Kayıtlar

ئۆلۈم ئاسان ئەمەس، ئەمما ئاسان ئۆلۈممۇ تەس ئەمەس

  دۇنيادىكى ئۆلۈملەرنىڭ كۆپلەپ كېتىشى ئىنسانلارغا ئۆلۈمنىڭ ئاددىيلىشىشىدەك خاتا تۇيغۇ ئىلىپ كەلسىمۇ، ئەمما بۇ ئۆلۈمنىڭ ئەڭ قىيىن بىر ئىمتىھان، ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ۋە دەھشەتلىك بىر ھادىسە ئىكەنلىكىدەك ئۆلمەس ھەقىقىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ يۇقىرىقىدەك خاتا تۇيغۇغا كەپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى زامانىۋى تۇرمۇش سۇنغان كەيىپكە خۇمار، كىشىلەردىن بىزار ھايات شەكلىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىڭىنى پالەچ، تەپەككۇرىنى توكا قىلىپ قويغانلىقىدىن مەيدانغا كەلگەن ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە تېگىدە مانتا يەيدىغان شەخسىيەتچى خاراكتېرى تۈپەيلىدىندۇر. ئەمەلىيەتتە ئۆلۈم ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، ئۇنى ئويلاشمۇ ئىنساننى شۈركەندۈرىدۈ ، قەلبلەرنى تېتىرتىدۇ. ئۆلۈم ناھايىتى تەس ۋە قورقۇنۇچلۇق ھادىسە بولۇپ،  ئېغىر كېسەللىك بۆلۈمىنىڭ شۇ سوغۇق ياتاقلىرىدا ئۆلۈمنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان كېسەللەرنىڭ  تەشۋىشكە تولغان چىرايلىرى ، ئۆلۈمنى ھېس قىلغان چاغدىكى كۆزلىرىدىن سىيرىلىپ چۈشىۋاتقان ياشلىرى، ئەزرائىلنى كۆرگەندىكى قورقۇنچ ھال ۋە ھەرىكەتلىرى ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلگەنگە ئوخشاش، ئۆلۈمنىڭ ئاچچى...

قېتىق بىلەن ساقلىق بولمايدۇ پىتىق

  خەلق ئارىسىدا « يولنىڭ ئەسكىسى پىتىق، ئەركەكنى بۇزغان قېتىق » دەيدىغان ناتوغرا قاراش بار بولۇپ، بۇنىڭ دەل ئەكسىچە  قېتىق ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، بىزگە ماس خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئوغۇللارغا ئەركەكلىك ، خانىملارغا خۇشاللىق بېغىشلايدىغان مىللىي تائامدۇر. ئەسلىدە ھازىرقى ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىقتىدارسىزلىق، تۇغماسلىق ۋە قەۋزىيەت قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە بۇ ئەنئەنىۋى مىللىي تائاملاردىن ئۇزاق ، زامانىۋى ئەخلەت يېمەكلەرگە ئاشىق يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرىمىز سەۋەبچى بولماقتا. بۇقرات دېگەندەك « پۈتۈن كېسەللىكلەر ئۈچەيدىن باشلايدۇ » .  تېخىمۇ توغرىسى كېسەللىكلەر، ناتەبىئىي تائاملار بىلەن  ۋۇجۇدىمىز ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئالدىنقى سېپى بولغان ئۈچەيلەرنى زەيلىتىپ، ئۈچەي يوللىرىمىزنى لاي - پىتىق قىلىۋاتقان ئېغىزدىن باشلايدۇ. قېتىق بولسا ئۈچەيلىرىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولۇپ ساغلاملىقىمزنى قوللايدۇ. تۆۋەندە  قېتىق بىلەن تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشۇپ چىقىمىز. قېتىقنىڭ ئىنگلىزچىسى بولغان yogurt بىۋاستە  تۈركچەدىكى يوغۇرۇت ( yo ğ urt   ) كەلىمىسىدىن ئېلىنغاندۇر. ...

