Kayıtlar

Temmuz, 2023 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

ئۇيقۇ ۋە تۇيغۇ

  ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بوۋاق كارىۋىتى بولغان ئانا بالىياتقۇسىدىكى ئۇيقۇ بىلەن باشلايدۇ. بۇ 9 ئايلىق ئۇيقۇ بىلەن  بىر تېمىم مەنىدىن ۋۇجۇد تاپقان ئۇ تاق ھۈجەيرىلىك تۆرەلمە، كىشنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە تىرىلىيونلىغان ھۈجەيرىلەردىن تەركىپ تاپقان، مۇرەككەپ فۇنكسىيەسى بولغان ئەزالارنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشىدىن تەشكىللەنگەن، ئەقىل قۇۋۋىتىگە ئىگە، ھېسسيات- تۇيغۇلارغا باي بىر ئىنسانغا ئايلىنىدۇ. بۇ مەيدانغا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بىزگە كۈندىلىك ھاياتىمىزدا ئۇيقۇنىڭ ئىنسان بەدىنى ۋە تۇيغۇسى ئۈچۈن نە قەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ.  مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،  بۇ 9 ئايلىق ئۇيقۇ بىلەن بىر ئۆمۈرلۈك ئويغىنىشنىڭ ئۇلى سېلىنىدۇ. بۇ 9 ئايلىق جەرياندا ئوبدان ئۇخلىمىغان، بالىياتقۇدا ياخشى ياتمىغان بالا بالدۇر ئويغۇنۇپ ئۆلۈم بىلەن دۇنيا ھاياتىغا چىكىت قويغان بولىدۇ. قېنىپ ئۇخلىغانلار بولسا 9 ئاينىڭ ئاخىرىدا ئانىسىنىڭ بالىياتقۇ مۇسكۇللىرىنى قىسقارتىشى،  غىدىقلىشى ۋە بوۋاقنى ئۈنسىز ئويغىتىشى بىلەن چاپاق باسقان كۆزلىرىنى بۇ دۇنياغا ئاچىدۇ.  دەسلەپتە ئانا بالىياتقۇسىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقى

قۇياش ۋىتامىن چاچىدۇ، ئىنسانلار ئاپتاپتىن قاچىدۇ

  ئالدىنقى يازمىلىرىمىزدا ۋىتامىنلارنىڭ ئىنسان ساغلاملىقى، خۇشاللىقى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. بۇ ۋىتامىنلارنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن D ( Calciferol ) ئۆزىگە خاس خاراكتېرى ۋە رولى جەھەتتىن ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى ۋىتامىنلارنىڭ پادىشاھى ۋە چولپىنى دېسەك، مۇبالىغلاشتۇرغان بولمايمىز. ۋىتامىن D تۈرتكىسىدە سۆڭەكلىرىمىزنىڭ خام ماددىسى بولغان كالتىسىي ۋە فوسفور ئۈچەيلىرىمىزدىن شۈمۈرلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭسىز ئىچىلگەن قىممەت باھالىق كالتىسيلەر، غاجىلانغان سۆڭەكلەر ھاجەتخاننىڭ يولىنى تۇتىدىغان بولغاچقا، سۆڭەكلىرىمىز سېمونت قويمىغان قۇمدەك، سامان ئارىلاشتۇرمىغان لايدەك يۇمشاق ۋە چۇۋۇق بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۆڭەك شالاڭلىشىش مەيدانغا كېلىپ، ئازراق مىتكوت كەتسە سۆڭەكلىرىمىز شالاقشىپ، موسكۇللىرىمىز بوشىشىپ، ئۇستىخانلىرىمىزدا سۇنۇق، بوغۇملىرىمىزدا چىقىق پەيدا بولىدۇ. ئىنسان  قېرىغانسىرى بويىنىڭ پاكارلاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرسىمۇ سۆڭەك شالاڭشىشتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا سۆڭەكلەردە پەيدا بولغان سۆڭەك تىكەنلىرى  پەيدا قىلغان ئاغرىقىنىڭ دەردىنى سۆيۈملۈك ئاپام ئەڭ يا

