Kayıtlar

Eylül, 2021 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

رادىئاتسىيە پاجىئەلىرى

  ئالدىنقى ماقالىلەردە ئىنسان بەدىنى يېتەرلىك تېشىپ ئۆتكۈچى رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغاندا، رادىئاتسىيىنىڭ ئىئونلاشتۇرغۇچى تەسىرى بىلەن، تىز خاراكتېرلىك رادىئاتسىيە كېسەللىك يىغىندىسى ( Acute Radiation  Syndrome ) دەيدىغان ئېغىر ئەھۋالنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق. ناھايىتى ئەپسۇسكى ئىنسانلىق تارىخى رادىئاتسىيىنىڭ تىز خاراكتېرلىك تەسىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمگە، ئاستا خاراكتېرلىك تەسىرى بىلەن چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ راك كېسىلىگە سەۋەب بولۇش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىنساننىڭ ھاياتنى دوزاخقا ئايلاندۇرغان قانلىق، ئېچىنىشلىق، ئىبرەتلىك ۋەقەلەرگە شاھىت. تۆۋەندە بۇلارنىڭ بىر قانچىسىنى ئەسلەپ ئۆتمەكچى. 1. خروشىما ۋە ناگاساكى ئاتوم بومبا پاجىئەسى: 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 08:15   دە ئامېرىكا ياپونىيە خروشىما ئارىلىغا « كىچىك بالا »   (   little boy ) لەقەملىك تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى ئاتتى. ئاتوم بومبىسىنىڭ فىزىكىلىق زەربىسى ( 50% )، ئىسسىقلىق كۈچى ( 35% )   ۋە رادىئاتسىيە تەسىرى ( 15% ) بىلەن ئاتوم بوم

قول تېلېفۇنى راك پەيدا قىلامدۇ؟

  پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھاياتىمىزغا بۆسۈپ كىرگەن رادىئو، تىلۋۇزۇر، قول تېلېفۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سىگنال تارقىتىش مەركەزلىرى رادىئو چاستوتىسى ( 30MHz-300GHz ) ئارىلىقىدا ئېلېكتروماگنىت دولقۇنلىرى قويۇپ بەرمەكتە بولۇپ، بۇ رادىئاتسىيىنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە پەرقلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى تۈپەيلى ئىنساننىڭ كاللىسى قايمۇقۇپ قالماقتا. بۇرۇنقى بەزى تەتقىقاتلار بۇ ئارىلىقتىكى ئېلېكتروماگنىت دولقۇنلىرىنىڭ ئىنساندا راك پەيدا قىلىش رولى يوق دېگەن نەتىجىگە ئۇلاشقان بولسىمۇ، بۇ تەتقىقاتلاردىكى كۆزتىش زامانىنىڭ بىر رادىئاتسىيىنىڭ راك پەيدا قىلىش زامانى بولغان ئەڭ ئاز 10 يىلدىن ئىبارەت بۇ ۋاقىتتىن تولىمۇ قىسقا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قول تېلېفۇنلارنىڭ توختىماي يېڭىلىنىپ قويۇپ بىرىۋاتقان  ئېنېرگىيىسىنىڭ ئارتىۋاتقانلىقى، ئەڭ مۇھىمى بۇلار بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزنىڭ توختىماي ئۇزراۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتلەرنى كۆزدىن ساقىت قىلمىساق تىخىمۇ توغرا كۆزقاراش ۋە پىكىرگە ئىگە بولالايمىز. گەرچە قول تېلېفۇنلارنىڭ راك پەيدا قىلىش سەۋەبى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلمىگەن

رادىئاتسىيىنىڭ ساغلاملىقىمىزغا تەسىرى

رادىئاتسىيە، ئىچىدىكى ئېنېرگىينىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىقىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان مېخانىزمىلار بىلەن ئىنسان فىزلوگىيسىگە ۋە ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.  يۈكسەك ئېنېرگىيىلىك رادىئاتسىيەلەر بىۋاستە ئاتوملارنى ئىئونلاشتۇرۇپ ھۈجەيرىلەرنى ئۆلتۈرسە، تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك رادىئاتسىيەلەر مولېكۇلا باغلىرىنى پارچىلاپ ۋەيا بۇ باغلارنى تىترىتىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن ئىسسىقلىق ئارتىشى بىلەن ھۈجەيرىلەرنىڭ خىزمىتىگە توسالغۇ بولماقتا. ھەرىكەتسىز ماگنېتىك مەيدان پەيدا قىلغان رېزونانس تەسىر ۋە ناھايىتى تۆۋەن ئىلىكتىرماگنېتىك دولقۇنلارنىڭ بەدەندە پەيدا قىلغان توك ئېقىمىمۇ ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى ئىئون قاناللىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئەركىن ئوكسىگېن رادىكاللىرىنىڭ ئورتىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولماقتا.  بۇ مېخانىزملار رادىئاتسىيىنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش زامانغا تەسىر كۆرسىتىپ تىز ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە يول ئاچماقتا. رادىئاتسىيىنىڭ ساغلاملىقىمىزغا بولغان تەسىرىنى ئوبيېكتىپ ئۆلچەش، تەتقىقاتلاردا قوللىنىش ئۈچۈن خەلقئارادا ئوخشىمىغان ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى ئىشلەتمەكتە. بۇلاردىن ( Becquerel )  Bq   رادىئاتسىيىنىڭ

