راك- پۇرسەت قاچمىسۇن، ئۈمىد ئۆچمىسۇن

 ئىنسان بەدىنىدىكى پۈتۈن گېنلارنىڭ يىغىندىسى گېننوم ( Genom ) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پرىنتېردىن بېسىپ چىقارساق، گېننوم ئىسمىغا لايىق تەرىقىدە 262 مىڭ ۋاراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 175 توملۇق قېلىن بىر كىتاپ ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئىنساننى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان تەرىپى گېنىمىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت %2 - 1.5 ى   كۈندىلىك ھاياتىمىز بىلەن مۇناسۋەتلىك ئاقسىل ۋە ئېنزىملارنى كودلايدىغان بولۇپ، قالغان قىسمىنىڭ نېمە رولى بارلىقى تېخىچە بىر سىر. بەلكىم بىز ھېس قىلماستىن كۈندىلىك ئىش پائالىيەتلىرىمىز ھەتتا ئوي- خىياللىرىمىز بۇ سىغىمى بۈيۈك ساقلىغۇچى دىتالغا ساقلىنىۋاتقان بولۇشى، پۈتۈن ھاياتىمىزنىڭ ھېكايىلىرى، ئاچچىق - چۈچۈك سەرگۈزەشتىلىرىمىز بۇ كىتابقا ئۆز قەلمىمىز بىلەن يېزىلىپ كېلەچەكتە نەشىر قىلىنىشنى ساقلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئايروپىلانلارنىڭ قارا قۇتىسىغا ئوخشاش گېنىمىز بىزنىڭ ھەم سىر قۇتىمىز،ھەمدە مەخپىيەت ساندۇقىمىزدۇر. ئىنساننىڭ خاتالىقى، بىخوتلىقى ۋە پەرۋاسىزلىقى تۈپەيلى بەزى سىرلارنىڭ پاش بولۇشى، بەزى مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن بەزى كېسەللىكلەر ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولۇپ، راك دەل شۇلاردىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

 پاش بولغان سىرلار راك كېسەللىكىگە گېرىپتار بولغان كېسەللەرگە بەزى گەپلەرنى پىچىرلايدىغان بولۇپ، كېسەللەر روھى ساپاسى، بىلىم قۇرۇلمىسى، تەپەككۇر قابىلىيىتى ۋە كۆرۈنمەس ئىلھاملارغا ئاساسەن بۇ پىچىرلاشلاردىن پەرقلىق مەنالار ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. بۇ ئوخشىمىغان مەنالار  كېسەللەرنىڭ بۇ خەۋەرنى ئۇققاندىن كېيىنكى پەرقلىق تۇيغۇلىرىغا ۋە تۇتۇملىرىغا سەۋەبچى بولىدۇ. بەزىلەر راك دېمەك ئۆلۈم دېمەكتۇر دېگەن چۈشەنچە بىلەن، شۇ مىنۇتتىن كېيىنكى ھاياتىنى ئۆلۈمنىڭ قارا بۇلۇتلىرى ئاستىدا قورقۇش، قايغۇ، ئېچىنىش ئىچىدە ياشايدۇ. ئۈمىد قۇياشىنىڭ ئىللىق نۇرلىرى ھاياتىدىن يوقالغاچقا، ئۇلارغا نىسبەتەن ھايات يالغان، زۇلمەت، شەپقەتسىز، ئادىل ئەمەستۇر. يەنى بەدىنىدىكى راك ئاللىقاچان چۈشەنچىلىرىگە، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا، زىھىن دۇنياسىغا ۋە تۇرمۇشىغا تارقالغان بولۇپ، گەرچە قاچان ئۆلۈشىنى بىلمىسىمۇ روھى ئۆلۈپ بولغان بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بۇرۇن ئۆلۈم دېگەن ھەقىقەت ھاياتىدىن ئۇزاق بولغاچقا ياكى بۇ ھاياتنىڭ گۈزەل ۋە جەلپ قىلارلىق لىباسلىرى ئۆلۈم پەرىشتىسىنى ئوراۋالغاچقا،  ھەممىدىن مۇھىمى ئۆلۈمگە ھىچ تەييارلىقى بولمىغاچقا، بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىش ئۇلارغا ناھايىتى تەس كېلىدۇ. ئۆلۈمنىڭ سەۋەبىنى بۇ راك كېسەللىكتىن بىلىپ، بۇ كېسەللىكتىن نەپرەتلىنىدۇ، كېسەللىكلەردىكى مەنا ۋە ھىكمەتلەرنى ئۇنتۇپ، ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، بېرىلگەن بۇ پۇرسەتنىمۇ قەدىرلىمەي مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە يۈزلىنىدۇ.