كۆپلۈك ئىچىدە يوقلۇق، يالغۇزلۇق

  ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدە تاقلىق ئەمەس قوشلۇق بار بولغاچقا ،  تۇرمۇشتا قوش يۈرەكلەر بىرلەشكەندە، جۈپتى بىلەن جۈپلەشكەندە ، قولداشلار قول بەرگەندە، يولداشلار يول بەرگەندە ئاندىن ھاياتتىن ئىبارەت بۇ قېيىن سىناقتىن بىمالال ئۆتۈش مۇمكىندۇر. بەدىنىمىزدىكى بىر جۈپ DNA زەنجىرى خۇددى بۇ ھەقىقەتنىڭ بېشارىتى سۈپتىدە ھەر ھۈجەيرىگە يەرلەشكەندەك، ئىنسانلىقنىڭ ئاتىسى، تۈنجى ئىنسان بولغان ئادەممۇ بۇ تەبئىي چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ئىنسانلىقنىڭ ئانىسى ھەۋۋا بىلەن تۇرمۇش قۇرغان ئىدى. ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ رىشتە ئىنسانلارنى ، ئىنسانلىقنى يالغۇزلۇقتىن ئىبارەت قاراڭغۇ قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىدىغان بولۇپ،  ئاتا - ئانا سۆيگۈ- مۇھەببەت بىلەن، بالا - چاقا خۇشاللىق -  بەرىكەت بىلەن، ئۇرۇق - تۇغقان ياردەم - قۇدرەت بىلەن ئادەمنىڭ يالغۇزلۇق يارىسىغا مەلھەم ، يالغۇزلۇق ھېسسىغا ھەردەم بولىدۇ. ئۈستىلىك ئىنسانلار ئىجتىمائىي ھايۋان بولغاچقا، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ مۇرەككەپلىكى، يالغۇزلۇقنىڭ كۆپ قاتلاملىقى ئىنسانلاردىن ئائىلە رىشتىسىدىن باشقا، دوستلۇق، يولداشلىق ۋە خىزمەتداشلىق قاتارلىق نۇرغۇن ئىنسانىي رىشتىل...

سىنىك بىلەن ساقلىق يۈكىڭىز بولسۇن يېنىك

  مىكرو مىنېرال ماددىلار (    trace mineral substance ) گەرچە پۈتۈن بەدىنىمىزدە ناھايىتى كىچىك بىر قىسىمنى ئىگىلىسىمۇ،  ئۇلار بەدىنىمىزدە جارى قىلدۇرغان رولى جەھەتتىن ناھايىتى چوڭ ۋە مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ. بۇ مىكرو مىنېرال ماددىلار ئىچىدىكى سىنىك ( zinc ) دەل ئىنسان بەدىنىمدىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ سىستېمىنىڭ  ھاياتتا قىلىشى ، نورمال فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۆزى كىچىك ، خىزمىتى بۈيۈك بىر مىنېرال ماددىدۇر. بەدەندە سىنىك كەم بولمىسا، ھۈجەيرىمىزدىن ئىبارەت بۇ مىكرو خىمىيە زاۋۇتى توختاۋسىز، توسالغۇسىز ئىشلەپ، مەيدانغا كەلگەن ئېنېرگىيە بەدەنگە كۈچ، روھقا قۇۋۋەت بەخش ئەتكەچكە، ئىممۇنىتېت سىسىتېمىمىز كۈچلىنىپ، كېسەل قارشى كۈچىمىز ئېشىپ ساغلاملىق سەپىرىدە يېنىك قەدەملەر تاشلاپ ماڭالايمىز.   ئەگەر بەدەندە سىنىك كەم بولسا، پىت بۇقىنى چىقىپ ئۆلتىرەلىگەندەك، بەدەندىن ئىبرەت بۇ ماكرو جانلىق سىنكتەك بۇ مىكرو ئىلمىنتنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى نۇرغۇن جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ، ھەتتا سىنىكنىڭ يوقلۇقى ئۆلۈمگە ئ...

