Kayıtlar

Aralık, 2021 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

تاماكا بايان- 3

  بىلىمەن دىلدار يۇتىمەن زەھە ر ، تېگەر ھەر سائەت يۈرەككە نەشتەر. مەيلى ئەمەسمۇ شۇ زەھەر بىلەن ، سەگىسە يۈرەك تاماكا بايان . تاماكا چەككۈچىلەر بولۇپمۇ ئۇزۇن يىللىق بەڭگىلەر بۇ زەھەرگە جىسمانىي، روھى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن خۇمارداپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆزلىكىدىن تاماكا تاشلىشى بىر مۆجىزە. شۇڭا ھەم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ ھەم ئۆزىمىزنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا تاماكا تاشلا دېيىشتىن ئاۋۋال مەن قانداق قىلسام تاماكا تاشلار؟ دەپ سۇئال قويۇشىمىز كېرەك. ئالدىنقى ماقالىمىزدە تەكىتلىگەندەك ئۇلارغا سوزۇلغان ياردەم قولى، ئۆزىمىزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا تاشلانغان بىر قەدەمدۇر ئەسلىدە. يەنى خاتادىن توسا، توغرىنى تولا! ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ داۋالاش رەھبەرلىرى بىز دوختۇرلارغا A's 5 دەپ قىسقارتىلغان بەش قەدەملىك ئالگورىزىمنى تەۋسىيە قىلماقتا. 1 1. سورا ( Ask ): ھەر بىماردىن تاماكا چېكىپ- چەكمەيدىغانلىقىنى سورا. 2. دەۋەت ( Advise ) : ھەر بىمارغا تاماكىنىڭ زىيانلىرى بىلەن نەسىھەت قىل ۋە تاماكا تاشلاشقا دەۋەت قىل. 3. باھالا ( Assess ): كېسەلنىڭ 30 كۈن ئىچىدە تاماكا تاشل

تاماكا بايان - 2

  يانار تاغ ئىچىدە بولغاچقا يالقۇن، دائىملا ئۈستىدىن كەتمەيدۇ تۈتۈن. ھەيران قالمىغان چىقسا ئاغزىمدىن ، كۆكۈش چەمبىرەك تاماكا بايان. ئۇنداقتا بۇ زەھەر قايسى ئەزالىرىمىزدا قانداق كېسەللىكلەر پەيدا قىلىدۇ؟ بۇ تاماكىنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىننىڭ ۋۇجۇدىمىزدا كېسەل قىلمىغان ئەزالىرى ۋە پەيدا قىلمىغان كېسەللىكلىرى يوق. يەنى بېشىمىزدىن تىرنىقىمىزغا قەدەر پۈتۈن ئورگان، ئەزالىرىمىزدا ئەقلىمىزگە كىلىدىغان ھەرتۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ باش سەۋەبچىسى بۇ تۈتۈن. شۇڭا ھەكىم ئىزى: " تاماكا چېكىپ ھاياتتىن كەچمەڭ!   ئىس كانىيىڭىزنى توسۇۋالغاندا ئۇنى قاقماق ئۈچۈن لازىمدۇر توقماق ! " دەيدۇ. ئىشنىڭ ئېچىنارلىقى شۇكى ھەر بۆلۈمنىڭ دوختۇرلىرى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ تاماكا سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەن كېسەللىكلەرنى بىمارلارنىڭ دەرد- زارىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئۆلۈم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ تاماكا چېكىۋىلىشى. دېمەك ئەقىل بىلەن ھەر ئىشنى ھەل قىلماق خىيال. دوختۇر بىلەن ھەكىمنىڭ ئارىسىدىكى پەرىقتىن بىرى بۇ بولسا كېرەك. تاماكا ئىنسانلار ئۈچۈن يامان بالا. دۇنيادا ھەريىل 7000000 ئىنسان

