Kayıtlar

Mart, 2024 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

سىئانىددىن زەھەرلىنىش

  ئائىلە بىر ئىنساننىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم بولغاندەك ، بىز ياشاۋاتقان مۇھىت، نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋا، ئېچىۋاتقان سۇ، قەدىمىمىز تېگىۋاتقان تۇپراقمۇ بىر ئىنساننىڭ بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . بىر ئىللىق ئائىلە مۇھىتىدىن  مەھرۇم، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىسسىق قۇچىقىدىن يىراق چوڭ بولىۋاتقان يېتىم بالىلارنىڭ جىسمانىي ، ئەقىلىي، ئەخلاقىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام يېتىلىشى تەس بولغاندەك ۋە ئۇلارغا كەلگۈسىدە كېسەللىك ، نامراتلىق ، ئوغرىلىق قاتارلىق يامان ئىللەتلەر مىراس بولۇپ قالدىغانغا ئوخشاش ، مەينەت ۋە زەھەرلىك مۇھىتتا ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئۈچۈن ساغلاملىق پەقەت ئۆتكۈنچى ئۇقۇمدىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى بۇ زەھەرلىك مۇھىتتا ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولىشى ياكى تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئاپەتلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىشى ۋاقىت مەسىلىسىدۇر. شۇڭلاشقا «ھەكىم ئىزدا» داۋاملىق تەكىتلەۋاتقان ئىدىيە بولسا ساغلاملىقنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىدۇر. يەنى جىسمانىي، ئەقلىي، ئەخلاقىي ۋە روھىي ساغلاملىقتىن تەشكىل تاپقان شەخسى ساغلاملىق بىلەن مۇھىت، ئىجتىمائىي ۋە كائىنات ساغلاملىقتىن ئىبارەت بولغان كوللېكتىپ ساغلاملىقنىڭ بى