Kayıtlar

Ekim, 2023 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

گىرىم چىراينى قىلىدۇ سەتەڭ، ساقلىقنى مەنتەڭ

  گۈزەللىككە ئىنتىلىش ۋە گۈزەللىكتىن زوقلىنىش ئىنساننىڭ تەبىئىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ.  ئەمما ئىنسانلارنىڭ گۈزەللىكىنى ئىدراك قىلىش ۋە زوقلىنىش سەۋىيەلىرى پەرىقلىقتۇر. خۇددى گۈلنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىدى بىلەن تاماملانغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانلارنىڭ گۈزەللىكمۇ ئۇنىڭ ئەخلاق گۈزەللىكى بىلەن تاماملىنىدۇ.  لېكىن بۇ گۈزەللىك ھەقىقىتى،  زامانىۋى ئىنسانلار تەرىپىدىن سەل قارالماقتا. ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يېمەك - ئىچمىكى ۋە ياشىغان مۇھىتى تەبئىي بولغاچقا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چىرايى تەبىئەتنىڭ تەبئىي بويىقى بىلەن بويالغاچقا، ئۇلار تەبىئىي گۈزەللىكنىڭ ساھىبى ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇلار بۇ گۈزەللىكىنى تەبئىي ھايات شەكلى بىلەن قوغدىيالىغانلىقى، شۇنداقلا مىھرىبانلىق،   سەمىمىيەت، ئاقكۆڭۈللۈك، ئەپۇچانلىق، قانائاتكارلىق، مەردلىك، مەردانىلىق ۋە  مېھماندوستلۇق قاتارلىق ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن ئۆزىنى پەدەزلىغانلىقى ئۈچۈن،  ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە خاس ساھىپجاماللار ئىدى. ئەپسۇس، ھازىرقى زامان ئىنسانلارنىڭ بىر تەرەپتىن يېمەك- ئىچمىكى تەبئىيلىكتىن يىراقلاپ كەتكەچكە تاشقى گۈزەللىكىگە داغلار چۈشۈپ سەت

سۈنئىي ئەمبەر ساقلىقنى قىلىدۇ بەتتەر

  پۇراش جانلىقلارنىڭ مۇھىم فۇنكىسىيەسىدىن بىرى بولۇپ، ئىنساننىڭ پۇراش سىستېمىسى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان. ئۇ ئون مىڭدىن ئارتۇق پەرقلىق پۇراقنى پەرقلەندۈرۈش ۋە بۇلارنى ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىگە ئىگە. ئىنسان بەدىنىدە مىڭدىن ئارتۇق ئوخشاشمايدىغان پۇراق ھۈجەيرىسى بار بولۇپ، بىر بوۋاق ئانىسىنىڭ پۇرىقىدىن ئانىسىنى، ئانىمۇ بوۋىقىنىڭ پۇرىقىدىن بالىسىنى تونۇۋالالايدۇ ۋە پۇراش سېزىمى بىلەن ئانا - بالا ئوتتۇرىسىدا ئەڭ دەسلەپكى مېھرى - مۇھەببەت رىشتىسى ئورنىتىلىدۇ. باشقىلارنىڭ قۇچىقىدا كۆزى يۇمۇق چىرقىراپ يىغلاۋاتقان بوۋاق،  ئانىسى قۇچىقىغا ئالغان بىلەن تەڭ، ئانا پۇرىقى بەرگەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىلەن شۇزامان يىغىدىن توختايدۇ. بوۋاق كېچىلىرى ئاتا- ئانىسىنىڭ يېنىدا ئۇلارنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ قورقىدىن خالىي ھالدا ئوبدان ئۇخلايدۇ. زامانىۋى بالا  تەربىيىلەشنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق خاھىشىنى كىچىكىدىن يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئايرىم ئۆيگە سولاپ قويۇلغان بالىلار بولسا ئانى پۇرىقى بەرگەن ئۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قالغان بولغاچقا،  كېچىلىرى قورقىدىن يىغلاپ جىق ئويغىنىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال با

پاكىزلىقنى دەپ ساقلىقنى دەپنە قىلماڭ

  ئىنسانلارنىڭ پاكىزلىق كۆز- قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئەتراپىمىز تازىلىق ۋە پاكىزلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تولۇپ تاشتى، ئۆيلىرىمىز بولسا بۇ خىمىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ كىچىك خىمىيەلىك بازىسىغا ئايلاندى. تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى تەبىئىيلىكتىن ئۇزاقلىشىپ، ئاتالمىش < پاكىزلىق> قالپىقى ئاستىدا سۈنئىي زەھەرلەرگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى. ئائىلىمىزدە تازىلىق ۋە پاكىزلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان بۇيۇملارنىڭ تۇرى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىچە بىر زەھەر، ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن بولسا ئايرىم بىر خەپتۇر. كىر سوپۇنى ، كىر يۇمشاتقۇچ، كىر ئاقارتقۇچ، ئوبىرنى تازىلىغۇچ، ئوچاق تازىلىغۇچ، ماي چىقارغۇچ، چىنە قىش ۋە ئەينەك تازىلىغۇچ، قاچ - قۇچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە پاشا- چىۋىن ئۆلتۈرگۈچ  قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى پەرقلىق خىمىيەلىك ماددىلار ئۇلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا تېرىمىزدىن، نەپەس يوللىرىمىزدىن بەدىنىمىزگە كىرىپ جىددى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە سەۋەبچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن  بۇ رەڭلىك بۇيۇملار كىچىك بالىلار تەرىپىدىن خاتالىق بىلەن  ئىچىپ قېلىنىپ يارىلىنىشقا،  ھەتتا ئۆلۈم قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرگ

ساغلاملىق ئۈچۈن پاكىز سوپۇن ئىشلىتىڭ

ئىنسان مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،  ماددىي ۋە مەنىۋى كىرلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ماشىنا بولۇپ،  بەدەن ۋە روھ ساغلاملىقىمىز بۇ كىرلەرنى قانداق قىلىپ ۋۇجۇدىمىزدىن چىقىرىپ تاشلاشقا باغلىق. ئىنسانلار ھاياتلىق دەپ قالاق ئاڭ، قالماق ئىستېمال ۋە قالايمىقان ئىشلەپچىقىرىش تۈپەيلى يەر شارىنى بۇلغىۋەتكەنگە ئوخشاش، تەبىئىيلىكتىن ئۇزاقلىشىش، ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەكنى ھەددى - ھېسابسىز  يەپ ئىچىش سەۋەبىدىن ئۆز بەدىنىنىمۇ ئەخلەت چېلىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. ئەسلىدە كېسەللىك پەيدا قىلغان بىئارامسىزلىقلار بۇ ئەخلەتلەرنىڭ ئېچىپ، بۇلاردىن يېيىلغان بەدپۇيلارنىڭ تۇيغۇ ئەزالىرىمىز تەرىپىدىن ھېس قىلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. بەدىنىمىز بۇ مەينەتچىلىكلەر ۋە كىرلەرنى گاز،  سۇيۇق ۋە قاتتىق ھالەتتە تەبئىي ئەۋرەز يوللىرىدىن بىر تەرەپ قىلىدىغان بولۇپ، تېرىمىزنى ئەڭ چوڭ كىر ئالغۇ ماشىنىسى دېسەك خاتالاشمايمىز.  بەدىنمىزنىڭ تۈكلۈك ۋە تۈكسىز تېرىلىرى بەدىنىمىزدىكى مەينەتچىلىكلەرنى تەر ۋە ماي ئاجرىتىپ چىقىرىش ئارقىلىق تىنىمسىز ھالەتتە پاكىزىلاپ تۇرىدۇ. تېرە ياللۇغلىرى ئەمەلىيەتتە بەدەندە بۇ كىر ئالغۇنىڭ نورمىسىدىن جىق كىر