ۋىتامىنسىزلىقنىڭ سەۋەبلىرى

تەبىئەت ئەڭ بۈيۈك دورىخانا بولۇپ، تەبىئەت بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ئۈنۈملۈك تەبئىي دورىلار بىلەن تولغاندۇر. تەبئىي يېمەك- ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ تەبئىي دورىلارنىڭ سەركىسى، ساغلاملىقىمىزنىڭ ئۇلتېشى بولغان ۋىتامىنلارنىڭ مەنبەسى بولۇپ، < دورىڭىز ئوزۇقىڭىز بولسۇن، ئوزۇقىڭىز تەبىئىي بولسۇن > شۇئارىمىزنىڭ مەنتىقىسى دەل بۇ يەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ ( تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز مەزكۇر تېمىدىكى يازمىنى ئوقۇپ چىقىڭ ). مەسىلەن 100 گىرام ياڭاقنىڭ تەركىبىدە IU 20 ۋىتامىن A ، 0.3 مىللىگرام ۋىتامىن B1 ، 0.2 مىللىگرام ۋىتامىن B2 ، 1.1 مىللىگرام ۋىتامىن B3 ، 0.6 مىللىگرام ۋىتامىن B5 ، 0.5 مىللىگرام ۋىتامىن B6 ، 98 مىكروگرام ۋىتامىن B9 ، 1.3 مىللىگرام ۋىتامىن C ، 0.7 مىللىگرام ۋىتامىن E ، 2.7 مىكروگرام ۋىتامىن K ، 39.2 مىللىگرام خولىن بار بولۇپ، ھەقىقىي ساغلاملىق تونۇشى، تەبئىي ئوزۇقلىنىش قارىشى، توغرا تۇرمۇش ئادىتى بولغان بىر ئىنساندا ۋىتامىن كەمچىللىكى مەيدانغا كەلمەيدۇ. ئەمما نۆۋەتتە زامانىۋى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئېڭىنىڭ سۇسلۇقى ، شىپانى دوختۇر ۋە دوختۇرخانىدىن ئىزلە

ۋىتامىن

  ۋىتامىنلار بەدىنىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ،بەدىنىمىزدە ھەر مىنۇت -  سېكۇنت يۇز بېرىۋاتقان ئون مىڭلىغان خىمىيەلىك رېئاكسىيەلەرنىڭ ياردمچى كاتالىزاتورى، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزدىن ئىبارەت قەلئەنىڭ ئۇلتېشى، نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئاكتىپ مولىكۇلالاردۇر. ئىنسان بەدىنىدە مەۋجۇت ۋىتامىنلارنىڭ سانى 13 بولۇپ، ئۇلار، ۋىتامىن A ( Retinols )، ۋىتامىن B1 ( Thiamine ) ، ۋىتامىن B2 ( Riboflavin )، ۋىتامىن B3 ( Niacin )، ۋىتامىن B5 ( Pantothenic acid )، ۋىتامىن B6 ( Pyridoxine )، ۋىتامىن B7 ( Biotin )، ۋىتامىن B9 ( Folic acid  )، ۋىتامىن B12 ( Cobalamins )، ۋىتامىن C ( Ascorbic acid )، ۋىتامىن D ( Calciferol )،  ۋىتامىن E ( Tecopherols/ Tecotrienols )، ۋىتامىن K ( Phylloquinones ) دىن ئىبارەت بولۇپ، بەزىلەر خولىن ( Choline ) نىمۇ ۋىتامىن دەپ قارىماقتا.  بۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر خىل مولىكۇلا بولماستىن، بەزىلىرى بىربىرىگە ئوخشىغان بىر قانچە مولىكۇلالاردىن تەشكىل تاپماقتا. بىر- بىرىدىن پەرقلىق بۇ  ۋىتامىنلارنىڭ ئورتاق فۇنكسىيەسى بەدەندىكى ئو