Kayıtlar

Haziran, 2023 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

تەبىئىي زەھەر قايتۇرغۇچلار

ئالدىنقى يازمىدا قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك،  پۈتۈن ئەتراپىمىز زەھەر- توكسىن بىلەن بىلەن قورشالغان بولۇپ، بۇ دۈشمەنلەر بەدىنىمىزگە ھاۋادىن، سۇدىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلماقتا. ۋۇجۇدىمىزدىكى مۆجىزىۋى سىستېما بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بۇلار بىلەن تىنىمسىز كۈرەش قىلىپ ساغلاملىقىمىزنى ، ھاياتىمىزنى قوغداۋاتقان نامسىز قەھرىماندۇر. خۇددى تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ تۇن نىسپىدىن باشلىغان پىداكارانە خىزمىتى بولمىغان تەقدىردە كوچىلىرىمىز ئەخلەتلەرگە توشۇپ، ئەتراپ سېسىق پۇراقلارغا تولۇپ كېتىدىغانغا ئوخشاش، ئەگەر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ قەدىرگە يېتىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ- قۇۋەتلىمىسەك ، بەدىنىمىز زەھەرلەرگە تولۇپ، كېسەللىكنىڭ سىېسىق پۇراقلىرىنىڭ تارقىلىشىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش تەس. بۇ كۈرەشنىڭ ئەڭ قىيىن تەرىپى بولسا بىز بۇ دۈشمەنلەرنى جىن- شەيتانلارغا ئوخشاش ھېس قىلالماسلىقىمىز ، ھەتتا بۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىنمۇ خەۋەرسىز ھالەتتە ياشىشىمىزدۇر.  ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇتقىلى ۋە كۆرگىلى بولىدىغانلارنىڭمۇ ئۈستى ھەرخىل نەيرەڭلار ۋە كۆرۈنمەس چۈمپەردە بىلەن پەردازلانغان بولغاچقا، كۆزىمىزدىن ئاسانلا قېچىپ قۇتۇلماقتا. مەس

ساقسىز مۇھىتتا ساقلىق، بىر مۇجىزىدۇر

مۇھىت بىر ئىنساننىڭ تېشىدىكى پۈتۈن شەيئىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئىنسان بەدىنىدىن ئىبارەت ئىچكى دۇنيا ئوتتۇرسىدىكى تەڭپۇقلۇقتىن ساغلام بىر ھايات مەيدانغا كېلىدۇ. مۇھىت ساغلاملىق ئۈچۈن ئۇ قەدەر مۇھىم بولۇپ، ناچار مۇھىتتا ئىنساننىڭ كېسەل بولىشى،دوگما ئىدىيە ۋە بەدەنگە ئىگە بولغان ئىنساننىڭ مۇھىتنى كېسەل قىلىشى تۇرغانلا گەپ. نۆۋەتتە تەپەككۈر كۆزى بىلەن ئەتراپقا، مۇھىتمىزغا بىر نەزەر تاشلىساق، ھاۋا، سۇ- تۇپراق، دېڭىز- ئوكيان ، تاغ - بوستان، دەريا - ئۆستەڭ، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، كۆكتات، مىۋە- چېۋىلەرنىڭ ھەممىسى زەھەر- توكسىن بىلەن بۇلغانغان بولۇپ، ھەتتا قەدىردان ئانىلارنىڭ  ئانا سۈتىمۇ بۇ زەھەرلەر بىلەن تولغاندۇر. بەزى تەتقىقاتلاردا ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە كالا سۈتىدىن جىق دېھقانچىلىق دورىسى بايقالغان بولۇپ 1 ، بەزىلىرىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك قېنىدا 200 دىن جىق توكسىن ئۆلچەپ چىقىلغان 2 . ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ھازىر بوۋاقلارنىڭ ئانا سۈتىنى ياراتماسلىقى، ئۇنى ئەممەسلىكى، تۇغۇلۇشىدىن بىتاب بولىشى ناھايىتى تەبئىي بولۇپ، تۇغما كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىن

يېشىل چايمۇ ؟ قارا چايمۇ؟

بىز كىچىك چاغلاردا مۇھىت پاكىز، يېمەك- ئىچمەكلەر تەبئىي، تەبىيتىمىز ساغلام ئىدى. بۇ سەۋەپلىك شېكەر، قان بېسىمى،  سېمىزلىك قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ئاز بولغاچقا، كىشلەر ئۇۋۇتۇش تەس بولغان  ئۇ خىش چاينى پەقەت ئۇسسۇزلۇق ۋە خۇمارلىق ئۈچۈن ئىچەتتى. مۇھىت كىرلىنىپ، يېمەك- ئىچمەكلەر تەبئىيلىكىنى يوقىتىپ، مەۋقەيىمىز قېيىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر جىقىيىشقا باشلىدى ۋە ساغلاملىقنى قوغدىغۇچى قەھرىمان سۈپتىدە ھەر خىل چايلار بازارلاردا ئورۇن ئېلىشقا، ئۇلارنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى سىھرىي كۈچى ئېغىزلاردا داستان بولۇشقا، ساغلاملىقنىڭ ئەڭگۈشتەرى سۈپتىدە قەلبىمىزدە تاج قۇرۇشقا باشلىدى. كېسەللەرنىڭ كېسەللىكلىرىدىن تىز ۋە ئاسان يوللار بىلەن  قۇتۇلۇشتەك، بىتاب پسىخىكىسىنى تونۇپ يەتكەن شىركەتلەر چاينى پەدەزلەپ، مۇبالىغلاشتۇرۇپ چاينى خۇددى دورا سۈپتىدە سۇندى ۋە بەزى چايلارنىڭ باھاسى ئالتۇن- كۇمۇش بىلەن بەسلىشىدىغان ھالغا كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئىنسان ھاياتىنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئىنسانلار ئۈچۈن يارىتىلغان تەبئىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، بىرسىنىڭ باشق

چايغا مەرھەمەت

  چاي دۇنيا بويىچە سۇدىن قالسا ئەڭ كۆپ ئىچىلىدىغان ئىچىملىك بولۇپ، سۇغا ئوخشاش تەركىبىدىكى تەبئىي ماددىلار بىلەن بىر تەرەپتىن  ئىنسان ۋۇجۇدىغا قۇۋۋەت ، نەپسىگە راھەتلىك بېغىشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن چاڭقىغان ئۇسسۇزلۇققا دەرمان بولىدۇ. مۇشۇنداق بىر تەبئىي ۋە شىپالىق بىر ئىچىملىك بار تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق ناتەبىئىي ۋە ناپاك ئىچىملىكلەرگە ئاشىق بولىشىنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. بەلكى ھەققىي چاينىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن، تەبئىي چاينىڭ تەمىنى تېتىمىغان، ئەڭ مۇھىمى كەيىپ ۋە كەيپىياتىمىزغا چارە بولىدىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۇقمايدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ چايغا بولغان ئىشتىياقىنى قوزغاش، بىر پىيالە چايغا يوشۇرۇنغان مۇھەببەت ھېكايىسىنى ئاڭلىتىش مەقسىتىدە، كەمىنە ئىزچى «چاينىڭ» ئىزىغا چۈشتى.  قېنى چاينىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا مەرھەمەت. چاي Camellia sinensis دېگەن ئۆسۈملۈك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، چاي ياپراقلىرى يېشىللىقى بىلەن تەبىئەتكە ھۆسىن قوشسا، خۇش پۇرىقى بىلەن دىماقلارغا پىراق، لەززىتى بىلەن قەلىبلەرگە شادلىق بەخش ئەتمەكتە. ئۆزى ئۆسكەن تۇپرا

سۇنىڭ جىنى بار، جانسىز سۇنىڭ دېغى

  سۇ تەجرىبىخاندا ھېدروگېن گازىنى ئوكسىگېن گازىدا كۆيدۈرۈش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ، بۇ سۇنىڭ خىمىيەلىك فورمۇلاسى  H 2 O بولۇپ،  بۇ سۇنى ساپ سۇ، دەپ ئاتايمىز. ساپ سۇنىڭ تەركىبىدە باشقا مىنېرال ماددىلار ۋە مەنىۋى ئۇچۇرلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ سۇنىڭ ھەم تەمى يوق ھەم ئىنسان بەدىنىگە پايدىسى . تەبىئەت تەجرىبىخانىسىدا مەيدانغا كەلگەن يامغۇر سۇيى بۇ ساپ سۇغا ئوخشايدىغان بولۇپ، بۇ سۇ ئاسماندىن زېمىنغا چۈشكەندىن كېيىن، دەريا- ئۆستەڭلەردە ئېقىش جەريانىدا تاغ- تۇپراقلارنى ياللاپ،  مىنېرال ماددىلارنى ئۆزىگە قېتىپ، جۇغراپىيەلىك رايونلارنىڭ مۇھىت ئۇچۇرلىرى بىلەن ئوزۇقلانغاندىن كېيىن جانلىنىپ،  ئىنسان بەدىنىگە كەم بولسا بولمايدىغان بىر جانلىق ئوزۇقلۇققا ئايلىنىدۇ ۋە ھەر يۇرتنىڭ ئۆزىگە خاس تەمىنى ئالغاندىن كېيىن يەر ئاستىدا ساقلىنىدۇ. سۆزمۇ سۇغا ئوخشاش ئاغزىمىزدىن يامغۇردەك تۆكۈلىشتىن ئاۋۋال قەلب تۇپرىقىمىزدىكى تۇيغۇ مىنېراللىرى بىلەن يۇغۇرۇلمىغان تەقدىردە، ئادەمگە پايدىسى ۋە تەسىرى يوق جانسىز بىر كەلىمە بولىدۇ، خالاس. لېكىن سۇ ھازىر يۇمشاق تۇپراقلارنى ئەمەس قاتتىق بېتون- تاشلارنى يالايدىغان بولغا