توغرا نەپەس، قېيىن ئەمەس
نەپەس ئېلىشنى بىلەمسىز؟ بۇ چاقچاق قىلىپ سورالغان سوئال بولماستىن، نەپەس ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى تەدبىقلايدىغان بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنسانلارنىڭ جىقى توغرا نەپەس ئىلىشنى بىلمەيدىغان بولۇپ، بىز نورمالدا بەكمۇ دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان بۇ نەپەس ئېلىشتىكى ناتوغرىلىق، ئىنساندا ئاسان ھېرىش، تېرىكىش، باش ئاغرىقى ، چۈشكۈنلۈك، ئۇيقۇسىزلىق، مۇسكۇل ئاغرىقى ۋە باشقا نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولماقتا. چۈنكى نەپەس ئېلىش بەدىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم فۇنكسىيەسى بولۇپ، تولىمۇ ئاددىي كۆرۈنگەن بۇ پائالىيەت ئەسلىدە بەدەندىكى نۇرغۇن ئەزالارنىڭ ئىنچىكە ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن پىلانلىق، سىستېمىلىق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھاۋادىن ئېلىنغان ئوكسىگېن پۈتۈن ھۇجەيرىلىرىمىزگە قەدەر يېتىپ بېرىپ، ھۇجەيرىلەرنىڭمۇ نەپەس ئېلىشى ۋە ھاياتلىقنىڭ داۋام قىلىشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. نەپەسنىڭ مۇھىملىقىدىن ئۆلۈمنى « ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىنى بەردى» دەپ تەسۋىرلىسەك، جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئەڭ ئاۋۋال قىلىدىغان ئىشىمىز ھاۋا يولىنىڭ ئوچۇق بولىشىنى، سۈنئىي نەپەس ئېلىشنى قول...