Kayıtlar

Temmuz, 2021 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى- 9

  102. سۆڭەك ۋە مۇسكۇللىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن كالتىسىي مۇھىم. ئەمما D ۋىتامىنى بولمىسا، كالتىسىي ئۈچەيلىرىمىزدىن سۈمۈرۈلمەي سىرتقا ئېتىلىپ ئىسراپ بولىدۇ. كالتىسىي تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى سۆڭەكنى قاينىتىپ ئىچىش، قۇياش مۇنچىسىغا چۆمۈلۈش. ھەم تەبىئىي ھەم ئەزان. 103. ماگنىي ھاياتىمىزدىكى مۇھىم ئىلمىنتلارنىڭ بىرسى بولۇپ قان- تومۇرلىرىمىزنى راھەتلىتىپ شىقىقىنىڭ ۋە تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.   قىنىمىزدىكى كالتسىينىڭ ئېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تاش پەيدا بولۇشتىن ساقلايدۇ. ماگنىينىڭ كەمچىللىكى تۇغماسلىققا ۋەيا بويىدىن ئاجراپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ. ماگنىي ھاياتلىقنىڭ چىرىقى. 104. يود ئەڭ مۇھىم ئوكسىدلاشقا قارشى تۇرغۇچى ئىلمىنت بولۇپ، قالقانسىمان بىزىمىزنىڭ نورمال خىزمىتىنىڭ كاپالىتى. ھامىلىلىقتا ۋە بالىلارنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنكى مەزگىللىرىدە يود كەمچىللىكى بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئانا سۈتىنىڭ ئىچىدىكى يود مىقتارى يېمەك- ئىچمەكتىكى يودنىڭ 4 ھەسسىسى بولۇپ، بالىلارنى ئانا سۈتىدىن ۋە ئۇ بېغىشلىغان يوددىن مەرھۇم قىلماڭ. يود دېڭىز يوسۇنلاردا ئەڭ كۆپ. 105. ئىن

ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى- 8

  89. ۋۇجۇدۇمىزنىڭ ئۇل تېشى ئاقسىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنبەسى گۆش. سۇنئىي يەملەر بىلەن بېقىلغان ئەمەس، تەبىئىي ئوتلىغان،يايلىغان ھايۋان گۆشىنى ئىشتىھا بىلەن يېسىڭىز بولىدۇ. كالا، قوي، ئۆچكە گۆشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى تەبىئىي بوردالغان بولىشى. ياغسىز گۆشنىڭ تەمى بولمىغاندەك پايدىسىمۇ بولمايدۇ. كاۋاپ تەنگە ساۋاپ، ھىكمەتنى تاپ زىخقا قاراپ. 90. گۆشنى پىشۇرغاندا كۆيدۈرۈپ كۈلىنى، قاينىتىپ سۈيىنى چىقارماستىن نورمال پۇشۇرۇش لازىم. تەبىئىي ئۇسۇلدا ياسالغان قېزا يېسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ھەرخىل ئىسىملار بىلەن زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان گۆش مەھسۇلاتلىرىدىن ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ. بولمىسا گۆش يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى يەيسىز. 91. كاللا - پاچاقنى قان بېسىمى، ماي يۇقىرىلىقى بار دەپ ئولتۇرماستىن خاتىرجەم يېسىڭىز بولدۇ. بۇلار بىلەن پۇت- قولىڭىزغا جان، يۈزىڭىزگە قان كەلسۈن.   ساقسىز ئەمەس ئۆپكە- ھېسىپ، ئەمما قۇيغۇچىلار كېتىدۇ ھېرىپ. خېمىرى ئاز گۆشى جىق چۆچۈرە، سامسا، پىتىر مانتا، نارىن چۆپنى داڭلاشقا، زورلاشقا كېرەك بارمۇ؟ 92. توخو گۆشنى يېيىشتىن ئاۋۋال ئانىسىنى سۈرۈشتۈرۈڭ. گۆش توخۇسى، يېزا

ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى- 7

76. شېكەر خۇمارىڭىز تۇتسا، تالا مىقدارى كۆپ بولغان خورما، گۈلە ۋەيا جىگدە- چىلاندىن 4- 5  تانە يېسىڭىز بولىدۇ. تالا ھەم شېكەرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىدۇ ، ھەم قورسىقىڭىزنى توق تۇتۇپ قالايمىقان يېيىشتىن ساقلايدۇ، قەۋزىيەتتىن قوغدايدۇ. 2-3 ھەپتىگە قالماي خۇمارىڭىز تۈگەيدۇ. 77. مېۋە- چىۋە ، سەي- كۆكتاتلاردىكى تالالارنىڭ پارچىلىنىپ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن مېۋە سۈيىنى ئەمەس مېۋىنىڭ ئۆزىنى يەڭ. ئىبىن سىنامۇ:< مېۋىلەرنى پۈتۈن يېيىش كېرەك> دەيدۇ. سەي- كۆكتاتنى خام يەڭكى، تالا ئۆلمىسۇن! تائامدا يوقسا تالا، بېشىڭىزغا ئاچىدۇ بالا. 78. تۆۋەن شېكەر كۆرسەتكۈچلى ( 50 دىن تۆۋەن ) يېمەك- ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىڭ. بۇنداق بولغاندا يۈزىڭىز دانخورەكتىن، چاچلىرىڭىز كىپەكتىن، قىزلار ئادەت ئاغرىقىدىن، نېرۋىلىرىمىز غەزەپ ۋە قايغۇدىن، چىشلىرىمىز ياللۇغىدىن، بالىلىرىمىز دۆتلۈكتىن خالى بولىدۇ. 79. بۇ ساغلاملىق كۆرەش غەلىبىسىنىڭ بىر باشقا كاپالىتى دوست ۋە دۈشمەن ياغلارنى ئايرىپ چىقىپ دوستۇمىزغا دوستەك، دۈشمىنىمىزگە ياۋدەك مۇئامىلە قىلماق. پۈتۈن ياغلارنى دۈشمەن كۆرۈپ بىر كېپەنگە تىقساق، ئۆزىم

ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى - 6

63. ساغلاملىق جېڭىدە نەپسىمىزدىن كىيىنكى ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز شېكەر. 1856- يىلى تاتلىق ياڭيۇدىن شېكەر ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغاندىن كىيىن ساغلاملىقىمىزغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. بۇرۇن يىلدا بىر كىلو شېكەر ئىستىمال قىلساق بۇ كۈنلەردا 100 كىلو شېكەر يەيمىز. شېكەرنى تاشلىمىساق  بۇ جەڭدە شېكەر بىزنى يېڭەر. 64. شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر. ھەقىقەتەن ئۇ شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك بولۇپ ھەر زامان، ھەر ماكاندا پۈتۈن ئورگانلىرىمىزنى بومباردىمان قىلماقتا. شېكەر پۈتۈن كېسەللىكلەرنىڭ ئانىسى، بەدىنىمىزدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشنىڭ پىلىكى، بالا- قازالارنىڭ سەۋەبى. شېكەرسىز ھايات ئەڭ ساغلام ھايات. 65. شېكەر شەيتاندەك ھەرخىل سۈرەتتە قارشىمىزغا چىقىدۇ. بەزىدە ھەرخىل ئىچىملىكلەردە سۇيۇق شەكىلدە، بەزىدە ئاق شېكەر، قارا شېكەردەك ئۇن شەكلىدە، بەزەن پېچىنە- پىرانىككە ئوخشاش قاتتىق شەكىلدە. ئەڭ خەتەرلىكى ئاق ئۇن ۋە مېۋە شەكلىدە يوشۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقىشى بولۇپ، سىرلىق ۋە تاتلىق ئەپسۇنلار بىلەن ۋۇجۇدىمىزنى ۋە ساغلاملىقىمىزنى ئەسىرگە ئالماقتا. 66. ۋۇجۇدىمىزنىڭ كۈندىلىك شېكەر ئېھتىياجى 100 گىرام بولۇپ، بۇنىڭ

ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى - 5

50. شېكەر كېسىلى، قاندا ماي يۇقىرىلاش، قان بېسىمى، سۆڭەك شالاڭلىشىش، سېمىزلىك ۋە ھەتتا راك قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەر ئويلىغىنىمىزدەك ئىرسىي بولماستىن ئۆزىمىز ھاياتتا تاپقان ئوزۇقلىنىش خاتالىقلىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ. كېسەللىكلەرنىڭ جىقى گېنېتىك ئەمەس، ئەمما كېسەل پەيدا قىلىدىغان مۇھىت، ئىقلىم كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالىدۇ . 51. يۇقىردا سانىغان پۈتۈن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى مىكروبسىز ياللۇغ( inflammation   ). بۇ ياللۇغدا بىز بىلىدىغان قىزىتما يوق، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولدىغان بىر مىكروب، دۈشمەن يوق، ئەمما بەدىنىمىزدە بىز ھېس قىلالمايدىغان بىر ئۇرۇش، بىر كۆرەش مەۋجۇت. بۇ ئاستا خاراكتېرلىك، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشنىڭ ئىسمى سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ كۈرەشنىڭ مەغلۇبىيىتى كېسەللىك. 52. بۇ جەڭنىڭ جەڭچىسى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بولۇپ، قارىشىدىكى دۈشمەن ئاللاقانداق مىكروب، ۋىرۇس، پارازىت بولماستىن، بەلكى بىزنىڭ ھاياتىمىزنى داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەركۈنى ئىستىمال قىلىۋاتقان ھەر خىل ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەكلىرىمىز، ناتوغرا  تۇرمۇش ئەندىزىمىز. يەنى دۈشمەن ئۆزىمى