مىللىي ۋە زامانىۋى تىبابەتكە بىر نەزەر
ئالدىنقى يازمىمىزدا تىبابەت بىلەن مېدىتسىنا ، تىۋىپ بىلەن دوختۇرنىڭ ئوخشاش مەناغا ئىگە، ئوخشاش غايىلەرنى كۆزلەيدىغان بىلىم ۋە ئىنسانلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ تىبابەتتە كەڭرى ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ « Robert Koch » نىڭ 1880 -يىللاردا كېسەللەرنىڭ باكتىرىيەدىن تارقىلىدىغانلىقىنى بايقىشى ۋە 1908 - يىللارغا كەلگەندە « Paul Ehrlich » نىڭ تۇنجى ياللۇغ قايتۇرغۇچنى كەشىپ قىلىشى بىلەن تىبابەت ۋە مېدىتسىنا كەلىمىسىنىڭ ئالدىغا «زامانىۋى» سۈپىتى قوشۇلۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ساغلاملىق تەشكىلاتى دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي تىبابىتىنى تارىختىن بۇيان قىلغان خىزمەتلىرىگە كۆز يۇمۇپ، بىر ئىنجىقلاش بىلەنلا ئۇلارغا ئەنئەنىۋى تىبابەت دەپ ئىسىم قويدى ۋە ئۇلارنىڭ « ئۈنۈمى ئېنىق ئەمەس ۋە ئەكىس تەسىرى بولۇشى مۇمكىن » دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى . نەتىجىدە تىبابەت، جالالەتتىن رۇمىنىڭ مىسرالىرىدىكى - تىبابەت خار جايدا يۈرەكلەر كاۋاپ، نېچۈن خاراب بولسۇن بىمارۇ بىھال، تىبابەت سەنئىتى ئاچقاندا جامال- تىللارغا داستان شان