زېھىن ۋىتامىنلىرى

بۇ ئالەمدە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان، زېھنى بىلەلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسە ۋە مەۋجۇدىيەتلەر باركى بۇلاردىن بىرسى زېھىننىڭ ئۆزىدۇر. زېھىن ۋە ئەقىل روھقا ئوخشاش مەۋجۇتلۇقى ئىنسان تەرىپىدىن ھېس قىلغىلى، تەپەككۈر قىلغىلى بولدىغان ئەمما كۆز بىلەن كۆرۈپ ، قولى بىلەن تۇتقىلى بولدىغان شەيئىلەر ئەمەستۇر. چۈنكى بۇلارنى تەجرىبخانلاردا سىناق قىلغىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن روھنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى، ئەقىلنىڭ قىسقىلىقىنى مىتېر بىلەن ئۆلچىيەلمەيمىز، ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقىنى تارازىدا تارتالمايمىز. بۇنىڭغا قاراپ ئۇلارنى يوقمۇ دېيەلمەيمىز.  چۈنكى خۇددى قاراڭغۇ بىر ئۆيدە ھېچبىر نەرسىنى كۆرەلمىگەنلىكتىن ئۆيدە ھېچ نەرسە يوق دېيەلمىگەنگە ئوخشاش، فىزىكىلىق ئەشيالارنى كۆرۈش ئۈچۈن يورۇقلۇق كېرەك بولغانغا ئوخشاش، بۇ مېتافىزىك ۋەياكى روھانى شەيئىلەرنى كۆرۈش ئۈچۈنمۇ زېھىن لازىم. ئۇنداقتا زېھىن نېمە؟ ئەقىل ، زېھىن  ۋە ئاڭنىڭ پەرقى بارمۇ؟ سىز ئەقىللىقمۇ، زىرەكمۇ؟ ئەقىل باشتا بولسا، زېھىن نەدە؟ بۇ مەسىلىلەر ئەلمىساقتىن ئەقىلنى بىر نېمەت، ئەقلىنى ئىشلىتىشىنى بۇ نېمەتكە قىلىنغان ھۈرمەت دەپ بىلگەن پەيلاسوپلار، ئالىملار تەرىپىد...

روزا تەبىئىي دورا- 3

  بەدەن ساغلاملىق ئەسلىدە ئاچلىق ۋە توقلۇق ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ھەم ئاچلىق ھەم توقلۇق ئىنساننى كېسەل قىلىپ ئۆلتۈرەلەيدۇ. ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكتىن مەيدانغا كەلگەن دىئابىت ( يېڭى ئېلان قىلىنغان 5 - تۈر شېكەر كېسىلى ) بىلەن توقلۇقتىن ۋە سېمىزلىكتىن پەيدا بولغان دىئابىت ( 2- تۇر شېكەر كېسىلى ) بۇنىڭ ئەڭ جانلىق مىسالىدۇر. ئاچلىق ۋە توقلۇق پەقەت بەدەن ساغلاملىقىمىزغىلا تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن بەدەن ۋە روھ ئوتتۇرسىدىكى مۇرەككەپ خىمىيىلىك، فىزىكىلىق مۇناسىۋەتلەر تورى بىلەن بىزنىڭ روھ ساغلاملىقىمزغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. پىسخىكىمىزدىكى بۇزۇقلۇقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كۈندىلىك ھاياتتا ئىشلىتىلدىغان ئاچكۆز، نانكور قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭمۇ ئاچلىق ۋە توقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى تەسادىپىي ئەمەستۇر. ئىزچى دېگەندەك بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ كۆپى ئاچلىقتىن كېسەل بولسا، ھازىر توقلۇقتىن كېسەل بولماقتا. سېمىزلىك ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەر يۇقۇملۇق كېسەلدەك دۇنيانى قاپلىغان شۇ پەن - تېخنىكا دەۋىردىمۇ ئاچلىقتىن كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭمۇ كۆپ بولىشى ئىنسان...