Kayıtlar

Şubat, 2024 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

تائام تۇزسىز، تۇرمۇش تەمسىز بولۇپ قالمىسۇن

  تۇز ئىنسان ۋە تەبىئەتنىڭ ئۆز ماددىسى بولۇپ، ئېكولوگىيىلىك ۋە فزولوگىيلىك تەڭپۇڭلۇق بۇ تۇز ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا تۇزسىز دېڭىز سېسىپ كەتسە، تۇزسىز ئىنسان ئۆلۈپ كېتىدۇ. تۇزنىڭ مۇھىملىقىدىن ئىنسانلار تارىختا بۇ ئاق ئالتۇن ئۈچۈن قان تۆككەن، ئەجدادلىرىمىز تۇزنى ئۇلۇغلاپ سەمىمىيەتسىز، خىيانەتچى ئادەملەرنى تۇزكور دەپ تەرىپلىگەن. بۈگۈن بولسا ئىنسانلار بۇ تۇزنىڭ ئۆزىگە تۇزكورلۇق قىلغاچقا ئىش قوشۇلغان بۇ ئىسمى تۇز ئاق ماددىنىڭ دەردىدىن ئىنسان قان قۇسماقتا. ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئاقسىل مەنبەسى بولغان گۆشلەرنى بۇ تۇز بىلەن تۇزلاپ بۇزۇلۇپ قىلىشتىن ساقلىغان بولسا، شۇئان ئىنساندىن ئىبارەت بۇ گۆش پارچىسى  تەبىئىيلىكى، كرىستاللىقى بۇزۇلغان تۇزلارنى ئىستېمال قىلىش بىلەن مەيدانغا كەلگەن قان بېسىمى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بىلەن  ئاسانلا كۆكۈرۈپ قالماقتا. مېدىتسىنا دۇنياسىمۇ سەۋەبنى تۇزغا ئاتىپ ئۆزىنىڭ قان بېسىمىنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ مېڭىگە قان چۈشۈش، مېڭە قان - تومۇر توسۇلۇش ، يۈرەك تىقىلمىسى، بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى مەغلۇبىيەتلىرىنى يوشۇرسا، ئەڭ ئاساسلىق