Kayıtlar

Nisan, 2024 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

خاشۇ بىلەن ساقلىق خانۇ - ۋەيران

  يېمەك- ئىچمەك سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تەبىئىي يېمەك- ئىچمەك ئېڭىنىڭ سۇسلىشىشىغا ئەگىشىپ، يۈكسەك پەن- تېخنىكا ئوراپ- قاچىلاش ئۇسۇللىرى بىلەن تەڭ ھاياتىمىزغا بۆسۈپ كىرگەن خاشۇ - سۇلياۋلارنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن نەقەدەر  خەتەرلىك، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىر يۈك ئىكەنلىكى توغرىسىدا بۇرۇن يېزىلغان  « خاشۇ بالىلار، سۇلياۋ قىزلار » ، « تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال » تېمىدىكى يازىمىلاردا ئەتراپلىق توختىلىپ بولغان ئىدۇق.  ئەمما يېقىندا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئەڭ يۇزئابىرويلۇق ژۇرنال بولغان «  New England Journal of Medicine  » دە دۇنيادا تۇنجى قېتىم   خاشۇ - سۇلياۋ بىلەن كېسەللىكلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت كۆز بىلەن كۆرگىلى ، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان دەلىللەر بىلەن كۆرسىتىلىپ بىرىلگەن بىر ماقالە ئېلان قىلىندى . بۇنىڭ بىلەن خاشۇ - سۇلياۋلارنىڭ پال- پال ماسكىسى ئىلمىي تەتقىقات قايچىسى بىلەن يىرتىلىپ تاشلىنىپ، غال- غال ئىچكى يۈزى ئوتتۇرىغا چىققان ،  ئۇلارنىڭ بۇرۇن تەكىتلەپ ئۆتۈلگەندەك نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولىدى. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بەرگەن ھايا