Kayıtlar

Haziran, 2024 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

ئاسان ئۆلۈم ئاسان ئەمەس

  ئانا ۋەتەننىڭ ئىللىق قوينىدا چوڭ بولغان، ئاتا - ئانا ۋە  ئۇرۇق - تۇغقاننىڭ مېھرى - مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ئېسسىق قۇچىقىدا يېتىلگەن ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىزلەرنىڭ كۆپچىلىكى ، چوڭلارنىڭ ھەر دائىم « ئاسان ئۆلۈم » تىلەيدىغانلىقىغا شاھىت بولغان بولۇشىمىز مۇمكىن. ياش قىرىقتىن ئاشقاندا ، ئۆلۈمنىڭ ئۇچى يىراقلاردىن كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا،  يۈرەك تېخى قېردىن ئاشالماي كۆيگەندە، مەۋجۇتلۇق ( Ontology ) ۋە ھىكمەت ( Epistemology ) پەيلاسوپلارنىڭ ئۆلۈم توغرۇلۇق يازغانلىرىنى ئوقۇغاندا ئاتا - بوۋىمىزنىڭ بۇ قەدەر مۇرەككەپ ۋە چۇڭقۇر ئۇقۇمنى پەقەت ئاسان ئۆلۈمدىن ئىبارەت ئىككى سۆزىگە يىغىنچاقلىغان قابىلىيىتىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ھايات پەيلاسوپلارى ئىكەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمەن. چۈنكى پەيلاسوپلار مەيلى ئۆلۈمنى يىڭى ھاياتقا بېسىلغان قەدەم ، بىر يىڭى ماكانغا كۆچۈش، ئۆلۈم بىر يىڭى تۇغۇلۇش، ئۆلۈم ئاڭدىكى ئويغىنىش دېسۇن، مەيلى ئۆلۈمنى دەھشەتلىك ھادىسە، سىر، ھاياتقا قويۇلغان نۇقتا دېسۇن، ئۆلۈمنى تونۇش، ھايات ۋە ئۆلۈم تەڭپۇڭلۇقىنى قۇرۇش، ئۆلۈمگە قارتا سەممىي پوزىتسىيە تۇتۇش قاتارلىق بىر مۇنچە ن