ئىنسان ساقلىقى ۋە ھەقىقەتنىڭ خارلىقى
ھەقىقەت ھېكىمەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، ئۆزگەرمەس توغرىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ھەر ئىنساننىڭ ، ھەر زاماننىڭ، ھەر ماكاننىڭ توغرىلىرى بولىشى، زاماننىڭ ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بۇ توغرىلارمۇ ئۆزگىرىشى مۇمكىن، ئەمما ھەقىقەت ھەرخىل سىناقلاردىن ئۆتكەن توغرىلار بولغاچقا يىگانىدۇر. ئىنسان ساغلاملىقى ، ھاياتنىڭ مەناسى ، تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقى ئەسلىدە بۇ ھەقىقەتلەردە ساقلانغان بولۇپ، ھاياتنىڭ غايىسىمۇ بۇ ھەقىقەت ۋە ھېكمەتلەرنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەت بەدەن ساغلاملىقىمىزغا بىر رېتسىپ، روھ خۇشاللىقىمىز ئۈچۈن بىر رەھبەر، ھاياتىمىزغا بىر مەشئەلدۇر. ئەمما رېئال دۇنيادا بولۇۋاتقان ھادىسىلەر، تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراۋاتقان ھېكايىلەر، ساغلاملىقتا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر بىزنىڭ ھەقىقەتتىن ئۇزاق ياشاۋاتقانلىقىمىزنى، يالغاننىڭ بازار تېپىپ، ھەقىقەتنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. غەرب پەلسەپىسىدە دەل بۇ ھەقىقەتنىڭ قىممىتىنى يوقۇتۇش ياكى خارلىنىشى ھادىسىسىنى Post – Truth تېرىمى بىلەن ئىپادە قىلىدۇ. Post - Truth ئەسلىدە كەلىمە مەنىسى بويىچە ...