Kayıtlar

Ocak, 2021 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

تەبئىيلىكنىڭ ئىلمىيلىكى

پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كەسىپلەرنىڭ ئىنچىكە بۆلۈنۈشى، ھەرقايسى ساھەلەردە يېتىشكەن، ئىقتىدارلىق، لاياقەتلىك ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، خەلق مەلۇم تېمىدىكى مەزمۇنلارنىڭ چىنلىقى، توغرا- خاتالىقىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنىڭ ئورنىغا ئۇ ئورگان-  شەخسلەرگە ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن قاچتى ۋە بۇ ئېغىر  يۈكتىن قۇتۇلغان بولدى. ئاۋام ئۇلارنىڭ كۆز- قاراشلىرىنى، چۈشەندۈرۈشلىرىنى ھېچقانداق شۈبھە بولمىغان بىر ھەقىقەت دەپ قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپتىن تەپەككۈر قىلىش، پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىدىن ۋاز كېچىپ زېھىن ھورۇنلىقىغا مۇپتىلا بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھوشيارلىقىنى يوقىتىپ ئاللىقانداق « ئىلمىي»، « تەجربىلەردە ئىسپاتلانغان»، « پالانى ماركا، پۇستانى پاتېنىت» دېگەن قالپاقلار بىلەن بەزىبىر شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئىلمىيلىكنى سۈيئىستىمال قىلىپ خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى ئوغۇرىلاشقا يانتاياق بولماقتا. بولۇپمۇ بىزدەك پەن- تېخنىكىنىڭ ئۇلى بولغان تەجرىبە- تەتقىقات ئۇسلۇبىدا يېتىشكەن، ئۇ باغنىڭ سۇيىنى ئىچىپ قالغان دوختۇرلار گەرچە يېڭى چىققان تەتقىقات نەتىجىلەرنىڭ بىر قانچە يىلدىن

ساغلاملىقنىڭ سىرى - تەبىئىيلىك

ئالدىنقى ماقالىمىزدە بەدەن ساغلاملىقنىڭ ئۈچ ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى، كېسەللىكتىن ئاۋال ساغلاملىقنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى، كېسەللىكنىڭ ئەمەلىيەتتە بەدىنىمىزدە يىغىلغان لاي- لاتقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەنىدۇق. كۈندىلىك يېمەكلىكلىرىمىزدە 3000 دىن ئارتۇق خىمىيەلىك ماددا بارلىقىنى، بەدىنىمىزنىڭ بىر يىلدا ئىككى كېلودەك ھاشارات دورىسى ۋە باشقا تېتىتقۇلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمىيدى؟ بەدىنىمىزنىڭ كېسەللەرگە قارشى قورغىنى بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىسى دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان بىخەتەرلىك سىستېمىسى بولۇپ، تەبىئەتتىكى پۈتكۈل تەبىئىي ۋە ناتەبىئىي نەرسىلەرنى پەرق ئېتىپ بەدىنىمىزنى بۇ يات ماددىلاردىن ( مېدىتسىنا تېرىمى بىلەن ئېيتقاندا ئانتىگېن- ANTİGEN )   قوغداشقا قادىر. بۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ھەر ئىنساننىڭ بارماق ئىزلىرىغا   ئوخشاش ئۆزگە خاس ۋە ئۆزگىچە بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ھەركىمنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىئىيتى، مىجەزى ۋە مىزاجى مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ. بىزنىڭ ئىستېمال قىلغان نەرسىلىرىمىز قانچىكى تەبىئىي قانچىكى تەبىئىيتىمىزگە ئۇيغۇن بولسا بۇ ئوزۇقلۇقلار تەل- تۆكۈس ھەزىم ب

تەن ساقلىق ۋە كېسەللىك

تەن ساقلىق زور بايلىق. ئىنسانلارنىڭ بايلىققا بولغان قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە، بايلىقنى كۆپرەك تاشقى دۇنيادىن ئىزلەشكە باشلىغاندىن تارتىپ، ئىچىمىزدىكى بۇ تەن ساقلىقنىڭ زور بايلىق ئىكەنلىكىنى يا كېسەل بولغاندا ياكى قېرىلىق مەزگىلگە قەدەم باسقاندا ناھايىتى كېچىكىپ تونۇپ يېتىمىز. ئەمەلىيەتتە كېسەللىك مەيلى جىددى خاراكتېرلىك  ياكى ئاستا خاراكتېرلىك بولسۇن بىر مۇنچە باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن جەريان بولۇپ، كېسەللىك ئەسلىدە دىققەت قىلىنمىغاندا ئانا قورسىقىدىكى چېغىمىزدىن باشلايدۇ. ئىبن سىنا ئېيتقاندەك « ئىنسانلارنىڭ تەن ساقلىقى مۇنۇ ئۈچ ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ:  ساق بولۇش، كېسەل بولۇش ۋە نە ساق نە كېسەل بولغان ئۆتكۈنچە ھالەت». كۆپچىلىكىمىز بۇ ئۆتكۈنچە ھالەتتە بولۇپ، گەرچە بەزى ئالامەتلەر بىلەن بىزگە بېشارەت بېرىلسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ ساقلىق ۋە كېسەللىككە بولغان تونۇشمىزنىڭ سۇسلىقى، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ قۇدرىتى سەۋەپلىك بەدىنىمىزدە كېسەللىك ئاللىقاچان باشلىغان بولسىمۇ ئۆزىمىزنى ساق دەپ يۈرىۋىرمىز. « تېخى تۈنۈگۈن ساپ- ساقتى» دەپ ئالغان ئۆلۈم خەۋەرلىرى، سېمىزلىكتىن پۈتۈن ئەزالىرى نالە-

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى

ساغلام ھايات ياشاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىسمىنى قويۇشىمىزغا، ئۇنى يېقىندىن تونۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ساغلاملىق زادى نېمە؟ ئۇ پەقەت كېسەل بولماسلىقىمۇ؟ ئىنسانلار بەدەن ساغلاملىقى بىلەنلا  ساغلام ھاياتقا ئېرىشەلەمدۇ؟ بەدەن ۋە روھ ساغلاملىقى ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت بارمۇ؟ ساغلاملىق پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ مەسىلىسىمۇ؟ باشقا جانلىقلارنىڭ ساغلاملىقى بىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقمۇ؟ بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن سوئاللارنىڭ ئېنىق جاۋابىنى بەرمەي، ساغلاملىق ئۇقۇمىنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپ ساغلاملىقنى ھاياتىمىزغا باشلاپ كىرىش ۋە كۈندىلىك پائالىيەتلىرىمىزگە تەدبىقلاش مۇمكىن بولمايدۇ. بىلمىگەن شەيئىلەر بىزگە شۇنچىلىك ئۇزاق، تەس ۋە تىلسىمدەك بىلىنگەچكە، ئالقىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشنى دوختۇرلارغا، تېۋىپلارغا ۋە باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ساغلاملىقىمىزدىن ئەڭ دەسلەپتە ئۆزىمىز ۋاز كېچىمىز. قائىدە شۇ:  بىلمىگەن نەرسەڭگە ئېرىشەلمەيسەن! بۇ سەۋەپلىك 1948- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ساغلاملىقنى مۇنداق ئىزاھلىدى:« ساغلاملىق- بەدەن، روھ ۋە ئىجتىمائىي ساقلىق بولۇپ، پەقەتلا كېسەل بولماسلىق ۋە يارىلانماسلىقتىن ئىبارەت