ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى - 4
37. تەن ساقلىقى ، روھ خۇشاللىقى ئۈچۈن ھەپتىدە بىر كۈننى ئاچ كەچۈرۈش بىلەن ھەزىم قىلىش سىستېمىسنى تەتىل قىلدۇرۇڭ. شاھابىي دېگەندەك < ئەگەر بولسۇن دېسەڭ ساقلىقىم كۆپ ساز، پەرھىز ئاچقۇچىڭ بولسۇن قىش ۋە ياز. كەم يېسە كىشى ساقلىق بولۇر يار، كۆپ يېسە ساقلىقى ئەلەمدىن، تارۇمار> 38. كۆتۈرەڭگۈ روھ تۇرمۇشنىڭ ئېنېرگىيسى. بۇنىڭغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن پىكىرلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. ئىشلارنىڭ ئىجابىي تەرىپىنى كۆرۈشكە تىرىشىڭ. باشقىلاردىن ئاغرىنىشتىن، باشقىلارغا گۇناھ يۈكلەشتىن ۋاز كېچىڭ. كىشىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭ. گۈزەل ئويدىكىلەر، گۈزەل ئوينايدۇ. 39. ئائىلىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ساغلام ۋە مەسئۇت بولىشىنى ئۈمىت قىلسىڭىز، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ ھايات قېلپىنى، چۈشەنچە ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىڭ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئىش- ھەرىكىتى كىشىدىن كىشىگە يۇقىدۇ. باشقىلارغا ۋىرۇسلا ئەمەس، ساغلاملىق ۋە خۇشاللىقىڭىزنى يۇقتۇرۇڭ! 40. كېسەللىكنىڭ كېرىش ئېغىزى بولغان ئېغىز ۋە چىش ساغلاملىقىڭىزغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. ئەگەر چىش پاستىسىنىڭ ئىچىدىكى پارابەن، تىتانغا ئوخشاش خىمىيىلىك ماددىلاردىن ئەندىشىلەنسىڭىز قۇ...