Kayıtlar

Mart, 2022 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

قېرىماسلىقنىڭ دورىسى

قېرىش ئىنسان ھاياتلىق سەپىرىدىكى بىكەتلەردىن بىرى بولۇپ، قېرىش سەۋەپلىك ئىنسانلارنىڭ ئاناتومىيسىدە، فىزىلوگىيسىدە ۋە پىسخولوگىيسىدە  چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. ئىنسان بالىسى قېرىشنى خالىمايدۇ، ئەمما قېرىغانلىقىنىڭ بېشارىتى بولغان ئاق چاچلار، خىرە كۆزلەر، قورۇق باسقان تېرىلەر بىزگە بۇ ھەقىقەتتىن پىچىرلايدۇ، بىز ھېس قىلالمىغان ئىچكى ئەزالىرىمىزنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە بۇزىلىشى بىلەن بىزنى ئۆلۈمگە ھازىرلايدۇ. بىر يازغۇچى دېگەندەك: « ئاق چاچلار، ئۆلۈم بىلەن  ۋەدىلەشمەك، يۈرەككە قويۇلغان دىيەك بۇ تويغا ئۈزۈك تاقاشتۇر».  قېرىلىق كېلىپمۇ ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى پۇرىيالماي، ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلمىغانلارنىڭ سەپىرى مۇشەققەتلىكتۇر. بۇرۇندىن تارتىپ بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانلار، ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشىنى ئېغىر كۆرگەنلەر بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆلمەسلىكنىڭ چارىسى ۋە دورىسىنى تېپىپ چىقىشقا كۆپ تىرىشتى. ئەمما ھەممىسى دېگىدەك قەلبىدىكى بۇ چۇڭقۇر ئۈمىدلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئۈمۈدلەردىن ۋاز كەچمىگەن، ئۇ دۇنياغا ھېچ ئۈمىدى بولمىغان بەزىلىرى بەلكى زامان ۋە پەن- تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ

دورا شىپا بولسۇن، بۇدساتۋا بولمىسۇن

پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بولۇپمۇ مېدىتسىنا ۋە بېيومولىكۇللا ئىنژىنىرلىكى ساھەسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى بىلەن دورا كەشىپ قىلىش، لايىھىلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىش قوللىرىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. ئىلىم- پەندىن كۈچ ، پۇلدىن مەدەت، كېسەللەردىن ئۈمىت ئالغان دورا- دەرمەك ئىگىلىكى ئۇ قەدەر يۈكسەلدى ۋە ئۆزگەردىكى ، دورا كېسەللەرگە شىپا بولدىغان بىر ۋاسىتە ۋە مەقسەت بولۇشتىن چىقىپ شىركەتلەتلەرنىڭ قۇرال- ياراقتىن قالسا ئەڭ چوڭ پەيدا ئەكىلىدىغان بىر تىجارەت مېلىغا ئۆزگەردى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە  ھەرخىل ئېلان- مۇبالىغە ۋە سىرلىق ئەپسۇنلار بىلەن بىر ئىلاھ سۈپتىدە  كېسەللەرنىڭ قەلبىدە تاج قۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ئىلاھ كېسەللەرنى ئۇ قەدەر ئالقىنىغا ئىلىشقا باشلىدىكى، كېسەللەر ئۇنىڭسىز ئۇخلىيالمايدىغان، خۇشاللىق تاپالمايدىغان، ئۇنىڭسىز ئەۋلاد قالدۇرالمايدىغان، ساقىيالمايدىغان ، ھەتتا ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغان ھالغا كەلدى. دورىغا ئاشىق- بىقارار بولغان كېسەللەر ئۇنىڭ ئەسلىدى بىر خىمىيىلىك زەھەر- ئوغا 1 ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەكىس تەسىرىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان بولۇپ، قىممەتلىك زەھەرنى يەپ- ئىچ

تىز تاماق، تىز ئۆلتۈرىدىغان تاماق

تىز تاماقخانىلارنىڭ غەرب ئۆلكىلەردە مەيدانغا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ يەرلەردىكى خەلقلەرنىڭ ھايات ئەندىزىسى ۋە يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى بۇزۇپ، ھەرخىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ چىقىشىغا سەۋەبچى بولماقتا.  The Obesity Action Coalition   نىڭ كۆرسەتكىنىدەك، ئامېرىكىدىكى تىز تاماقخانىلارنىڭ سانى 1970- يىلدىن بىرى ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى سېمىزلارنىڭ سانىمۇ ئۇ زاماندىن بىرى ھەسسىلەنگەن. ھەكىم ئىزى دېگەندەك سېمىزلىك بىر ياغ راكى بولۇپ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇ شۇ دېمەكلىك بولىدىكى، تىز تاماقخانىلارنىڭ خىرىدارلىرى سېمىزلىك ۋە كېسەللىك كۇلۇبنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، ئۇ يەردە سۇنۇلغان تىز تاماقلار ( Fast food  ) تىز تويدۇردىغان، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا تىز ئۆلتۈرىدىغان تاماقلار دېگەنلىكتۇر. مېدىتسىنا ھەقىقەتەن  تىز تەرەققىي قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەرەققىيات سۈرىتى يېڭى پەيدا بولىۋاتقان، ئانام- دادام كۆرمىگەن كېسەللىكلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىش تېزلىكىدىن كۆپ ئاستا. بۇ كېسەللىكلەرنىڭ بېشىدا

