Kayıtlar

Şubat, 2022 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

بەدەن ساقلىق تىلى

  گالىلېي دېگەندەك:" كائىناتنىڭ تىلى ماتېماتىكا بولۇپ، بۇ تىلنىڭ ھەرپلىرى ئۈچبۇلۇڭ،چەمبەر ۋە باشقا گىئومىتىرلىك شەكىللەردۇر."   بەدىنىمىزدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق مىكرو كائىناتنىڭمۇ كۈندىلىك ئالاقىدا ئاكتىپ ئىشلىتىلدىغان ۋۇجۇد تىلىدىن باشقا، ئەزالىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى، بەدىنىمىزنىڭ ساقلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىدىغان ، كېسەللىك ئەھۋالىمىزنى بايان قىلىپ بېرىدىغان بىر بەدەن ساقلىق تىلى بار. ھەربىر چەتئەل تىلىنى بىر ئېھتىياجدىن تۈپەيلى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆگەنگە ئوخشاش، بۇ بەدەن ساقلىق تىلىنى ئۆگىنىش، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس تاۋۇشلىرىنى ، ئىپادىلەش قۇدرىتىگە باي ھەرپلىرى بولغان شىكايەت- ئالامەتلىرىنى بىلىشمۇ بىزدىن ۋاقىت ۋە تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدىغان، ئەڭ زور بايلىقىمىز بولغان ساقلىقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن شۇئان مۇھىم بىر ئېھتىياج. بۇ تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال كاللىمىزدا بۇ خىل بىر تىلنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يىتىپ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىشنىڭ ساقلىقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن شەرت ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇلارغا قۇلاق سالماي ئەزالىرىمىزنىڭ خىزمىتى بۇزۇلۇپ 10-5 يىلدىن كېيىن پالەچلىكتىن گاچا بولۇپ قالغاندا، بۇل

بەدىنىڭىز بىلەن مۇڭدىشىڭ

ئىبنى سىنا ئېيتقاندەك: « ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقى 1 ئۈچ ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ساق بولۇش، كېسەل بولۇش ۋە نە ساق نە كېسەل بولغان ئۆتكۈنچە ھالەت». قائىدە بويۇنچە، ئىنساننىڭ ساق ھالىتىنىڭ زامانى كېسەللىك ھالىتىدىن ئۇزۇن بولۇپ، بۇ بىر رەخمەتنىڭ ئىپادىسى ۋە دۇنيا ۋەزىپىمىزنى جانلىق شەكىلدە ئىجرا قىلىشنىڭ ، دۇنيا سائادەتىگە ئېرىشىشنىڭ كاپالىتى. شۇنداق بولغاچقا، گەرچە كېسەللىك ھالىتىدىن بەزەن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمىسىمۇئەمما ئۇ نۇقتىغا بېرىشنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ كېسەللىك ھالىتىگە قاراپ مېڭىشىمىزغا سەۋەپ بولىۋاتقانلارنى بىلىۋېلىشىمىز  ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ئۇزۇن بىر ئۆتكۈنچە ھالەت بېرىلمەكتە.  بۇ ئۆتكۈنچە ھالەتنىڭ زامانى بەدەن ساپاسى دەپ ئىسىم قويغان كىشىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى ۋە ئەزالارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى يېڭىلاش قابىلىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەكتە. بۇرۇن شېكەر كېسىلىنىڭ دىئاگنوزىدا بۇ ئۆتكۈنچە ھالەتنى ئىپادە قىلىدىغان بىر دىئاگنوز يوق ئىدى. يېقىنقى زامانلاردا بۇ ئۆتكۈنچە ھالەتكە  شېكەر  كېسىلى ئالدى ( Prediabetic ) ۋەياكى خەلق ئىچىدىكى ئېيتىلىشى

