ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىز
ھەكىم ئىزى ساغلاملىق ئىزىدىن يۈرۈش، ساغلاملىق سىرىنى تېپىپ چىقىش سەپىرىگە ئاتلانغاندىن بىرى سىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەپەككۇرىنى قامچىلاش ۋە زىھنىدىكى تۈگۈنلەرنى يېشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورىدى: تەبىئىيلىك مۇ، ئورگانىك مۇ؟ مىللىي تىبابەتمۇ، زامانىۋى مېدىتسىنامۇ؟ ھەكىم مۇ، دوختۇرمۇ؟ دورا مۇ، ئوغا مۇ؟ زامانىۋى دورا مۇ، دورا ئۆسۈملۈكلەر مۇ؟ ئوتخورلۇق مۇ، گۆشخورلۇق مۇ؟ روھ قانداق كېسەل بولىدۇ؟ روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟ پىسخولوگ مۇ، پىسكىياترىست مۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق ئىككى مەقسەتكە يېتىشنى ئويلىدى. بىرىنچىسى ساغلاملىقنىڭ سىرىنىڭ تەبىئىيلىكتە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ نۇقتىئىنەزەرنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق، تەبىئىيلىكتىن ئىبارەت بۇ يېمەك- ئىچمەك ئەندىزىسىنى خەلقىمىزنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈپ، ساغلاملىققا ئېرىشىشنىڭ، ساغلام ھايات سۈرۈشنىڭ ، كېسەللىككە خەير- خوش دېيىشنىڭ ئەسلىدە ئاددىي، قولاي، ئەمەلىي ۋە ئەزان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش. ئىككىنچىسى سالامەتلىكنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكى، ساغلاملىقنىڭ بىر باشقىسىغا ھەتتا بىر دۆلەتكە ھاۋالە قىلىپ قويغىلى بولما...