تاماكا بايان - 1

توسما يار مېنى چېكەي بىر نەپەس، كۆيىدۇ يۈرەك تاماكا بايان . ئەمەستى چېكىش ماڭا بىر ھەۋەس، كۆيىدۇ يۈرەك تاماكا بايان . كۈندىلىك ھاياتىمىزدا كۆرۈنمەس قاتىللار باركى جېنىمىزنى ئاستا - ئاستا قېنىمىزنى ئېقىتماي تۇرۇپ قانداق ئالغانلىقىنى بىلمەي قالىمىز. شۇنداق زەھەرلەر باركى يەپ- ئىچكەن ۋاقتىمىزدا نەپىسلىرىمىزنى پەپىلەپ، تۇيغۇلىرىمىزنى دولقۇنلاتسا، ئاخىردا بىزنى تۇيغۇسىز، غايىسىز مۇردىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇنداق ئوتلار باركى قارىساڭ ئۇنىڭدا نە يالقۇن نە ھارارەت بار ئەمما پۈتۈن ۋۇجۇدىڭنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ تاشلايدۇ. بۇ قاتىل بولسا تاماكا، بۇ زەھەردۇر تاماكا، بۇ ئوت دەل تاماكا. ئۇ قەدەر زىيانلىرى بولغان، ئۆزى بىلەن بىللە ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىنى كۈل قىلىدىغان، زەھىرى بىلەن ئىنسانلارنى راك قىلىدىغان، سىرلىق تۇمانلار بىلەن ئىنساننىڭ پىسخىكىسىنى ئۆزىگە رام قىلىدىغان بۇ تاماكىنى بىلىپ تۇرۇپ چېكىشنىڭ سىرى نېمە؟ زامانىۋى ئىنسانلارنىڭ قايىل بولۇش ئۇسۇلى بولغان ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى بۇ زەھەرنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن تۇرۇقلۇق بۇ تاماكىنىڭ ئىنسانلارغا تاتلىق بولۇشىنىڭ

ئېلېكتىرتور ساقلىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى- 2

  9. پەرزەنتلىرىمىزگە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلارنىڭ مەيلى رېئال ھاياتتا مەيلى مەۋھۇم دۇنيادا بولسۇن ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىڭ! ئۆز- ئارا ئالاقىدە باشقىلارغا سەمىمى، ئادىل ۋە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىش لازىملىقىنى، باشقىلارغا ھۆرمەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ قىممەت تاپىدىغانلىقىنى، باشقىلاردىن كۆرۈشنى خالىمىغان ئىش- ھەرىكەتلەرنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىك توغرىسىدا تەلىم- تەربىيە بىرىڭ. 10. توردۇنياسىدىكى ئۆز- ئارا ئالاقە ۋە خەت- چەكلەردە توغرا، مۇكەممەل، پاكىز تىل ئىشلىتىشكە دىققەت قىلايلى. توغرا ئىشلىتىلگەن كەلىمە، چىرايلىق يېزىلغان خەت- چەكلەر، ئىملا خاتاسى ۋە گرامماتىكىلىق نۇقسانلاردىن پاكىز يازمىلار بىزنىڭ ئۆز- ئارا مۇناسىۋەتكە تۇتقان پوزىتسىيەرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 11. مەۋھۇم دۇنيادا باشقىلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيلى. مەلۇم مەنبەدىن ئىلىنغان مەلۇماتلارنى باشقىلارغا تارقىتىشتىن ئاۋۋال ئۇ مەنبەنىڭ ئىگىسىدىن ئىجازەت سوراش لازىملىقىنى ئېسىمىزدىن چىقارمايلى. باشقىلارنىڭ پىكىر ھەققى، قەلەم ھەققى ۋە ماركا ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىل

ئېلېكتىرتور ساقلىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى- 1

  ئېلېكتىرتور ساقلىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ساغلاملىقىمىزنىڭ بىر پارچىسى بولغان بۇ تېما ھەققىدە تونۇشىمىزنى تىكىلگەندىن كېيىن ، ياشاۋاتقان دەۋرىمىزنىڭ ھاۋاسىنى، رېئال دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئەمما مەۋھۇم دۇنياغا قېچىۋاتقان بالىلىرىمىزنى يېڭى باشتىن تونۇپ يەتكەندىن كېيىن بىر ئۇزۇنغا سوزۇلغان پىلان ۋە تۆۋەندە ئىپادە قىلىنغان سىتراتىگىيلەر بىلەن ئەمەلىي ۋە قەتئىي قەدەملەرنى تاشلىشىمىز كېرەك. 1. ئاۋۋال بۇ مەۋھۇم دۇنيانى ئۆزىمىز ئۆگىنەيلى. بۇ تور دۇنياسىدىكى ھادىسىلەر، تەرەققىياتلار، كەلگۈسىدە تىخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولدىغان Metaverse (مەۋھۇم كائىنات ) نىڭ نېمىلىكىنى، مەۋھۇم پۇللارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە خەتەرلىرىنى، تور ئويۇنلارنىڭ   سېھرىي كۈچىنى، بۇلارنىڭ پايدا زىيانلارنى، توغرا- خاتالىرىنى بىلىشىمىز لازىم. سۈنئىي ئىدراك، بلوك زەنجىر تېخنىكىسى ، Web 3.0 ، مەۋھۇم رېئاللىق ئەسۋابلىرى، تىگىشتۈرگۈسىز تەڭگە ( NFT ) قاتارلىق يېڭى پەن- تېخنىكا ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن خەۋەردار بولىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىز بىلمەيدىغان بىر تېما ئۈستىدە بالىلارغا ۋە باشقىلارغا تەلىم- تەربىيە