Kayıtlar

Ocak, 2023 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

تومىلاق بالىلىق، سوقىچاق ساقلىق

نۇرغۇن مەدەنىيەتلەردە ( culture ) بالىلارنىڭ تولۇن ئايدەك سېمىز، تومىلاق بولىشىنى ساغلاملىقنىڭ بېشارىتى دەپ بىلىۋالغاچقا،  بوۋاقلارنىڭ سېمىز بولىشى ئاتا- ئانىلىرىنى خۇشال قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىپتىخار مەنبەسى بولماقتا. ئارقىدىن ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز كېسەل بولىشىنى چۈشىنەلمىگەن ئاتا- ئانىلار، بۇ ئەھۋالدا< بالىلىرىمىزغا  كۆز تەگدى > دەپ كېسەللىكنى تەقدىرگە باغلاپ، بۇ ئىشتىن ئاسانلا قۇتۇلۇشنىڭ كويىغا چۈشمەكتە. ئەپسۇس، ئىش تەقدىر بوسۇغىسىغا كەلگىچە، نۇرغۇن تەدبىرلەردىن ۋاز كېچىلگەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەت، ئۇلارنىڭ خىيالىغا پەقەتلا كەلمەيدۇ. بۇ يەردىكى سېمىزلىكنىڭ سەۋەبى،  ساپ ئانا سۈتى بولسا ئىدى مەسىلە يوق. ئەمما بۇ سېمىزلىكنىڭ سەۋەبى،  ئانىسىنىڭ تەبىئىي ئوزۇقلانمىغانلىقى ئۈچۈن، ھاسىل بولغان سۇ قېتىلغان سۈت بىلەن ۋە ھەر خىل باھانىلەر بىلەن بالىلارغا تېڭىلغان، بالىلارمۇ تەمىنىڭ تاتلىقلىقىدىن بىر ئاغىزىغا ئالدىمۇ، ئۆز ئانىسىنىڭ سۈتىنى ياقتۇرمايدىغان سۈت پاراشۇكلىرى بولغاچقا مەسىلە چىقماقتا. سېمىزلىك كۆپ قېتىم تەكىتلىگىنىمىزدەك بىر ياغ راكى بولۇپ، ئو خۇددى راك ھۈجەيرىسىدەك پۈتۈن ئورگان ۋە قا

«چوڭ تەرەتنى چوڭ « كۆرۈۋېلىش

  ئىنسان بەدىنىدە ئىنسان ھۈجەيرىسىدىن جىق باكتېرىيە بار، ئۇنىڭ سانى 100 تىرىلىيوننى ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇ  ئىنسان ھاياتىنىڭ قالقىنى بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى پىدائيىلىرىدۇر.  ۋۇجۇدىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەنلەر بىلەن كۈرەش قىلىش،  بەدىنىمىزگە سۈمۈرۈلىدىغان ئوزۇقلۇقلار ۋە مۇھىم بەزى ۋىتامىنلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى قاتارلىق ئىشلاردا،  ئاشقازان- ئۈچەي يوللىرىغا جايلاشقان بۇ باكتېرىيەلەر مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇلار ئۆز ئالدىغا بەدىنىمىزدە بىر ئىمپېراتورلۇق قۇرغان بولۇپ، بۇ ئىمپېراتورلۇقنىڭ ئىسمى مىكروبلار دۇنياسى (   Microbiome )دۇر. ئەگەر بۇ مىكروبلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، دۈشمەن باكتېرىيە دوست باكتېرىيەدىن غالىب كەلسە، بەدەندە ھەرخىل كېسەللىك باشلايدۇ. ھەتتا ئىنسان بۇ مىكروبلار دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇش تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ مىكروبلار ئەينى ۋاقىتتا ئۈچەي يوللىرىمىزنىڭ ئەستىرى بولۇپ، بىر قەۋەت پەردە يولى بىلەن ئۈچەي يوللىرىمىزنىڭ يول ساقچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. ئەگەر بۇ ساقچى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋەزىپىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغاندا،  ئى

قەھۋە قايسىغا تەۋە؟

قەھۋە گەرچە بىزنىڭ مىللىي ئىچىملىكىمىز بولمىسىمۇ، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەردىكى مىللەتلەرنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىچىملىكلىرىدىن بىرىسى. مەسلەن ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى بولغان كوففېئىن ( caffeine ) مىقدارى بويىچە ھېسابلانغاندا، ئامېرىكادا كىشى بېشىغا كۈندە 250 مىللىگرام كوففېئىن ئىستېمال قىلىنسا، شىمالى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ( Scandinavian   ) كىشى بېشىغا كۈندە 400 مىللىگرام ئىستېمال قىلىنماقتا. قەھۋەنىڭ ساغلامىلىققا بولغان تەسىرى ھەققىدە ھەرخىل رىۋايەتلەر تارقىلىپ، پەرقلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغاچقا ئىنساننىڭ كاللىسى قايمۇقۇپ قالماقتا. ئۇنداقتا قەھۋە زادى ساغلاملىققا دوستمۇ، دۈشمەنمۇ؟ قەھۋە قايسىغا تەۋە؟ قەھۋە تروپىك بەلۋاغلاردا ئۆسۈپ- يېتىلىدىغان قەھۋە دەرىخى ئۇرۇقلىرىنى سوقۇپ ئۇۋۇتىلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، بىر يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر دەرەختىن 5 كىلو قەھۋە ئۇرۇقى ۋە ئۇنىڭدىن بىر كىلو قەھۋە ھوسۇل ئېلىنىدۇ. ئىلمىي ماقالىلاردا كوففېئىن ئىسمى تۇنجى قېتىم 1819- يىلى گېرمانىيەلىك خىمىك Friedich Ferdinand Runge   تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كوففېئىن يەنە نۇرغۇن د

ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىپ باققانلار

  ئۆلۈم ئاجايىپ بىر ھادىسە بولۇپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھەقىقەتلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەسلىدە بىر تارازا بولۇپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ ئېغىرلىقى ئەڭ خاتاسىز بىر شەكىلدە ئۇ پەيىتتە ئۆلچىلىپ دەپتەرگە يېزىلىدۇ. ئۆلۈم ئەسلىدە بىر مەكتەپ بولۇپ، ئىنسان ھاياتى بۇ مەكتەپنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن شەكىللىنىدۇ. ئۆلۈم ئەسلىدە ئەڭ چوڭ پەندى- نەسىھەت بولۇپ، ئىنسان بۇ نەسىھەت بىلەن توغرا يولنى تاپالايدۇ. ئۆلۈم ئەسلىدە بىر كومپاس ( GPS ) بولۇپ، تۇرمۇش چۆلىدە ھەر تەرەپتىن كەلگەن بوران- چاپقۇن تۈپەيلى، يولدىن ئېزىپ قالغانلارغا ئاخىرقى مەنزىلنى ھەردائىم كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۆلۈم ئەڭ چىن مەۋجۇدلۇق پەلسەپىسى ( Ontology ) بولۇپ، باشقا پۈتۈن ئىدىيە- چۈشەنچىلەرنى تىز پۈكتۈرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۆلۈم ئىنساننىڭ بۇ دۇنيا ھاياتىغا نىسبەتەن بىر چىكىتتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن ھاياتى ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت بىر پەشتىن ئىبارەت، خالاس. بۇ سەۋەپلىك ئۆلۈم ھاياتقا ھايات ۋە مەنا قوشقانلىقى ئۈچۈن، قورقۇنچلۇق بولىشى بىلەن بىرگە ھەم چىرايلىقتۇر. شۇڭلاشقا ئۆلۈمنىڭ مەنىسىنى، ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتكەن