ھەكىم ئىزى

ساغلاملىقنىڭ سىرى تەبئىيلىكنىڭ ئىزىغا كۆمەگلىكتۇر. تەبىئىيلىك ئۇزۇن زاماندىن بېرى ئىنسانلارغا چۆلدىكى ئىزدەك ئۇ قەدەر يىراقلىشىپ كەتتىكى، ئۇنى  تېپىش شۇنچىلىك تەس بولۇپ قالدى. تەبىئىيلىكتىن ئايرىلغان ئىنسان ساغلاملىققا،چۆلدە سۇغا تەشنا بولغان كىشىدەك تولىمۇ تەشنا. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئىنسان دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەر  تەرەپتىن چىققان تۈرلۈك بوران چاپقۇن تۈپەيلى كۆمۈلگەن ئىزلارنى تاپالماي تېڭىرقىماقتا. بۇ تېڭىرقاشنى پۇرسەت بىلگەن شىركەتلەر،جەمئىيەتلەر ۋە شەخسلەر ئېزىتقۇدەك چۆللەردە ھېرىپ چارچىغان، بىتاپ چۈشكەن ئىنسانلارنى ئالداش ۋە توغرا يولدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بولدى. بۇ ئىنسانلارغا كېسەللىك چۆلىدە سۇ بولۇپ تەشنالىقىنى قاندۇرۇش، تېڭىرقاشلىرىنى تۈگىتىپ دەردىگە داۋا بولۇش، شۇنداقلا ساغلاملىق بوستانىغا يېتەكلەش  مەقسىتىدە، تارىخ سەھىپىلىردىن ئىنسانلارغا ساغلاملىق بەخش ئەتكەن ھەكىملەرنىڭ ئىزلىرىنى قوغلاپ، بۇ چەكسىز كېسەللىك چۆللۈكىدە چۆل كېمىسىگە مېنىپ، ئىلىم-پەننىڭ بىزگە بەرگەن كومپاسنى بېلىمگە باغلاپ يولغا چىقتىم.                                             

                                                                                                               --- ئىزچى        


كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