Kayıtlar

Kasım, 2022 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ۋە مۇھىت ساغلاملىق- 2

  « ھەكىم ئىزى » دە ھەر دائىم تەكىتلەنگەندەك مۇھىتىمىز بىزنىڭ جان دوستىمىز بولۇپ پاكىز ۋە ساغلام مۇھىتسىز بىر ساغلام ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ خۇددى بىر ئىللىق ئائىلە قۇچىقىغا ئوخشاش ھەم بەدەن ساغلاملىقىمىزنى كۈچلەندۈرسە ھەم روھ ساغلاملىقىمىزنى پەپىلەيدۇ. شۇڭا زىرىكمەي-تىرىكمەي« مۇھىتقا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق ئەسلىدە ئۆزىمىزگە قىلغان قىرغىنچىلىقىتۇر» دەپ نىدا قىلىشتىن ۋە ۋاقىراشتىن ھارمايمىز، سىقىلمايمىز! گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار (گ. ۆ. ج ) نىڭ مۇھىت ساغلىقىمىزغا بولغان تەسىرلىرىدىن بىرى گېنىمىزغا، مەخپىي ئۆيىمىزگە قىلىنغان تاجاۋۇزلۇقىدۇر. كائىناتتىكى پۈتۈن جانلىقلارنىڭ گېنى ھاياتلىق گېننىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ھەم ئاجايىپ ئوخشاشلىققا ھەم ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە. خاسلىقىمىزنى بەلگىلەيدىغان گېنىمىزنىڭ پەقەت 0.01 پىرسەنتلىك قىسمى بولۇپ،  بىر-بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىقتەك كۆرىنىدىغان 8 مىليارد ئىنساننىڭ،   ئوخشىمىغان مىللەت،  مەزھەپ ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ گېنىنىڭ 99.9 پىرسەنتى ئوپمۇ- ئوخشاش. بۇ مەيلى بىز دۈشمەن دەپ ئېلان قىلايلى، پەرقلىق سىنىپلارغا بۆلەيلى، ئوخشىمىغان كاتىگورىيە

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ۋە مۇھىت ساغلاملىق- 1

بىر ئىنساننىڭ ئادەم بولۇپ تۇغۇلۇپ ئىنسان بولىشى ئۈچۈن ئۇ چوڭ بولغان ئائىلىنىڭ،  ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە  مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئەسلىدە بىزنىڭ تىلىمىز، ئىرقىمىز بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى. مەدەنىيەت بولسا مەلۇم بىر جۇغراپىيەلىك مۇھىتتا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ پىكىر- ئىدىيەسى ۋە ئاڭ- چۈشەنچىلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى قۇياش، ھاۋا، تۇپراق، سۇ، تاغۇ- دەريا ۋە ئورمان- ئوكيانلار ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئەسلىدە ئۇلار مەدەنىيەتكە ئوخشاش بىزنىڭ بەدەن ساپامىزنى، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنى ۋە ساغلاملىقىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ. مەسلەن دۇنيا ساغلاملىق تەشكىلاتىنىڭ ساغلام ھايات ئۈچۈن تەۋسىيە قىلغان يېشىللىق رايون كىشى بېشغا ئەڭ ئاز 10 مېتىر كۋادرات بولۇپ، چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ يېشىللىق رايونلارغا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. بۇرۇن يېشىل گۈل- گىياھلار بىلەن بېزەلگەن تەشتەكلىك ھويلىلاردا، ئورمان- كۆكتاتلار بىلەن تولغان مەھەللىلەردە چوڭ بولغان ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ قەددى- قامىتى تەڭرىتاغ قارغايلىرىدەك تىك، ق

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ۋە بەدەن ساغلاملىقى

  ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ساغلاملىقى، ئۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېما بىلەن بولغان بىر پۈتۈنلۈكى ۋە تەڭپۇڭلىقى بەدەن ساغلاملىقىمىزنىڭ كاپالىتى بولۇپ، « ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى- ئىممۇنىتېت سىستېمى » ناملىق يازمىمىزدا دەپ ئۆتۈلگەندەك، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ساغلاملىقىمىزنى قوغدىغۇچى بىر قورغاندۇر. ھەقىقىي كېسەللىك بۇ قورغاننىڭ يىقىلىشى بىلەن باشلايدۇ. بۇ سىستېما تاشقى دۇنيا ۋە ۋۇجۇدىمىزدىكى پۈتۈن ئۇچۇرلار، مەلۇماتلار ۋە ئاخپاراتلار ساقلانغان DNA (گېن) مىز بىلەن بىۋاستە ئالاقە قۇرغان بولغاچقا، بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئالدى بىلەن ناتەبىئىي نەرسىلەرنى دۈشمەن دەپ بىلىپ ئۇنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بەدىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. بىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، دۇنيادىكى پۈتۈن تەبىئىي ئورگانىزملارنىڭ ئۇچۇر- مەلۇماتلىرى، ئەمەلىي ھاياتتا قولغا كەلگەن تەجرىبىلەر ئاتا - ئانىمىزنىڭ گېنى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز بۇلارغا قارشى تۇغما ( innate ) قابىلىيەتكە ئىگە. شۇڭا تاش- تۇپراق يېسەكمۇ، ئۇلار تەبىئىي بولغان ئەھۋالدا بۇ سىستېما ئۇنى دوست دەپ بىلگەچكە بەدىنىمىزگە زىيان قىلمايدۇ. ئ

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار مەسىلىلەرگە چارەمۇ؟

  گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ( گ. ۆ. ج ) نى بازارغا سۇنۇۋاتقان بىئوتېخنىكا شىركەتلىرى گ. ۆ. ج لارنىڭ يېزا- ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش، مەھسۇلاتلارنىڭ ھەرخىل قاتتىق  ئىقلىم شەرتلىرىگە بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى ئاسان بۇزۇلۇپ قېلىشتىن قوغداش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىستېمال ئۆمرىنى ئۇزارتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھاشارەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئاچارچىلىقىغا چارە بولىدىغانلىقىنى، ئىنسانىيەتكە بەخت ۋە سائادەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى جار سالماقتا. شۇ بىر  ئېچىنارلىق ھەقىقەتكى دۇنيادا ھەركۈنى 3000 دەك ئىنسان ئاچارچىلىقتىن ئۆلمەكتە. ھەر سېكۇنتتا بىر نارسىدە بالا  ئاچارچىلىقتىن ھاياتقا كۆز يۇمماقتا.  ئىنسان سۈپتىمىز بىلەن بىزدىكى بەدەن، روھ ۋە تۈرلۈك  ئىجتىمائىي كېسەللىكلەرنىڭ تېگىدە، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە يۈز بېرىۋاتقان بالايى- ئاپەت، يىغا- زارىنىڭ ئاستىدا بۇ بىگۇناھ بالىلارنىڭ ئاھۇ- زارى، ئىنسانلارنىڭ تويماس ئارزۇ- ئارمانلىرى، ساقسىز ئاڭ- چۈشەنچىلىرى، خاتا تۇرمۇش پىچىملىرى ياتماقتا. ئەمما گ. ۆ. ج لار، تېخىمۇ كەڭ دائىرلىك قىلىپ ئېيتس