بەزىلەر زامانىۋى پەن - تېخنىكلارنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن كۈچ - قۇدرىتى، ئەتراپىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئۇلارغا پۈۋلىگەن ئەپسۇنلىرى ۋە  بۇ كېسەللىكتىن ساق- سالامەت قۇتۇلۇشقا بولغان چەكسىز ئۈمىدلىرى بىلەن ئۆلۈمدىن قېچىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيا ھاياتىغا بولغان ھەۋەس ۋە  مۇھەببىتى، ياشاشقا بولغان ئىشتىياقى ئۇلارنىڭ تەپەككۈر قابىلىيىتىنى بوغۇپ، كۆزلىرىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى توسۇۋالغان بولغاچقا ساقىيىش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايدۇ. داۋالىنىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئوپراتسىيەلەردىن، خىمىيىلىك داۋالاشلاردىن، ھەتتا نۇر بىلەن كۆيدۈرۈلۈشتىنمۇ قورقمايدۇ. بۇلارنىڭ ئىككىلەمچى راكلارغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەت كالىسىغا كىرىپ چىقمايدۇ. تېۋىپلارنىڭ شىپالىق ئوت- چۆپلىرىنى يېيىشتىن، موللىلارنىڭ «خاسىيەتلىك» دىمىدىلىرىنى ئىچىشتىن، راك داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى دەپ يىراق مەملىكەتلەرگە ساياھەت قىلىشتىن ، ھەتتا پايدىسى بار دېسە ئاتنىڭ سۈيدۈكى-  ئېشەك سۈتىنى ئىچىشتىنمۇ تەپ تارتمايدۇ. مەدەتنى ئىنسانلاردىن، شىپانى ماددىلاردىن كۈتكەچكە، نەتىجىدە تۇيۇق يوللاردا ھېرىپ- چارچاپ يۈرگەچكە ئەمدى بولسىمۇ تەپەككۈر قىلىشقا، ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشقا ۋاقتى ۋە  مادارى قالمايدۇ. بېرىلگەن بۇ پۇرسەتمۇ< داۋالىنىش > يولىدا ئىسراپ، مال - مۈلكى خام - خىياللار ئۈچۈن خانى- ۋايران بولۇپ كېتىدۇ.

يەنە بەزىلەر باركى ، ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلىپ ، تەقدىر بىلەن يۈزلىشىپ، راكنىڭ پىچىرلاشلىرىغا قۇلاق سالىدۇ. ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ھىكمىتىنى چۈشىنىپ ، بۇندىن كېيىنكى ۋاقىتلىرىنى تەپەككۈر ئارقىلىق مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە باشلايدۇ. راكقا بىر پۈتۈنلۈك بۇرجىكىدىن قاراپ،« كېسەل بولدۇڭ دېمەك، ئۆزگىرىشىڭ لازىم دېمەكتۇر» دېگەن ھەقىقەت تۈرتكىسىدە ئۆزگىرىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنى ئۆلۈمنى ئۆلتۈرۈشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارايدۇ. ھاياتىدىن ، ساقىيىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزمەيدۇ، ئەمما ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشقا سەل قارىمايدۇ. چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ھەقلىقلىقىنى، باشقىلارغا بالدۇر ، باشقىلارغا كېيىن ، بەزىلەرگە يولدا بەزىلەرگە كارىۋاتتا، بەزىلەرگە جېدەل بىلەن ، يەنى بەزىلەرگە كېسەل بىلەن كېلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭدىن قورقسىمۇ، قورقۇشىنى تۈگىتىشنىڭ يولىنى ئىزدەيدۇ. پىكىرىنى ۋە ھايات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدۇ. ساقايسا شۈكۈر قىلىدۇ، شىپا تاپالمىسا قالغان ھاياتىنى ئۆزىگە زەھەر قىلمايدۇ.  كۆزىنىڭ ئالدىكى پەردىلەر قايرىلغان بولۇپ ، بەزى ھەقىقەتلارنى تونۇپ يەتكەچكە قالغان قىسقا ئۆمرىنى بەلكى بۇرۇنقى ئۆمرىدىن تېخىمۇ مەنىلىك ۋە مول- ھوسۇللۇق ئۆتكۈزىدۇ. 

بۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ ، 9- 8  يىل ئاۋۋال ئوقۇغان < چۈشەنچە كۈچى بىلەن داۋالاش > كىتابىنىڭ ئاپتورى Louise Hay  ئېسىمغا كېلىپ قالدى. بۇ دۇنيادا بىر ئايالنىڭ بېشىغا كېلىدىغان پۈتۈن پېشكەلچىلىكنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ قەھرىمان ئايال ، تۇرمۇشتا بېشىغا كەلگەن پۈتۈن بالا- قازالارنىڭ چۈشەنچىسىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىپ، گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلىپ، تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تۈزىتىپ  ھاياتقا كۈلۈپ بېقىشقا باشلايدۇ. تۇرمۇشمۇ ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەشكە باشلىغان مەزگىللەردە 51 ياشلىرىدا بالىياتقۇ ئېغىزى راكىغا گېرىپتار بولغانلىقىنى ئۇقىدۇ ۋە بۇ قېتىممۇ ساغلاملىققا بولغان چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىپ ساغلام ھاياتقا قەدەم تاشلايدۇ. دوختۇرلارمۇ ئۇنىڭ تەبىئىي ئۇسۇل بىلەن راكنى يەڭگەنلىكنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ. بۇ ئايالنىڭ 2017  - يىلى 90 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى يىڭى ئۇقتۇم.

راك ئەسلىدە  كېسەلگە سۇنۇلغان بىر پۇرسەت. نەتىجىسى شىپا بولسۇن ۋەياكى ئۆلۈم بولسۇن، بۇ ھەقىقەت ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا ئۈمىدىڭىز ئۆچمىسۇن، پۇرسەت قولدىن قاچمىسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى