۇرماس» ھېكمەتلىك سۆز ھېسابلىنىدىغان بولسا، ئوخشاشلا ھازىرقىدەك ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەكلەر  ھاياتىمىزغا بۆسۈپ كىرگەن بىر چاغدا، ئۇ ھېكمەتلىك سۆزگە « ناتەبىئىي يېمەكلىكتە ساغلاملىق بولماس» دېگەننى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنمىغاندا، ھەقىقەت خاراكتېرىنى يوقاتقان بولىدۇ. چۈنكى كۈنىمىزدە ئىنسانلار جىق يەۋېلىپ ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، قورساقتىن ئىبارەت بۇ تاغا يېمەك- ئىچمەكتىن چىرىپ كېتىۋاتىدۇ. ناتوغرا ئىنساندىن سەمىمىيەت، مېھرى- مۇھەببەت ۋە ساداقەت كۈتۈش ئەخمقانىلىق بولغانغا ئوخشاش، مىجەزىمىز ۋە مىزاجىمىزغا يات بولغان ناتەبىئىي ئوزۇقلۇقلاردىن ۋۇجۇدىمىزغا كۈچ، بەدىنىمىزگە ساغلامىلىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىت قىلىش  ئوخشاشلا بىمەنىلىكتۇر. گەرچە بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتى، ئۇلار ياشىغان مۇھىت، مەدەنىيەت، ئىتىقاد ۋە شارائىتتىن ئىبارەت كۆپ خىل ئامى

بەل ئاغرىقى

ئالدىنقى يازمىمىزدا دەپ ئۆتۈلگەندەك ئاغرىق مۇرەككەپ تەركىبىي بولغان بەدىنىمىزنىڭ بىر قارار بېرىش جەريانىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ مېخانىك، پسىخولوگىيەلىك ۋە مۇھىت سەۋەبلىرى بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، ئاغرىقنى تونۇش، بىلىش ۋە تىندۇرۇش قاتارلىقلار ئۇنى ھېس قىلىشتەك قولاي ئىش ئەمەس. بەزىدە ئاغرىق بىزنىڭ ئولتۇرۇپ- قوپۇش شەكلىمىزدىكى خاتالىقلاردىن مەيدانغا كەلسە، بەزىدە بەزى خىزمەت تۈرلىرىنىڭ بىزگە بەرگەن < ئاچچىق سوۋغىتى > بولىشى مۇمكىن. ئاغرىق سەۋەبى بەزىدە مىجەزىمىز ۋە مىزاجىمىزغا زىت ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىز بولسا، بەزىدە ئەزالىرىمىزنىڭ بۇ ئەۋەتكەن سىگنالنىڭ  تېگىدە چوقۇم بىر كېسەللىك بار چۈشەنچىسىنىڭ بىزگە بەرگەن ئەندىشە ۋە تەشۋىشلەرنىڭ نەتىجىسى بولىشى مۇمكىن . كۈندىلىك ھايات ۋە ھەر قايسى ياش گۇرۇپپىلارىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان بەل ئاغرىقى بۇنىڭ تىپىك مىساللاردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  يەر شارىنىڭ ئوقى بولغانغا ئوخشاش ئومۇرتقىمىز بىزنىڭ ئوقىمىز بولۇپ، بەدىنىمىزدىكى پۈتۈن ئورگان- ئەزالارنىڭ خىزمىتى، شۇنداقلا ئىنساننىڭ ھاياتى بۇ ئوق ئەتىراپىدا چۆگىلەپ داۋام قىلىدۇ. ئومۇرتقا سۆ

ئاغرىق، بەدىنىمىزدىن تۇرسۇن ئۇزاق

  « بەدەن ساقلىق تىلى» ناملىق يازمىمىزدا ئېيتىلغاندەك ،  بەدەن ئەزالىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى، بەدىنىمىزنىڭ ساقلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىدىغان ، كېسەللىك ئەھۋالىمىزنى بايان قىلىپ بېرىدىغان بىر بەدەن ساقلىق تىلى بار. بەدىنىمىز چىقارغان تاۋۇشلار بىلەن بىزگە بىر نېمىلەرنى پىچىرلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن. يۆتەللار نەپەس يوللىرىمىزنىڭ ناتەبىئىي ھاۋا، گاز، چاڭ- توزاڭ تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىزگە ۋاقىراۋاتقان بولسا، ھەق تۇتۇشلار، قوساقلاردىكى غۇرۇلداشلارمۇ مىجەزىمىزگە ۋە مىزاجىمىزغا يات نەرسىلەر زۇۋانىمىزدىن ئۆتكەنلىكىنى بىزگە توۋلىماقتا.  ئەزالىرىمىز ئۆزىگە قىلغان ھەقسىز مۇئامىلىلەرگە، ناتوغرا ھەرىكەت ۋە ھايات پىچىملىرىغا بەزىدە ئاچچىقلىنىپ قىزىتمىسى ئۆرلىسە، بەزىدە ھەرخىل ئاغرىقلار بىلەن بىزگە غەزەپ- نەپرىتىنى ئىپادە قىلماقتا. بىز بولساق بۇ ئاچچىقلىنىش ۋە غەزەپ- نەپرىتىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ قولاي بولغان قىزىتما دورىسى ۋە ئاغرىق توختاتقۇچلار بىلەن بۇلارنىڭ ئاۋازىنى بوغاشنى، ئاغرىقلارنىڭ سەۋەبىنى ئەمەس، ئاغرىقلارنى ئۆزىنى داۋالاشنى ماھارەت دەپ بىلىمىز. ئاغرىق مۇتەخەسسىسى ئەزد

ھەرىكەتتە بەرىكەت بار

  ھەرىكەت ھاياتلىقنىڭ بېشارىتى بولۇپ، ھەم ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى ۋە ھەم ھاياتلىقنىڭ غايىسىدۇر. ھەرىكەت ھالىتىدىكى كائىناتقا جۆر بولۇپ ئايلىنۋاتقان پىلانېتالار، كۆك ئاسماندا ئۈزۈۋاتقان بۇلۇتلار، مەيىن شاماللار، لەرزان قانات قېقىۋاتقان ئۇچار قۇشلار، يەردە كۆۋەجەپ ئېقىۋاتقان دەريالار، ئېرىق - ئۆستەڭلەر، يايلاقلاردا ئويناق قوي- پادىلار، قىمىرلاۋاتقان قۇرۇت- قوڭغۇزلار، بىخ سۈرۈۋاتقان ئۆسۈملۈكلەر، يەر ئاستىدىكى ماگمىلار، دېڭىز- ئوكياندىكى بېلىقلار،  ھەتتا ھەربىر ئاتوم ۋە ھەربىر ئېلېكترون ھەرىكەت ھالىتىدە بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرگە قاراپ زېمىندا جانسىز ھىچ بىر شەيئىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئىنسانلارغا قارىساق ھەرىكەتچان تۇخۇم ۋە ئىسپېرم ىنىڭ قوشۇلىشىدىن  پەيدا بولغان تۆرەلمە، كائىناتنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئىلھام ۋە كۈچ - قۇۋۋەت تېپىپ يۈرەك سوقۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن بەدىنىمىزدە بىر ھاياجان ۋە ھاياتلىق باشلايدۇ. ھۈجەيرىلەرنىڭ زەررە ھەرىكىتىدىن توقۇلمىلارنىڭ پائالىيىتى، مۇسكۇللارنىڭ ئۇزىراپ- قىسقىرىشى، ئورگانلارنىڭ سىستېمىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرىكىتىگە كۈچ بېرىدىغان ئىنسانىيەت مەيدانغا كېلىدۇ