ساغلاملىق مەسئۇلىيەتتۇر
ساغلاملىق ئەركىنلىك ۋە ھۆرىيەتتۇر. ساغلاملىق ھەققى تۇنجى قېتىم 1946 - يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسى قانۇنىدا < مۇمكىن بولىدىغان ئەڭ يۈكسەك ساقلىق ئۆلچىمىگە ئىگە بولۇش، ئىرىق ، دىن ، سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنى نېمە بولسا بولسۇن، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقىدۇر > دەپ تەرىپلەنمەكتە. بۇنىڭغا ئوخشاش خەلقئارالىق ۋە ئۇنىۋېرسال قانۇنلار گەرچە ساغلاملىق ھەققىنى ئىنسان ھوقۇقى كاتېگورىيەسىدە تەھلىل قىلسىمۇ، بۇ قانۇن- تۈزۈملەرنىڭ ئەمەلىي ھاياتتىكى ئىجراسىنى بىر تەرەپكە تاشلاپ قويساق، كىشىلەر ساغلاملىق ھەققىنى < كىشىنىڭ داۋالىنىش پۇرسىتى ۋە پاراۋانلىقىدىن باراۋەرلىك پرىنسىپى ئاساسىدا بەھىرلىنىشتۇر > دېگەندەك تار مەنادا چۈشۈنۈپ قالماقتا. ئەمەلىيەتتە ساغلاملىق بىر ئەركىنلىك بولۇپ، ھېچقانداق كېسەللىك، دورا ۋە دوختۇرخانىغا بېقىندى بولۇپ قالماستىن، ھاياتىنى سۈپەتلىك ۋە ئەركىن ياشاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇ ئەركىنلىكنىڭ چەك - چېگرىسىنى بەلگىلەيدىغان مەسئۇلىيەتلەرنى ئاۋۋال ئېنىق ئايدى...