ساغلاملىقىمىزغا يوشۇرۇن خەۋپ - رادىئاتسىيە

مەيلى تەبىئىي مەنبەلەردىن، مەيلى تۇرمۇشىمىزدىكى ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنلەردىن ۋە ياكى دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان دىئاگنۇز ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن پەيدا بولغان، تارقالغان رادىئاتسىيىنىڭ خىلمۇ - خىل بىئولوگىيىلىك ئانورماللىقلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقى كۆپچىلىككە مەلۇم. بىز دۇچار بولغان رادىئاتسىيىنىڭ تۇرى، ئۇنىڭ قۇۋۋىتى ۋە ئۇچرىشىش زامانىنىڭ ئاز - كۆپلىكىگە ماس ھالدا رادىئاتسىيە گېنىمىزغا تەسىر كۆرسىتىش  بىلەن چوڭى ئۆلۈم، ھامىلىدىكى كەمتۈكلۈك، راكتىن تارتىپ كىچىكى ھەر خىل نېرىپ كېسەللىكلەرگە، بىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە پىسخىكىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە، ئۇيقۇسىزلىق، تۇغماسلىق قاتارلىق ھەرخىل نورمال بىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيمىزنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولماقتا. رادىئاتسىيە زادى نېمە­؟ رادىئاتسىيە، كائىناتتىكى تەبىئىي مەنبەلەردىن ۋە سۈنئىي ئۈسكىنلەردىن ئىلكتىروماگىنىىت دولقۇنى ۋە زەرىچە شەكلىدە يېيىلدىغان ئېنېرگىيە ئېقىملىرى بولۇپ، ئىلكتىروماگىنىىت دولقۇنلارنى، زەرىچە رادىئاتسىيىسى ، ئاۋاز ۋە ئېغىرلىق كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك رادىئاتسىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رادىئاتسىيە، ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى بولغان ئىئو

دۇنيا ھەكىم ئىزغا ( تەبىئىيلىككە) يۈزلەنمەكتە

شۇئارىمىز ساغلاملىقنىڭ سىرى تەبىئىيلىكنىڭ ئىزىغا كۆمەگلىك، يېمەك- ئىچمەك پەلسەپەمىز تەبىئىيزىم،سىغىنىشىمىز ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ كەچمىشتىكى تەبىئىي تۇرمۇش ئەندىزىسى بولۇپ زامانىۋى دۇنيانىڭ ھازىرقى مودىسىمۇ تەبىئىي دېھقانچىلىق. « تەبىئىيلىك مۇ؟ ئورگانىك مۇ؟ » تېمىسدىكى ماقالىمىزدە، بۇ تەبىئىي مەھسۇلاتلارنى تاپماق ۋە بۇ ئارقىلىق ساغلام ھايات كەچۈرۈشنىڭ خۇددى چۆلدىكى ئىزلاردەك ئۇ قەدەر ئۇزاق، ئۇ قەدەر تاپماق تەس بولۇپ كەتكەنلىكىنى شەرھىلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمما ساغلاملىقنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن دۇنيا، ساغلاملىقنىڭ سىرىنى بىلىپ يەتكەن خەلقلەر ساغلاملىققا بولغان ئىنتىلىشنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ ئىزلارنى تېپىش، بۇ تەبىئىي مەھسۇلاتلارغا ئېرىشىشنىڭ پېيىغا چۈشمەكتە.  بولۇپمۇ ئىقتسادىي جەھەتتىن تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى خەلقلەر قولىدىكى ئىقتسادىي كۈچتىن پايدىلىنىپ، ساغلاملىققا، تەبىئىي مەھسۇلاتلارغا ھۇجۇم قىلماقتا. ئۆزلىرىنىڭ ساغلام ھاياتىنى كەمبەغەل خەلقلەرنىڭ ساقسىز ھاياتى ئۈستىگە قۇرماقتا. گەرچە ئۇلار ئېرىشكەن مەھسۇلاتلار  تەبىئىي بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەھۋال، ئىجتىمائىي مەنزىرە ھىچ تەبىئىي ئەمەس. كېل