ئەڭ ئېغىر روھ كېسەللىكى - ئۆلۈمدىن قورقماسلىق

  ئۆلۈم، دۇنيا ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى. ئۆلۈم ھايات جۇملىلىرىمىزگە، ھىكايىمىزگە قويۇلغان چىكىت. ئاپتۇۋۇزدا ئۇخلاپ قىلىپ ئاخىرقى بېكەتكە بىردەمدە كەپ قالغاندەك، ئۇيقۇدا، غاپىللىقتا ئۆتكۈزگەن ھاياتىمىزنىڭ ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسۇغىسىغا نەقەدەر بالدۇر كەپ قالغانلىقىمىزنى سەزمەي قالىمىز. مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك، ئۇششاق- توڭ ھەممەيلەن ھايات سەپىرىدە پەرۋاسىزچە مېڭىۋېتىپ تۇيۇقسىز خىياللارنى، ئارزۇلارنى، يىقىنلىرىمىزنى، بالا- چاقىلىرىمىزنى، دوست- بۇرادەرلەرنى ھايات دەپتىرىمىزنىڭ ئىچىگە كۆمۈپ، دوختۇرخانىلارنىڭ ياتاقلىرىدا شۇ ئاخىرقى تىنىق بىلەن  ھايات ھىكايىمىزگە چىكىت قويىمىز.  ئىزچى بەلكى دوختۇرلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈمگە ئەڭ جىق شاھىت بولغان دوختۇرلاردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆلۈم پەيتتىكى ئۇ ئېغىر تىنىقلارنى، روھنىڭ بەدەننى تاشلاپ ئۇچۇپ كەتكەن چاغدىكى جەسەتتە مەيدانغا كەلگەن ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنىكى ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، ئۆلۈمدىن ئىبارەت  بۇ سىرلىق ۋە دەھشەت ھادىسە ئۈستىدە ئويلارغا پېتىپ قالاتتى. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆلەك كەينىدىن تۆككەن كۆز ياشلىرى، مۇرەككەپ تۇيغۇلار بىلەن

روھىڭىز بىلەن سىردىشىڭ

  ئىنسان ساقلىقى بەدەن ۋە روھ ساقلىقنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، بىرسىنىڭ ساقسىزلىقى يەنە بىرسىنىڭ بىتاب بولىشىغا يول ئاچىدۇ. بەزەن بۇ ئىككىسىنى ئايرىش ئۇ قەدەر تەس بولۇپ، دوختۇرلارمۇ قايسىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىگە دئىاگنوز قويۇشتا، داۋالاشتا قىينىلىدۇ.  ھەممىدىن تەس بولغىنى كېسەللەرگە بەدەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك شىكايەتلەرنىڭ نىرۋىدىن، روھتىن كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنى قايىل قىلىش. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئۇ يۇرەك تاجىسىمان قان- تومۇر كېسەللىكى دىئاگنوزى بىلەن قاغىلىقتىن دوختۇرخانىمىزغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇ 38 يېشىدىكى ئايال بىمار. ئۇ ئايالنىڭ يۈرىكى ھەركۈنى بىر قانچە قېتىم ئاغرىيدىغان بولۇپ، ھەر ئاغرىغاندا خۇددى  كىتابتا يېزىلغاندەك تىپىك بىر شەكىلدە ئاغرىيتتى. ئەڭ چاتاق يېرى يۈرىكى ئاغرىغاندا تارتىلغان ئېلېكترو يۈرەك دولقۇنىدا يۈرەك كېسەللىكلىرىگە ئائىت بەزى ئالامەتلەر كۆرۈنەتتى. بۇلارغا ئاساسەن كېسەل ئۆزىنى يۈرەك كېسىلى بولۇپ قاپتىمەن دەپ يىغا- زارىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، دوختۇرلارمۇ يۇرەك تاجىسىمان قان- تومۇر كېسەللىكى قالپىقىنى ئۇنىڭغا چىرايلىق كەيگۈزگەندىن كىيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەن يەنى يۈرە