Kayıtlar

Nisan, 2022 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

روزا تەبىئىي دورا-2

  3. رامىزان مەزگىلىدە بىزگە ئەڭ كۆپ سورۇلىدىغان سۇئاللاردىن بىرسى « مىنىڭ شېكىرىم ، قان بېسىمىم بار روزا تۇتالامدىم ؟ »  ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىز قائىدىسىگە ئاساسلانغاندا بۇ سوئالنىڭ ئەڭ توغرا جاۋابىنى بىمارنىڭ ئۆزى بېرىشى كېرەك. بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتەشكە تىگىشلىك مۇھىم نۇقتا، ئىنسانلارنىڭ شېكىرىنىڭ تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ ھالسىزلىق، تەرلەش، باشى قىيىش، يۈرىكى شۇرررىدا بولۇپ كېتىش، ئايلىنىپ كېتىش ۋە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك بولۇپ كېتىشلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى تاماق تىزىملىكىدىكى قالايمىقانلىق، تاماق ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارىدىكى يۈكسەكلىك ۋە ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەك بولۇپ، بۇ خىل ناتوغرا ئۇسۇل بىلەن ئوزۇقلانغان ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدە  ئىنسۇلىنغا قارشى قارشىلىق كۈچى مەيدانغا كېلىدۇ. يەنى ئىنسۇلىن پاخاللىقى مەيدانغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە نورمىدىن جىق ئىنسۇلىن بار بولۇپ، ئازراق شېكەرلىك بىر نەرسە يېسە ۋەياكى تاماق سائىتىگە دىققەت قىلمىسا يۇقىرىدىكى شىكايەتلەر ئۇلار روزا تۇتمىغان تەقدىردىمۇ، نورمال زامانلاردا ئوخشاشمىغان مەزگىللەردە كۆرىلىدۇ.  تەتقىقاتلار روزى تۇتقان كېسەلل

روزا تەبىئىي دورا-1

 گەرچە ئىنسانلار ئۆزلىرى ھېس قىلالمىسىمۇ، قىممەت ۋە ھۆرمەت جەھەتتىن  كائىناتنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئادەم ئوغلى ئۈچۈن جىمى مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقات ئوچۇق- مەخپى شەكىلدە كىچە-كۈندۈز خىزمەت قىلماقتا. قۇياش نۇرى ھاياتىمىزغا ھارارەت، سۈزۈك سۇلار چاڭقىغان يۈرەكلەرگە ئابىھايات، ھاۋادىكى ئوكسىگېن نەپسىمىزگە بەرىكەت،  زىرائەتلەر- ھايۋاناتلار كۈچسىز بەدىنىمىزگە ئوزۇق، گۈل- چېچەكلەر دىماغىمىزغا ئىلھام، تىنىچ تەبىئەت روھمىزغا دەرمەن بولماقتا.  يەنى تەبىئەت بىر چوڭ شىپاخانەدەك بىر تەرەپتىن  تەبىئىي ماددىلار بىلەن بىزنى ئوزۇقلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەبىئىي يول ۋە دورا- دەرمەك بىلەن ساغلاملىقىمىزنى قوغدىماقتا. تەبئىيلىكنىڭ ئىلمىيلىكى 1 تېمىسىدىكى ماقالىدە دەپ ئۆتۈلگەندەك زامانىۋى مېدىتسىنا بۇ تەبىئي ۋە قولاي داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئەمدىلەتىن تونۇپ يېتىشكە باشلىدى.  بۇنىڭغا ئوخشاش بەدىنىمىزنىڭمۇ تاشقى ئامىللاردىن مۇستەقىل ئۆز ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان تەبىئىي ئۇسۇل ۋە چارىلىرى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ روزا. روزا ھازىرقى زامانىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز ۋە ناتەبىئىي ئوزۇقلىنىش شەكىللىرىمىز تۈپەيلى خىزمەت يۇكى

خاشۇ بالىلار، سۇلياۋ قىزلار

  جاھان تەرەققىي قىلغانسېرى، ئىلىم- پەن يۈكسەلگەنسېرى ئىنسانىيەتنىڭ بەدەن ۋە روھ ساغلاملىق ساپاسىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن، بۇ ھاياتنىڭ مەنىسىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ، ھىكمىتىنى تېپىشقا ئىزدىنىدىغان ھەربىر ئادەم بالىسى بۇ مەنزىرە ئالدىدا ئەجەبلەنمەي، كەلگۈسى ئۈچۈن قايغۇلانماي قالمايدۇ. ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قېيىن ۋە ئاچارچىلىق بىلەن تولغان ھاياتى ۋە بۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ ساغلام بەدەن ۋە مەنىلىك ھاياتىنى « تاش يېسە ماش بولدىغان، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ تېگىدە ئىزىلىپ قالمايدىغان» دەپ يىغىنچاقلىساق خاتا بولمايدۇ ھەرھالدا. ئەمما بىز يىڭى نەسىللەر راھەت- پاراغەت ئىچىدە خۇشاللىقتىن مەھرۇم، توقلۇق ئىچىدە ساغلام ۋۇجۇتقا تەشنا مەزلۇم. ئوغۇللار 60-50 ياشلارغا بارماي گىرىپتار بولغان ھەرتۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىدە ئۆزىنىڭ بەدەن ساقلىقى ئاساسلىق غېمى ۋە غايىسىگە ئايلانغان ۋەزىيەتتە بولۇپ، ئاستا ئولتۇرۇپ، ئاستا تۇرماقتا. بوران-چاپقۇنلارغا باش ئەگمىگەن قارغايدەك ئاتىلىرىمىزنىڭ ئەكسىچە كىچىككىنە شامالدا ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان قوناق شاخلىرىغا ئوخشاپ قالماقتا. ئانىلىرىمىز 5-4 بالىنى قاخشىماي تۇغۇپ-

بولدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم، ئۇنداقتا ساغلام ئىنسان؟

  دۇنيادىكى پۈتۈن جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇداتلار ئارىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مۇناسىۋەت، بىر تەڭپۇڭلۇق بار بولۇپ، يەر شارىنىڭ ھاياتتا قىلىشى خۇددى بۇ تەڭپۇڭلۇققا باغلىق، ئىنسان ھاياتىنىڭ غايىسىمۇ خۇددى بۇ تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشتىن ئىبارەتتەك بىر ھېس بېرىدۇ ئىنسانغا. تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەت ئىچىگە يوشۇرۇنغان بۇ تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشنىڭ قائىدىلىرى قانۇن ، بۇ سىرلارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئىلىپ بىرىلغان پائالىيەتلەرنى ئىلىم- پەن دېسەك خاتا بولماس ھەرھالدا. ئەگەر كائىناتتىكى بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلسا، شەيئىلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق بۇزۇلۇپ بىر- بىرىگە دۈشمەن ھالغا كەلگەندە قىيامەت قايىم بولدى دېمەكتۇر. بۇ بۈيۈك رەسىمنىڭ كىچىك كارتىنىسى ئىنسان بەدىنى بولۇپ، كائىناتنىڭ غوجكىسى دەپ چوڭ گەپ قىلىدىغان ئىنسان بەدىنىدە ئىنسان ھۈجەيرىسىدىن جىق باكتېرىيە بار. دەل بۇ باكتېرىيە ئىنسان ھاياتىنىڭ قالقىنى بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى پىدايىلىرى بولۇپ ، ۋۇجۇدىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەنلەر بىلەن كۆرەش قىلىشتا، بەدىنىمىزگە سۈمۈرۈلىدىغان ئوزۇقلۇقلار ۋە مۇھىم بەزى ۋىتامىنلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىل