گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار( گ. ۆ. ج )

 بۇرۇن قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك ،گېنىمىز بىزنىڭ سىر قۇتىمىز، مەخپىيەت ساندۇقىمىز بولغانغا ئوخشاش، باشقا جانلىقلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى، باشقا تۈرلەردىن پەرقلىق خۇسۇسىيەتلىرى ساقلانغان گېن كىتابى يەنى گېننومىسى بولىدۇ. بۇ كىتابنىڭ ۋاراق سانى ۋە مەزمۇنلارنىڭ ئوخشاشماسلىقى تۈپەيلى ھېكايىنىڭ پېرسوناژلىرى، ۋەقەلىكى، ئۇسلۇبىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. مەسلەن، ئىنساننىڭ 46 دانە خروموسومى بولسا، قوناقنىڭ 20،  پەمىدۇرنىڭ 24، چاشقانلارنىڭ 42 ،  مايمۇنلارنىڭ 48 ، ئاتنىڭ 64 خروموسومى بار. بۇ كىتاب يېزىلغان قەلەم ۋە ئىشلىتىلگەن رەڭ ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈرلەر ئىچىدىكى ۋە باشقا تۈرلەر ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق ناھايىتى يۇقىرى. دۇنيادىكى 8 مىليارد ئىنساننىڭ 8 مىليارد خاسلىقىنى بەلگىلەيدىغان گېنىنىڭ 99.9 پىرسەنتى ئوپمۇ- ئوخشاش بولغان بولسا، بىز بىلەن شىمپاڭزىلارنىڭ گېننىڭ 98  پىرسەنتى ئوخشاشتۇر.  شۇنداقلا بۇ كىتابنىڭ قەلەم قۇۋۋىتى ئۇ قەدەر قۇۋەتلىككى، 0.1 پىرسەنتلىك پەرق بىزنى ئوخشاشمىغان ئىنسانلار قىلسا، 2 پىرسەنتلىك پەرق بىزنى مايمۇن بولۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ. ھەتتا كىتابتىكى بىر چىكىتنىڭ ئورنى ئۆزگىرىپ ، بىر پەش بولۇپ قالسا، ھېكايىلەر ئۆزگىرىپ ، مەنالار ئالمىشىپ، توختاشقا تېگىشلىك ۋەقەلىكلەر داۋام قىلىپ، يېڭى ۋەقەلەر ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەر مەيدانغا كېلىدۇ.

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار (Genetically Modified Organisms ) ھەر خىل مەقسەت ۋە نىيەت بىلەن  بىئومېدىتسىنا تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىپ بىر جانلىقنىڭ ئۆزىدە بار بولغان گېن زەنجىرىدىكى مەلۇم گېن تىزىلىشىنى ئۆزگەرتىش ۋەياكى باشقا جانلىقنىڭ گېنىنى كۆچۈرۈش بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان يىڭى بىر جانلىق تۈرىدۇر. گ. ۆ. ج لەرنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى  مەقسەت گويا يېزا- ئىگىلىك مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش، مەھسۇلاتلارنىڭ ھەرخىل قاتتىق  كىلىمات شەرتلىرىگە بولغان ماسلىشىشچانلىقنى ئاشۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئاسان بۇزۇلۇپ قېلىشتىن قوغداش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىستېمال ئۆمرىنى ئۇزارتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھاشاراتلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئاچلىقىغا چارە بولۇش قاتارلىقلاردەك ئىجابىي كۆرۈنسىمۇ، ئەمما تېخى40 يىل ئۆتمەي تۇرۇپ كېلىنگەن ھازىرقى نۇقتىدا گ. ۆ. ج لارنىڭ ئىنسان ۋە مۇھىت ساغلاملىقلارىغا ئېلىپ كەلگەن سەلبىي ئاقىۋەتلەر، ھەل بولمىغان ئاچلىق مەسىلىلىرى ئىنسانلارنىڭ گ. ۆ. ج لارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ياخشى نىيەتلىرىگە بولغان گۇمانلىرىنى ئاشۇرماقتا.  چۈنكى پەقەت نىيەتنىڭ ياخشى بولۇشى  قانداقتۇر ئىش - ھەرىكەتنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، شۇنداققلا نەتىجىنىڭمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ.

گ. ۆ. ج بازىرىدا ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدەگېنى ئۆزگەرتىلگەن پۇرچاق، قوناق، پاختا، قىچا، بەرەنگە ۋە پەمۇدۇرلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسىغا چىداشلىق پۇرچاق ۋە ھاشاراتلەرگە چىداشلىق قوناقنىڭ بازار پېيى ئەڭ  يۇقىرى سالماقنى ئىگىلىمەكتە.  ھاشاراتلەرگە چىداشلىق قوناقنى مىسالغا ئالساق، نورمالدا تۇپراقتا ياشايدىغان ۋە ھاشاراتلەرنى ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە توكسىن ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان  Bacillus thuringinesis ( Bt )  باكتېرىيەسىنىڭ بۇ توكسىن كودلايدىغان گېنىنى قوناق گېنىغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق  ھاشاراتلەرنى ئۆلتۈرەلەيدىغان قوناق مەيدانغا كەلمەكتە. بۇ قوناق مۇ؟ ۋەياكى قوناق شەكىللىك زەھەرمۇ ؟  سىز قارار بېرىڭ. بۇنى يېگەن ھاشاراتلەر ئۆلىدىكەن يۇ، بۇلار بىلەن بېقىلغان قوي- كالىلار ئۆلمەيدۇ ۋە بۇ قوي- كالىلارنى ئىستېمال قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانى يوق دېيىش ئۈچۈن، < بۇ قوناق ناھايىتى ئەقىللىق، دوست - دۈشمەننى ئايرىيالايدۇ > دېگەن مەنتىقىسىز مەنتىقنى قوبۇل قىلشىمىز لازىم.  خىمىيەلىك دورىلار بىلەن تەبىئىي ھاشارەت ئۆلتۈرگۈچ بولغان Bacillus thuringinesis نى ئاۋۋال ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ توكسىنى بىلەن ھاشاراتلەرنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ بىمەنىلىكنىڭ ئىچىدىكى مەنانى پەقەت ۋە پەقەت ھەم خىمىيەلىك دورىلار ھەم گېنى ئۆزگەرتلىگەن ئۇرۇقلارنى سېتىشتىن ئىبارەت < بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش> تەك بۇ پايدىسى جىق تىجارەتتە تېپىشىمىز مۇمكىن.

باشقا بىر كىچىك زېرەكلىك شۇكى، مېتىئونىن (methionine ) ئامىنو كىسلاتا مىقدارى تۆۋەن بولغان پۇرچاققا، مەزكۇر ئامىنو كىسلاتا كۆپ بولغان فىندىقنىڭ گېنىنى يۆتكەش ئارقىلىق  پۇرچاقتىكى ئاتالمىش كەمتۈكلىكنى تۈزىتىپ يىڭى بىر پۇرچاق سۈرەتلىك بىر جانىۋار مەيدانغا ئەكەلمەكتە. شەك- شۈبھىسىز تەبىئىي  ئۆسۈملۈكلەر ۋە يېمەكلەرنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئېلېمنتلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا خۇددى پەقەت ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقاندەك ئاجايىپ بىر تەڭپۇڭلۇق مەۋجۇت. بەزى ئېلېمېنتلارنىڭ جىقلىقى ئوزۇقلارنىڭ تەسىرنى كۈچلەندۈرسە، بەزىلىرىنىڭ ئاز بولۇشى ئۇنىڭ ئەكىس تەسىرىنى ئازايتىپ ئىنسان بەدىنىگە زىيان بەرمەيدىغان شەكىلدە تەڭشەيدۇ. ئەگەر بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە ھۇجۇم قىلىنغاندا بالا- قازا ئۇنىڭدىن كېيىن باشلايدۇ. بۇ گېنى ئۆزگەرگەن پۇرچاقتىمۇ، پۇرچاقتا كۆرۈلمەيدىغان ئەمما فىندىقتا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاللېرگىيە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئەمما بۇ پاكىتلار كۆز ئالدىدا تۇرسىمۇ، بىلىم دۇنياسىدىكى بەزىلەر يەنىلا  گ. ۆ. ج لارنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق دېگەن مەيدانىدا چىڭ تۇرماقتا.

گ. ۆ. ج تېمىسى ۋە گېن تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ھەم كۈندىلىك ساغلامىقىمىزغا ھەم كېلەچەك مەۋجۇتلىقىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇڭا ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ماقالىدا بۇ تېما ئۈستىدە ئەتراپلىق توختىلىمىز.  ئۇنتۇمايلى، ھەر بىر يېڭىلىقتا بىر مەنپەت بولۇش بىلەن  بىرگە بىر پالاكەت يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا يېڭىلىق دەپ يېڭىلىققا يېڭىلمەيلى!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى