ئىز قالدۇرغان ھەكىملەر
بىلىم بىلەن ئىلىم قوشكېزەك ئىكەن، ئىلىم- پەننىڭ مەنبەسىنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ۋە شاھىد بولغان تارىختىكى ئالىم، پەيلاسوپلارنىڭ بىر قىسمى ھەكىم، ھەكىملەرنىڭ بىر قىسمى ئالىم ئىدى. گەرچە ھاكىم سەۋىيىسى ھەركىمگە نېسىپ بولمىسىمۇ ئەمما تېبابەت ساھەسىدە بىرەر ھەكىملەر ئىدى. ئىنسانلىق تارىخىدا ئىز قالدۇرغان ھەكىملەرنىڭ بىر قانچىسىنى تۆۋەندە ھۆرمەت ۋە مىننەت بىلەن ياد ئەتمەكچىمەن. لوقمان ھەكىم ياشىغان دەۋر بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تالاش- تارتىش بولسىمۇ قولىمىزدىكى ساغلام مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، لوقمان ھەكىم ھەقىقەتەن ھاكىملىق نېسىپ بولغان بىر ھەكىم ئىدى. « ئەي ئوغلۇم، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەبىر قىل. زېمىندا غادىيىپ يۈرمە. ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن! » « كىمكى كۆپ يېيىشتىن ساقلانسا، كۆپ دورا يېيىشتىن ئازاد بولىدۇ » « ئەي ئوغلۇم، كۆپ يېمە! چۈنكى كۆپ يېيىشتىن دىل كۆزى تۇتۇلىدۇ، قەلبىنى دات باسىدۇ » سوقرات ( Socrates ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 470 ) « بىلىدىغان بىر نەرسەم بار ئېسە، ئۇدا ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغانلىقىمدۇر » « ھەقىقى خۇشاللىق ۋە ساغلاملىققا ئېرىشمەك ئۈچۈن روھ...