س . ت ئاپپاراتلىرى، راك ئاپەتلىرى

رادىئاتسىيە ئىنسان ساغلاملىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان يوشۇرۇن خەۋپ 1 بولۇپ، بۇنىڭ كۆرۈنمەس بولىشى، ئاستا خاراكتېرلىك ئەكىس تەسىرىنىڭ يىللاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىشى، بولۇپمۇ  راكتىن ئىبارەت ئىنسان ھاياتىغا چىدىغۇسىز قايغۇ- ھەسرەت ئىلىپ كىلىدىغان بۇ ئاپەت خاراكتېرلىك ئەگەشمە كېسەللىكىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىكى تۈپەيلى ئىنسان ئەڭ سەل قارايدىغان قاتىل.  دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىنسانلىقنىڭ چېكىنىشى بىلەن تۇرمۇشىمىزغا بۆسۈپ كىرگەن ھەر خىل ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر، بولۇپمۇ ساغلاملىق تارقىتىۋاتقان دوختۇرخانىلاردىكى ھەر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى رادىئاتسىيىدىن ئىبارەت بۇ قاتىلنىڭ كۈچىگە كۈچ، سۆرۈن تەلەتىگە چىرايلىق ماسكىلار سۇنماقتا. رادىئاتسىيە ئوخشاشمىغان مېخانىزملار بىلەن ئىنسان بەدىنىدە كېسەللىك پەيدا قىلماقتا 2 بولۇپ، نورمال شەرتلەردە تارتىلغان ( mSv 20-2 ) CT فىلىملىرىنىڭ چوڭلاردا ئۆمۈر بويى راك پەيدا قىلىش نىسبىتى 2000 كىشىدە بىر. بۇ نىسبەتنى تۆۋەن كۆرگەن ۋەياكى بىلمەيدىغان دوختۇر ۋە بىمارلار CT فىلىملىرىنى خۇددى فوتو ئاپپاراتى بىلەن رەسىم تارتقاندەك ناھايىتى قولاي تا

پەرھىز تۇتۇپ ناتەبىئىيدىن ھەزەر ئەيلە

  پەرھىزدۇر دورىيۇ- دەرمەكلەر بېشى، ھەزىمسىزلىق يېڭى ئىللەت يولدىشى. 1 ئالدىنقى ماقالىمىزدە سۆزلەپ ئۆتكەندەك دۇنيادا ھەممىدىن تەبىئىينى تاپماق تەس بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ساغلاملىققا ئېرىشمەك، ساغلام ھايات كەچۈرمەكمۇ تەس بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيا مىقياسىدا ئارتىۋاتقان داۋالاش تەننەرخى، كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالاشتىن ئىبارەت ئەڭ تەبىئىي ھەققىمىز بولغان ساغلاملىققا ئېرىشمەك ئىمكانلىرىمىزنى قىيىنلاشتۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىللەت ۋە زىللەت ئىچىدە ياشىشىغا سەۋەب بولماقتا. « ساقسىز بەدەندە، ھېكمەت ھالسىز» مىسالى باشتا ساغلاملىق زور بايلىق ھېكمىتىنى ئۇنتۇپ، ئاندىن كېيىن « پۇل- بايلىق ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى » دېگەندەك خاتا يوللاردىن داۋا ئىزدەۋاتقانلارمۇ كۆپەيمەكتە. ئاغزىمىزدىن تەبىئىي لوقما كىرمىسە، تەبىئىي ھوقوقىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز. بەدەن ئىللەتكە، ۋىجدان زىللەتكە مۇپتىلا بولىدۇ. ساغلاملىق نەقەدەر تەس، ساغلام يولدا ماڭماق نېمىدېگەن مۈشكۈل ھە! ئەمما ئۇنتۇماڭ، ھەر قىيىننىڭ بىر ئاسىنى بار، راستىنلا ھەر مۈشكۈل بىلەن بىرگە بىر ئاسانلىق بار.  ئۇ ئاسانلىقلار تۆۋەندىكىچە: 1. ئاز يېمەك- ساز