Kayıtlar

Eylül, 2023 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

ساغلاملىق ئۈچۈن مودىدىن ۋاز كېچەيلى

  ئالدىنقى يازمىدا قەيت قىلىپ ئۆتكەندەك، كىيىم - كېچەك سۈپىتى، رەڭگى ، شەكلى ۋە نۇسخىسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، پۈتۈنلۈك نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا كىيىم - كېچەك ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ روھ، ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر. كىيىم - كېچەكدىن ئىبارەت بىر جانسىز ماددىي ئەشيانىڭ جېنى ۋە ئەقلىي بولغان ئىنسان ۋە ئىنسانلار توپلۇقىغا سەلبىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتەلىشى ھەتتا ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىپ مايمۇن ئويۇنى ئوينىتىشى،  ئەمەلىيەتتە مودا دېگەن ئۇقۇم ۋە ئېقىمنىڭ تەسىرىدە بولماقتا. مودا ئەسلىدە ئىنسان نەپس -  خاھىشىنىڭ پەردازلانغان ھالەتتە سىرتقا ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، نۇرغۇن ئىنسانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ قوللانغاندىن كىيىن، بۇ نەپس -  خاھىشىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلدەك تارقىلىشى ۋە بىر ئېقىمغا ئايلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى مودا ئىستېمالنىڭ روھى بولۇپ، كىيىم - كېچەكتىن ئىبارەت جانسىز بىر ماددىي ئەشيا مودىدىن ئىبارەت روھ بىلەن جانلانماقتا.  ئىستېمال پاتقىقىغا پاتقان زامانىۋى ئىنسانلار،

كىيىم - كېچەك ۋە ساغلاملىق

كىيىم - كېچەك مەدەنىيەت ۋە مەدىنىيلىكنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئىنسان ۋە ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇھىم پەرىقلەرنىڭ بىرسىدۇر. كىيىم - كېچەك كىيگۈزۈپ قويۇلغان ھايۋانلار خۇددى ئىنسانلاردەك سۆيۈملۈك ۋە ئوماق بولۇپ كەتكەندەك، كىيىم - كېچەك بىلەن ئۆزىنىڭ سەت يەرلىرىنى  ئورىمىغان ئىنسان خۇددى بەزى ھايۋانلاردەك سەت، كۆرۈمسىز ۋە قورقۇنۇچلۇقتۇر. شۇڭا ھەر بىر مىللەت ۋە خەلقنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي كىيىم - كېچەكلىرى بار بولۇپ، بۇ كىيىم - كېچەك ئۇسلۇبى شۇ مىللەتنىڭ ئۆرپ- ئادىتىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى يەرلىك خەلقنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە كىلىماتقا ئاساسەن،  ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى  قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان نەچچە ئەسىرلىك كۈرەشنىڭ نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىىسى ۋە ياراتقان تارىخىي ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەچكە، نۇرغۇن مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. كىيىم - كېچەك گەرچە بىر پارچە رەخ، خۇرۇم ياكى يۇڭدىن ئىبارەت ئاددىي ئەشيادەك كۆرۈنسىمۇ، بۇلارنىڭ سۈپىتى، رەڭگى ، شەكلى ۋە نۇسخىسى ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن، كىيىم - كېچەك ئىنسانلارنىڭ روھ، ئىجتىمائىي ۋە مۇ

كېسەللىكنىڭ ئېغىزدىن كىرىشى ئاسان، مەقئەتتىن چىقىشى تەس

ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ ئىستېمالغا كىرىشى، تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق ناتوغرا تۇرمۇش ئادىتىنىڭ جىقىيىشىغا ئەگىشىپ، ئېغىز پەقەت ئوزۇقلۇقنىڭ كىرىش ئېغىزى بولۇپ قالماستىن، يەنە كېسەللەرنىڭ ھۇجۇم قىلىش بازىسىغا ئايلىنىپ قالدى. زامانىۋى ئىنسانلارنى كېسەل كۆپىسگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقان جىددى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئېغىز دېگەن كاماردىن كىرمەكتە. تۇتۇرۇقسىز ۋە يالغان گەپنى جىق قىلىش بىلەن پەقەت بەدەن كېسەللىكلىرىلا ئەمەس، روھ ۋە ئىجتىمائىي كېسەللىكلەرمۇ بۇ ئېغىزدىن كىرمەكتە.  ھەقىقەتەن ئىنسانلار ئېغىزىدىن قېرىپ كېتىۋاتىدۇ. ئېغىز بولسا بەدەن دېگەن بۇ سىرلىق كوھىقاپنىڭ سىرتقا ئېچىلغان تەبئىي تۆشۈكلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ تۆشۈكنىڭ پاكىزلىقى ۋە ساغلاملىقى پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىلمىي تەتقىقاتلار بارغانسېرى يۈرەك كېسەللىكلىرى ، مېڭە قان - تومۇر كېسەللىكلىرى، ھامىلىلىكتە يۈز بېرىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىز كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.  گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتقاندا، ئېغى

تەبئىي ھاۋا تەڭشىگۈچ بۇرۇن

  يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە، ياز ئايلىرىنىڭ چىدىغۇسىز ئىسسىق كۈنلىرىنىڭ ئۇزىراپ بېرىشغا ئەگىشىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى رولىمۇ كۈنسىرى ئېشىپ بارماقتا. بەزى رايونلار ۋە بەزى ئىنسانلارغا نىسبەتەن، ھاۋا تەڭشىگۈچسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەستەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ ئەسۋاب ئۇلار ئۈچۈن دوزاخنى جەننەتكە ئايلاندۇرغان بۈيۈك بىر كەشپىياتتەك ھېسابلانماقتا. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ مىنەتتدارلىقىنى ۋە خۇشاللىقىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىدا، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىجاد قىلغان Willis Carrier ( 1867 - 1950 )   نى خاتىرلەپ،  ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن « نەزىر - چىراق » بېرىپ ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەشمەكتە. ھاۋا تەڭشىگۈچ يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە سەۋەبمۇ ياكى چارەمۇ ؟ مەسىلىسىگە ھەممىنى قايىل قىلارلىق جاۋاپ بەرمەك تەس بولسىمۇ، ئەمما بەدىنىمزدىكى تەبئىي ھاۋا تەڭشىگۈچ بولغان بۇرۇننىڭ قىممىتىنى بىلمەسلىك ۋە ئۇنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسرىماسلىقنىڭ،  بەدىنىمىزنىڭ قىزىتمىدىن ئىسسىپ كېتىشىگە، شۇنداقلا ھەرخىل كېسەللىكلەردىن